شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

2020- يىلى 7- ئاۋغۇست، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا ۋە ئاخبارات جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ  ۋەكىلى نىزامىدىن تەمكىنىي، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى دوكتۇر ئابدۇلكېرىم بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىس ۋەكىلى ئادىل ئابدۇقادىر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەتنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

ھەيئەت مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خاتىرە گىلەم ھەدىيە قىلدى.

بۇ ئۆمەك يەنە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مۇدىرى ساۋاش ئۈنلۈ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. 

117303242_1196514890716145_1977036885057190345_n

 

ھەيئەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەم-قايغۇسى ۋە ئارزۇ-تەلەپلىرىنى تۈركىيە رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈپ، خەلقىمىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە بارغان ئىدى.

ھەيئەت ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

ھەيئەت سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نوپۇس مەسىلىسى، سۇرىيەدىكى ئەسىر ئايال ۋە بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى، تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى، يېقىندا تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان پەرزەنتلەرنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تەلەپ قىلىۋاتقان تۇغۇت ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ئىش بېجىرىشتە توي خېتىنى شەرت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى، «87» نۇمۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنى تىزىملىكتىن چىقىرىش مەسىلىسى، تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنى قويۇپ بېرىش، چەتئەلدىن تۈركىيەگە كىرەلمەي قالغانلارغا يول ئېچىش بېرىش، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەيۋەن پاسپورتى بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ھەيئەت يۇقىرىدا تەلەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مىنىستىردىن ئومۇمەن ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشتى. ئاخىرىدا ھەيئەت سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خاتىرە گىلەم ھەدىيە قىلدى.

ەيئەت يەنە كۆچمەنلەرئىدارىسى باش مۇدىرى ساۋاش ئۈنلۇ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى ساۋاش ئۈنلۈ ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ھەيئەت باش مۇدىرغا ھازىرغىچە تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت) ئالالمىغانلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى يەتكۈزدى ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىدىمۇ ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشتى.

ھەيئەت يەنە مىنىستىر سۇلايمان سويلۇغا خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېڭى بىر دوكلات سۇندى.