ئايالنىڭ رولى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئادەم ئاتىمىز ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم باسقان ئىنسانلار، ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن مۇرەككەب ۋەقە، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. تەبىئىكى، بۇ تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ پاراۋۇزى سۈپىتىدە ئانىلارنىڭ رولىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئانىلار مەيلى ئىسلام تارىخىدا ياكى ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخلاردا بولسۇن ئۇلارنىڭ رولى بەلگىلىك تەسىرى كۈچكە ئىگە. ئىسلام دىنىمىزدا بولسا ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ھەق- ھوقۇقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىر-قىممىتى كۆتۈرۈلگەن. ئىسلام تارىخى ئاياللارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ياراتقان ئۈلگىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجلىرى ئەرلەرنىڭكىدىن ھەرگىز كەم بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ئاللاھ ئانىلارنىڭ ئورنىنى ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھاجەر، ئاسىيە، مەريەم، خەدىچە، ۋە ئائىشە ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش نۇرغۇن ئانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قۇرئان كەرىمدە ئاشكارا ياكى ئىىشارەت قىلىش بىلەن ئوتتۇرا قويۇپ ئۆتكەن.

ئالىدىغان بولساق، ھاجەر ئانىمىز سەۋەبلىك زەمزەم ئاپىرىدە بولغان بولسا، سافا- مەرۋىدە سەئيى قىلىش يەنە ئۇنىڭ ئىزناسى سۈپىتىدە ئىسلام شوئارى بولۇپ بەلگىلەنگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرىنچى بولۇپ ئىمان ئېيتقان كىشى ئايال (خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا).

ئىسلامدا تۇنجى شېھىتلىق شەرىپىگە نائىل بولغان كىشى ئايال (سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد، سالاھىددىن ئەييۇبى، فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد قاتارلىق قوماندانلارنى يېتىشتۈرگەنلەر ئايال ئىدى.

ئاياللار جەمئىيەت ھاياتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغاندىمۇ، ئۇلار ئەرلەرگە نىسبەتەن يەنىلا سالماقلىقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى ئانىلار جەمئىيەتنىڭ ئۇلى بولغان ئائىلىنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولۇپ،بالىلار ئانىلارنىڭ دىيانىتىنى ۋە ئەخلاقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىگە يەرلەشتۈرىدۇ. چۈنكى، ئانىلار پەرزەنت ھاياتىدىكى تۇنجى مۇئەللىملەردۇر.

قۇرئان كەرىم ھەزرىتى مەريەم، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە قاتارلىق پاك ۋەئۈلگىلىك ئاياللارنىڭ، يەمەن مەلىكىسى بەلقىسقا ئوخشىغان جاسارەتلىك ۋە تەدبىرلىك ئاياللارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ زامانىدا ئاياللار ئەرلەر ئىشتىراك قىلغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە بار ئىدى، ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە شىفا بىنتى ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئايالنىڭ بازار باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. مەلۇمكى، بازار باشقۇرۇش ئىشلىرى ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس.

ئەپسۇسكى، ئاياللارنىڭ ئىسلام دەۋىتى ۋە جىھاد يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ۋە ھەربىر ئىسلام دەۋرىدىكى رولى شۇنچىلىك كاتتا، شۇنچىلىك مۇھىم بولغان تۇرۇقلۇق، كېيىنكى ئەسىرلەردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ غەلىبىلىرى تىلغا ئانچە ئېلىنمايدىغان، ئۇلارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان، ئۇلارنى جەمئىيەتتىن يەكلەپ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا قىستايدىغان، ئىسلام تەلىماتىغا يات چاقىرىقلار ۋە پەتىۋالار كۆپىيىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلەرنىڭ زامانلىرىدا ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئەرلەر بىلەن بىللە جىھادقا چىققان، ئىلىم سورۇنلىرىدىن قېلىپ قالمايدىغان، بارلىق ئاممىۋى ئىبادەتلەردە، دەۋەتلەردە ئەرلەردىن قېلىشماي ھازىر بولىدىغان ئاياللار كېيىنكى ئەسىرلەردە، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلار چېكىنىشكە باشلىغان ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا ئىگە بولالمايدىغان، بالا تۇغۇش ۋە تاماق ئېتىشتىن باشقا ئىشقا سېلىنمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ھەرساھە بىلىملىرىنى ئىگىلىشى تەرغىب قىلىنماي، ئەكسىچە ئۇلارنى بۇ يولدىن چېكىندۈرىدىغان پەتىۋا ۋە چاقىرىقلار كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن: ئانا ۋەتىنىمىزدە «قىزلار ئوقۇسا تەلەيسىز بولۇپ قالىدۇ»، «قىزلار بەرىبىر خەقنىڭ بالىسى، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش تەتۈر تەشۋىقاتلار يامراپ كەتتى، ھەتتا ئاياللارنى كەمسىتىپ «ئايالنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا» دەيدىغان قاراشلار ئومۇملاشتى. قىسقىسى، ئاياللارغا قۇرئان كەرىم بەرگەن ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئېتىبارلار ھېچ بېرىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار بىلىمسىز، مەرىپەتسىز ۋە نادان قالدۇرۇلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۆسكەن پەرزەنتلەر خۇددى ئانىلىرىدەك نادان، بىلىمسىز بولۇپ ئۆستى. نەتىجىدە، بىز بۈگۈنكى كۈنگە قالدۇق.

بىزدە ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى كامىل مۇسۇلمان دەپ بىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كىچىكىدە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقىدىن بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان مۇھىم بىلىملەردىن بىخەۋەر ئۆسكەنلىكىنى ھېچ بىلمەيدۇ. بۇنى مۇرەككەپ نادانلىق دەيمىز. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاز ساندىكى ئائىلە تەربىيەسى جايىدا بولغان، كىچىكىدىن ئەقىدە، ئىمان، ئەخلاق، ھالال-ھارام، ئەدەپ-قائىدە دېگەنلەرنى سۇدەك ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ چوڭ بولغان كىشىلەر مانا مەن دەپ تۇرىدۇ. جانابى ئاللاھ تائالا بىزنىمۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغاي ئامىن.

مېنى يېتىشتۈرگەن ۋە ئوقۇتقان كىشى ئايال ئىدى. ئۇ بولسا رەھمەتلىك ئانام مەدرىسە ھاياتىدىن ھامان تۇرمۇش ھاياتىغا يۆتكەلگەن، مەدرىسىدە ئوقۇغانلىرىنى بىر- بىرىلەپ ئائىلىسىدە تەتبىق قىلغان، ھەقىقىي دىيانەتلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋە قوشنىلارغا ئۈلگە ئىدى. تىلىم چىقىپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشنى ئۆگەنگەن چېغىمدىلا ماڭا ئاۋال كەلىمە شاھادەتنى ئۆگىتىپ ئاغزىمغا ئىمان سالغان كىشى ئاشۇ ئانام ئىدى. مەن ئالتە ياشلارغا كىرگەن چېغىمدا قولۇمدىن يېتىلەپ نېرىقى كوچىدىكى ئايشەمخان خەلىپەمگە قۇرئان ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن ئايال ئانام ئىدى. ماڭا قۇرئان ئوقۇشنى، كىتاب ئوقۇشنى ۋە نامازنى ئۆگەتكەن كىشى تۇنجى ئۇستازىم ئاشۇ ئايشەمخان خەلىپەم دېگەن ئايال ئىدى. رەھمەتلىك ئۇستازىم ئايشەمخان خەلىپەم ئۆمرىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇتۇش، قىز-ئاياللارغا دەرس بېرىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئۆلىما ئايال بولۇپ، ھېچ ياتلىق بولمىغان ئىكەن. مەن ئوقۇۋاتقاندا يېشى يەتمىشتىن ئاشقان موماي ئىدى، ئەمما تېنى ساق، ناھايىتى ھوشيار، زېرەك، ناھايىتى تەقۋادار ۋە غەيرەتلىك ئايال ئىدى. مەن بىلسەم بالا ئوقۇتتى دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بىر قانچە قېتىم ساقچىخانىلاردا يېتىپ چىققان ئىدى. مەن بۇ تۇنجى ئۇستازىمنى خېلى –خېلى ئۆلىمالارغا تەڭ قىلمايمەن. ئانا ۋەتىنىمدە مۇشۇنداق نام-نىشانسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئايشەمخان خەلىپەملەردىن يۈزلەپ، مىڭلاپ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

ناۋادا پېقىرنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئاز-تولا ئەمگەكلىرىمنى بىر نەتىجە دەپ قارالسا، شۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ماڭا ئۈمىد ۋە مەدەت بولغان، مېنى قوللاپ ياردەم قىلغان، مەن ۋە پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن چېچىنى سۈپۈرگە قىلغان كىشى يەنىلا ئايالدۇر. ئۇ بولسىمۇ، قەدىرلىك ئايالىم ئىدى. كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا، ئائىلىدە ھۇزۇر بولمىسا، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىلا ئەمەس، ئاددىي نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئايالىم ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش، پەرزەنتلىرىمنى تەربىيەلەش ۋە بېقىش قاتارلىق مۇھىم ۋە جاپالىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ يېزىش، تەلىپ قىلىش پۇرسىتى يارىتىلدى. دېمەك، مېنىڭ غەلىبىلىرىمنىڭ ئارقىسىدا پەقەتلا ئاياللار بار دېسەم مۇبالىغە بولماس. چۈنكى ئاغزىمغا تۇنجى بولۇپ ئىمان سالغان كىشى ئايال، تۇنجى بولۇپ ماڭا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆگەتكەن كىشى ئايال، ئوقۇغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىشلىرىمدا مېنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەپ ئارقامدا تۇرغان كىشىمۇ ئايال. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارغا قانچىلىك قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.

بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىمىزدىمۇ، نۇزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان قاتارلىق يۈزلىگەن، مىڭلىغان قىز- ئاياللار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە قەھرىمانلىقنىڭ ئابىدىلىرى بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەندەك، ئاللاھ يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان، ياش ئەۋلادلارنى دىنىي ۋە مىللىي ئاڭدا تەربىيەلەشتە كاتتا نەتىجىلەرنى قازانغان، بۇ يولدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ياشنىماقتا. ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىنىڭ ھەربىر مەھەللىسىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان، جاي-جايلارغا بېرىپ قىز-ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئۆلىما ئاياللار «بۈۋۈم» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇلار ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئۇلار ئەرلەرگە نىسبەتەن قورقماس كېلەتتى، بۈۋۈملەرنىڭ دىنىي خىزمەتلىرى ئۆلىمالارنىڭكىدىن ھەرگىز ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مىللەتنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولغان ئانىلارنى تەربىيەلەيتتى.

ھازىرقى مۇشۇ دەۋردىمۇ ئەرلەر بىلەن ئوخشاشلا جاپا تارتىۋاتقان، تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەتتا شېھىت قىلىنغان ئايال ئۆلىمالىمىز، ئايال زىيالىيلىرىمىز ۋە ئايال يازغۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس. تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان، بارلىقىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئاتاپ خىزمەت قىلىۋاتقان سانسىزلىغان ئايال قەھرىمانلىرىمىز بار. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ھەر مىللەتتىن بولغان يېتىم بالىلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆز ئانىسىدەك بېقىش بىلەن بىرگە ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەۋاتقان، ھەتتا رۇس ۋە نېمىسنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئايرىماي بېقىپ، تەربىيەلەپ، مۇسۇلمان قىلىپ، قاتارغا قوشقان ئامىنەخان ھاجىم دېگەن ئۇيغۇر ئايالنى بىلىمەن. مەن ئۇ ئايالنىڭ يېتىملەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان ياتاقخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ غەيرىتىگە ھەيران قالغان ئىدىم. ئاياللارنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ، ئىنچىكىلەپ ۋە ناھايىتى دىققەت بىلەن ئىش قىلىش خۇسۇسسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر رېئاللىقتۇر. ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرى ساھەسىدە ۋە مەمۇرىي ئىدارىلەردە ئىشلەيدىغانلار ئارىسىدا ئەرلەردىن ئاياللارنىڭ كۆپ بولۇۋاتقانلىقىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

ئەپسۇسكى، بىزدە پەقەت ئەرلەرنىڭلا باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلىقى ھەققىدە سۆزلىنىدۇ ۋە يېزىلىدۇ، ئەمما شۇ ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان، ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە سۆز بولمايدۇ. ئويلايمەنكى، بۇ ئەھۋال ئاياللارنى جەمئىيەتتىن يەكلەشتىن ئىبارەت ئۇزۇن يىللىق قالاقلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلغان، ئەسىرلەردىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرىنى يېتىشتۈرگەن، ئەرلەرگە ئوخشاشلا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە شېھىت بولغان قەھرىمان ئاياللارنى تىلغا ئېلىپ قويمايمىز؟

ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ قېتىم ۋەتەندە تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۆلىمالارنىڭ سانىنى تۇرغۇزۇش جەريانىدا 650 دىن ئارتۇق ئۆلىمانىڭ ئىسىم –فامىلىيەسى تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ ئايال ئىسمى يوق. گەرچە بۇ ئىسىملىكلەرنى تۇرغۇزغۇچىلار ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن ئايال ئۆلىمالار ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇنداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. تۇتۇلۇپ كەتكەنلەر ئىچىدە ئايال ئۆلىمالار يوقمىدۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىمىزمۇ؟ بۇنى ھەربىر ئۇيغۇر ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ.