ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟

بىر مەدەنىيەت سىستېمىلىق يوقىتىلماقتا

داككا مۇنبىرى،  2020-يىلى 16-ئاۋغۇست

بىز دۆلەت باشلىقلىرى، سىياسىئونلار، ھەتتا باش ئەلچىلەر ئۇلارنىڭ شەخسىي ياكى سىياسىي مەقسىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەر قانداق نەرسىنى «ساختا خەۋەر» دېگەن سۆز ئارقىلىق تەسۋىرلەيدىغان دەۋردە ياشاۋاتقاندەك قىلىمىز.

بۇنىڭ بىر ئاساسلىق مىسالى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولۇپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئەگەر سىزنىڭ كۈن تەرتىپىڭىزگە، سىياسىتىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان دوكلاتقا دۇچ كەلسىڭىز ياكى بەزى ئەھۋاللاردا بىھۇدە ئىشلار بولسا، ئۇنى پەقەت ساختا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە يالغان دەپ قارايسىز.

شۇنداقلا، بىز يەنە رەقەملىك دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئەلۋەتتە، تېلېفون كامېراسى باشقىلار بىزنىڭ كۆرۈشىمىزنى خالىمىغان رەسىملەرگە مەخپىي ئېرىشىشىمىزگە يول ئېچىپ بەردى.

ئالدىنقى ئايدا BBC نىڭ «ئاندرېۋ مارر» پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭنى زىيارەت قىلغاندا، كۆزلىرى تېڭىلغان، قوللىرى ئارقىغا باغلانغان ئەرلەرنىڭ پويىزغا چىقىشنى ساقلاۋاتقان، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى.

ليۇ بۇ سۈرەتلەرنى رەت قىلىپ، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى «ساختا» دېدى. ئۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى، ئەكسىچە «ئاتالمىش ​​غەرب ئاخباراتلىرى»نى خىتايغا قايتا-قايتا «يالغان ئەيىبلەش» قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان بۇ سىن ماتېرىيالى دەسلەپتە بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىرقىي تازىلاش ھەققىدىكى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەۋەرلەر سەۋەبىدىن يېقىندا قايتىدىن دىققەت تارتتى. 

ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۆلكىسىدە ياشايدىغان تۈركىي مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىلەن چېگرالىنىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 11 مىليون.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىدى، بۇ رايون 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۈرمىگە سولاش ۋە قىيناش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.

بۇ ئەيىبلەشلەر سابىق مەھبۇسلارنىڭ بايانلىرى ۋە كومپارتىيىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈش مۇخبىرلىرى بىرلەشمىسىگە ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئىسپاتلاندى.

«خىتاي ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەتتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇلار «مېڭە يۇيۇش مەركىزى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دىنى، مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، كوممۇنىزمنى قوبۇل قىلىشقا، پرېزىدېنت شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ.

قامالغانلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى مەجبۇرى. 2018-يىلى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ، يەنى ھەر ئون ئۇيغۇردىن بىرىنىڭ، سىياسى «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دوكلاتلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

قىيىن-قىستاق ۋە ئاچارچىلىق

شىنجاڭدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھېكايىلىرى بىر ئاماللار بىلەن قېچىپ چىققانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. ئېيتىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، ئاچ قالغان ۋە تاياق يېگەن.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن. تىرىك مەھبۇسلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ يىغىۋېلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئاندرېۋ مار پروگراممىسىدا: «ئېنىقكى، نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بۇ كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى. 

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار - مەجبۇرىي تۇغماسلىقتىن تارتىپ تەربىيلەش لاگېرلىرىغىچە، بىزگە بىز ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان نەرسىنى ئەسلىتىدۇ». ئۇ بۇ يەردە ئالتە مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان چوڭ قىرغىنچلىقىنى ئىشارەت قىلىۋاتاتتى.

خىتاي ئەلچىسى لىيۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاتالمىش ​​كەڭ كۆلەملىك تۇغماس قىلىۋېتىش ئەھۋالى يوق. بۇ پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە زىت. مەن ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن ئايرىم ئەھۋاللارنى چەتكە قاقمايمەن. شىنجاڭدا بۇنداق جازا لاگېرى يوق».

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەقسىتىدىكى كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بىر نەرسىنى دائىم ۋە يۇقىرى ئاۋازدا تەكرارلاش ئۇنى راست قىلىپ قويمايدۇ.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز ئۇنى «قايتا تەربىيىلەش» ياكى «مائارىپ» دېسەكمۇ، مەدەنىيەتنى يوقىتىش تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بۇنىڭدىن ھالقىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

مىللىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يېڭى ھادىسە ئەمەس، ئەمما كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى 21-ئەسىردە، بىز ئۆزىمىزنى ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە ئىلغار دەپ قارايدىغان بىر دەۋردە، بۇ قىلمىش يەنىلا كەڭ تارقالغاندەك قىلىدۇ.

ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سېر كېيىر ستارمېرمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىسمىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، باش مىنىستىر بورىس جونسوننى بېيجىڭنىڭ «قاتتىق بىئارام قىلىدىغان» ھەرىكەتلىرىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى، سايە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىزا نەندى ھۆكۈمەتنى ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى مۇستەقىل ئىمبارگو تۈزۈمىنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شەخسلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى. 

گەرچە ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىدىن گۇمانلانماق تەس بولسىمۇ، يېقىندا ئامېرىكا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا چېتىشلىق دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىنىڭ ئەزالىرىمۇ بار.

خىتاي باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن ھەر قانداق ئىمبارگوغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قارشىلىق كۆرسىتىش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتاتتى، ئامېرىكا مەسىلىسىدە خىتاي ئاللىقاچان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزدى.

خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەگەر ئەنگىلىيە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانسا، بېيجىڭنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: «ئەگەر ئەنگىلىيە خىتايدىكى ھەر قانداق شەخسكە جازا يۈرگۈزسە، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي جاۋاب قايتۇرىدۇ.»

پۈتكۈل ئىشلارنىڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتنىڭ خختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىمەسلىكى. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ خەلقئارا سودا سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. مەيلى باي ياكى نامرات دۆلەت بولسۇن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش تاللاش بولالمايدۇ. بۇ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.

نادىيا كابىر بارب (Nadia Kabir Barb) يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست.