مەبلەغ سالغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە ئۈندەش سادالىرى كۈچەيمەكتە

مەبلەغ سالغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلەردىن مەبلەغلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.

ئامېرىكىدىكى «كودا ھېكايىلىرى» ناملىق مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنىنىڭ 18- سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنسايىن دىققەت تارتىۋاتقان بولۇپ، شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈش چاقىرىقلىرى كۈچەيگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە، مەسئۇلىيەتچان سودا پائالىيەتلىرىگە رىغبەتلەندۈرىدىغان «كىشىلىك ھوقۇققا مەبلەغ سالغۇچىلار ئىتتىپاقى» ناملىق بىر تاپاۋەتسىز تەشكىلات بىر دوكلات ئىلان قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار گۇرۇپپىسىدا شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت) بىلەن ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان. 

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەبلەغ سالغۇچىلار ئېنىقلانغان يوشۇرۇن ياكى ئەمەلىي زىياننى توختىتىش، ئالدىنى ئېلىش ياكى ئازايتىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك. بولمىسا، سودا مۇناسىۋىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەك.»

ئىيۇندا، «مودا ھېكايىلىرى» خىتاينىڭ سىن يوللاش دېتالى دوۋيىندا تارقىتىلغان نەچچە ئون ۋىدېئونى تەكشۈرگەن بولۇپ، زور ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ «نامراتلىقنى يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن يۆتكىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) بۇ يىل مارتتا «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ» ناملىق دوكلاتنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش تۈرىنىڭ كۆلىمى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 80 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ماركىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلدە، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىپ شەخسىي قوغداش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، نەچچە يۈز تۈركۈم ئۇيغۇر ئىشچىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە خىتاينىڭ شەرقىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتكەن. 

7-ئايدا، دۇنيادىكى 190 كىشىلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى توختىتىش ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئادىداس، ئىكېئا ۋە رالف لائورېن قاتارلىق 30 نەچچە شىركەتنى شىنجاڭ ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاسمىن ئوكوننور باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ماركا، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتى - قۇرۇق خىتابنامىلەر ئەمەس».

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «توقۇمۇچىلىق سانائىتى تەمىنلەش زەنجىرىدە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلدى، دۇنيادىكى پاختىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدن كۆپرەكى بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەلا دېھقانچىلىق ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تاپاۋەتسىز تەشكىلات «ياخشى پاختا تەشەببۇسى» 1800 دىن ئارتۇق ئەزاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار H&M ، Levi Strauss & Co ۋە Gap قاتارلىق ئاساسلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئورگان 21 دۆلەتتە تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، يەر شارى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ% 22 نى ئىگىلەيدۇ. ASPI نىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن دوكلاتىدىن كېيىن، مەزكۇر ئورگان بۇ رايوندىن كەلگەن پاختا كاپالىتىنى قايتۇرۇۋالدى.»

 ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرىنىڭ دۇنياۋى تەشۋىقات دېرىكتورى لۇيىسا گرېۋ مۇنداق دېدى: «شىركەتلەر ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىرىزىسىغا بولغان ئىنكاسى سۈپىتىدە مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خاتىرلىمەكتە، ئەمما ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى دەھشەتتىن ئايرىۋېتىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللىكىنى يەنىلا سۆزلەۋاتىدۇ».

ئۇنىڭ قارىشىچە، كارخانىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىنىڭ شىنجاڭغا تۇتىشىدىغان خام ئەشياغىچە بولغان بارلىق تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار.

«ئەگەر سىز ئەركىنلىك ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەخلاقلىق تەمىنلىگۈچى پرىنسىپىغا، شۇنداقلا ماركا سۈپىتىدە يادرولۇق سالاھىيىتىڭىزگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ئۇنداقتا ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرىشى كېرەك».