خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كوممۇنىستىك پارتىيە خىتايدىكى بارلىق ئېتىقادلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە. بۇ يەردە بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق ئىشلار بار:

باستۇرۇش قاچان باشلانغان؟

پرېزىدېنت شى جىنپىڭ 2013-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، پۈتۈن خىتايدا دىنىي باستۇرۇش كۈچەيدى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش - مەسچىت ۋە مەدرىسلەر چېقىلماقتا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قايتا تەربىيىلەش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا - خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئەمما كومپارتىيىنىڭ ئېتىقادقا ھۇجۇم قىلىشى ئىسلام بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. دائىرىلەر دۇنيانىڭ كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىدا دىققىتى چېچىلغان پۇرسەتتە خىرىستىيان دىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تېزلەتتى. رەسمىي ئاتېئىست بولغان بۇ پارتىيە ھەر قانداق ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشنى، بولۇپمۇ خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق چەتئەلدىن كەلگەن دىنلارنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ دىننى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نى يولغا قويۇپ، مۇسۇلمان، بۇددىست ۋە خىرىستىيان رەھبەرلىرىنى خىتاي كوممۇنىست ئىدىيىسىنى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىغا بىرلەشتۈرۈشكە بۇيرۇدى. پارتىيە كىشىلەرنىڭ «ۋەتەننى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى سۆيۈشىنى» خالايدۇ، دېدى خىتايدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارنى نازارەت قىلىدىغان ئورگاننىڭ باشلىقى سەن چۈەن. خىتايچىلاشتۇرۇش مىڭلىغان چېركاۋ ۋە مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىپ ۋەيران قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قالغانلىرىدا بولسا خىتاي بايرىقى لەپىلدەپ تۇرىدۇ.

خىتايدا خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خىتاي كاتولىكلىرى ۋە پروتېستانتلىرى دۆلەت تەستىقلىغان چېركاۋلارغا قاتنىشىدىغانلار - بېيجىڭ تەرىپىدىن دىنىي خادىملار تەيىنلەنگەنلەر بىلەن ئاتالمىش يەر ئاستى چېركاۋلىرىغا قاتنىشىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈپ كەلدى. خىتايدىكى 12 مىليون كاتولىكنىڭ يېرىمى ۋاتىكانغا سادىق يەر ئاستى چېركاۋلىرىدا ئىبادەت قىلىدۇ. بۇ خىل بۆلۈنۈشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن ۋاتىكان 2018-يىلى كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاي دائىرىلىرىگە يېڭى ئېپىسكوپلارنى تەيىنلەش، پاپاغا ئۇلارنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. بېيجىڭ بۇ كېلىشىمنى سۈيئىستىمال قىلىپ، خىتايدىكى 98 دىئوپوسىنىڭ يېرىمىغا ئېپىسكوپ تەيىنلەشنى رەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پوپلارغا پارتىيەنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشقا بېسىم قىلدى، ۋاتىكان شەرتنامىسى پاپانىڭ ئۇلارغا مۇشۇنداق بۇيرۇغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى. مەريەمنىڭ سۈرىتى ئورنىغا شىنىڭ سۈرىتى ئالماشتۇرۇلدى، پوپلار شىنىڭ سۆزىنى ۋەز-نەسىھەتلىرىگە سىڭدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

پروتېستانت چېركاۋلىرىچۇ؟

پروتېستانت دىنى خىتايدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز دىن، شۇڭا شى جىنپىڭنى ئەندىشىگە سالىدۇ. دۆلەت تىزىمغا ئالدۇرغان چېركاۋ «ئۈچ شەخسى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى» تەخمىنەن 39 مىليون ئەگەشكۈچىسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما كەم دېگەندە يەنە 40 مىليون كىشى يەر ئاستى «ئائىلە چېركاۋلىرى» دا ئىبادەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ - پروتېستانت بولغان خىتايلارنىڭ نىسبىتىنى% 6 كە يېقىنلاشتۇرىدۇ، بۇ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى بىلەن تەڭ كەپ قالىدۇ. بېيجىڭ ئېتىقادىنى كونترول قىلىشنى قارار قىلدى. دائىرىلەر تور كىتابخانىلىرىنىڭ ئىنجىل سېتىشى چەكلىدى ۋە يېڭى خىتايچە تەرجىمىسىنى تەييارلىدى، بەزىلەر ئۇنىڭ قىسقارتىۋېتىلگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. پوپلار ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن تەربىيىلەش يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا بۇيرۇلدى، ئۇلارغا خىتايدا «دۆلەت رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە چېركاۋ ئەگىشىدۇ» دېيىلدى. مىڭلىغان يەر ئاستى چېركاۋلىرى تاقىۋېتىلدى. ئاشكارە ئېچىلغان جايلاردا، كرېست ۋە ئىنجىللار كۆيدۈرۈلۈپ، ئېتىقادنىڭ سىمۋوللىرى تازىلاندى. چىراي پەرقلەندۈرۈش كامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، دائىرىلەر ئېتىقادچىلارنى ئىز قوغلىيالايدۇ ۋە پاراكەندىچىلىك سالىدۇ، بۇ تاكتىكا خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا بۇددىستلارغا قارشى قوللىنىلغان. 

تىبەتتە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟

تىبەت بۇددىزمى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بېيجىڭنىڭ نىشانىغا ئايلانغان، چۈنكى ئۇ تىبەت كىملىكىنىڭ مەركىزى تۈۋرۈكى. شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇ باستۇرۇش ئەۋج ئالدى. نەچچە ئون مىڭ پارتىيە ئەزاسى كۆزىتىش پروگراممىسى سۈپىتىدە ھەسسىلەپ تەشۋىق قىلىش تەشەببۇسى بىلەن بۇتخانا ۋە يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2016- يىلدىن باشلاپ، 17 مىڭغا يېقىن بۇددىست راھىبى ۋە راھىبە ئىككى مۇھىم تەربىيىلەش ئىنستىتۇتىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار توك كالتەك بىلەن ئۇرۇپ سوقۇلغان. تىبەتتىكى باستۇرۇشقا باشچىلىق قىلغان سىياسىي بيۇرو ئەزاسى چېن چۈەنگو 2016-يىلى ئوخشاش ئۇسۇلنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات مۇنداق دېدى: قولغا ئېلىنغانلار «تەڭرى يوق، پەقەت كومپارتىيە بار» دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

باشقا دىنىي گۇرۇپپىلار باستۇرۇلۇۋاتامدۇ؟

ئوتتۇرا خىتايغا تارقالغان تەخمىنەن 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت خۇيزۇلار(تۇڭگانلار-ت) ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرى خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، گۈمبەز ۋە مۇنارلار چېقىۋېتىلدى، ئەزان چەكلەندى. نۇرغۇن خۇيزۇلار كېيىنكى قەدەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. نىسبەتەن ئەركىن ساقلانغان بىردىنبىر دىن خىتاي بۇددا دىنى بولۇپ، ئۇ يەرلىك ئېتىقاد دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇمۇ پارتىيەگە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ: 2018-يىلى، شاۋلىن ئىبادەتخانىسى (گۇمپا ماكانى) 1500 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقا مەجبۇر بولدى.

ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

ترامپ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئون نەچچە شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئمبارگو يۈرگۈزدى. ئالدىنقى ئايدا، چېن ۋە باشقا ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن جازالاندى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكى توڭلىتىلدى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشى چەكلەندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمان ئېتىقادى»نى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدىكەن ئامېرىكا بىر چەتتە تۇرمايدۇ. «ئەمما سىرتنىڭ بېسىمى جۇڭگونىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،» دېدى خىتايدىكى دىنىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كارىي كوسېل، «دۆلەت دىننى مەۋجۇتلۇق تەھدىتى دەپ قارايدۇ».

فالۇنگۇڭنى يوقىتىش

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىد سالىدىغان «بەش زەھەرلىك»نى ئېنىقلاپ چىقتى: دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، تەيۋەن مىللەتچىلىرى، تىبەت ئۆكتىچىلىرى، ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى ۋە فالۇنگۇڭ - ئەنئەنىۋى چىگۇڭنى يېڭى دەۋر پەلسەپىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىدىغان مەنىۋى پەن. فالۇنگۇڭ («قانۇن چاق مەشىق») 1992-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدا سابىق كاناي چالغۇچى لى خوڭجى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، لى ئۇستازنىڭ كىتابلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە مۇلايىم جىسمانىي ھەرىكەت تەرتىپىنى مەشىق قىلغانلارغا نىجاتلىق ۋەدە قىلىدۇ. لى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تەخمىنەن 70 مىليون ئەگەشكۈچىنى جەلپ قىلدى، بۇ كومپارتىيىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئاممىبابلىق دەرىجىسى ئىدى. كومپارتىيە 1999-يىلى فالۇنگۇڭنى چەكلەپ، بۇ ھەرىكەتكە «رەزىل ئېتىقاد» دەپ قالپاق كىيدۈرگەن ۋە تۈمەنلىگەن ئەگەشكۈچىلەرنى قولغا ئالغان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئەزالىرىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەركىن مەشىق قىلالايدىغان خوڭكوڭغا قېچىپ كەتكەن فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ھازىر بېيجىڭ تەرىپىدىن بۇ شەھەرگە يۈرگۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئۇلارغا قارشى قوللىنىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. فالۇنگۇڭ باياناتچىسى ئىنگرىد ۋۇ: «بۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا ئېسىلغان پىچاق» دېدى.

بۇ ماقالە «ھەپتىلىك ژورنال» (The Week) تورىدا 2020- يىلى 23- ئاۋغۇست ئىلان قىلىنغان نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: دىلشات سۇلتان