ترامپ رەسمىي نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى، «خىتايغا تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش»قا ۋەدە بەردى

نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا 2020-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى 23-ئاۋغۇست كەچتە سىياسەت قارالمىسىنى ئېلان قىلدى، خىتاي مەسىلىسىمۇ ئاساسلىق سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىدى.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 24-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى پرېزىدېنت ترامپنى 2020-يىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا پارتىيىنىڭ رەسمىي نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك قۇرۇلتايدىن بىر كۈن بۇرۇن 23-ئاۋغۇست كەچتە، تىرامپنىڭ گۇرۇپپىسى ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىكى سىياسەت پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ پىلان خىتايغا قارىتىلغان بىر سىياسەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ سىياسەت قارالمىسى ئىقتىساد، مائارىپ، تاشقى سىياسەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە «خىتايغا تايىنىشنى تۈگىتىش» قاتارلىق ئون چوڭ سىياسەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ترامپ كەلگۈسى 10 ئاي ئىچىدە 10 مىليون ئىش ئورنى يارىتىشقا، ھەمدە 2021-يىلى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا خاتىمە بېرىپ، دۆلەتنى نورمال ھەرىكەتكە قايتۇرۇشقا ۋەدە بەردى. 

ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە كېڭەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. سىياسەت قارالمىسىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقىدا، تىرامپ ئۆزىنىڭ «خىتايغا تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ماۋزۇسىدا كەلگۈسى تۆت يىلدىكى خىتايغا قاراتقان سىياسەت پىلانىنى ئالاھىدە تەسۋىرلىدى. سىياسەت قارالمىسىدا ئۇنىڭ خىتايدىن ئامېرىكىغا بىر مىليون ياسىمىچىلىق ئىش ئورنىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى، ئامېرىكىغا خىزمەت ئورنى كۆچۈرۈپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ% 100 باجدىن كەچۈرۈم قىلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويىدۇ. ترامپ يەنە خىتايغا خىزمەت ھۆددىگە بەرگەن شىركەتلەرنىڭ فېدېراتىپ ھۆكۈمەتتىن توختام ئېلىشىغا يول قويماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىغا تولۇق مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ترامپنىڭ خىتايغا تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

خىتايدىن بىر مىليون ياسىمىچىلىق ئىش ئورنىنى قايتۇرۇپ كېلىش

خىتايدىن ئىش ئورنى يۆتكەپ كەلگەن شىركەتلەرگە باجدا ئېتىبار قىلىش

ئىشلەپچىقىرىشىنى ئامېرىكىغا يۆتكىگەن دورىگەرلىك ۋە ماشىنا ئادەم قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەرنىڭ 100 پىرسەنت كەچۈرۈمدىن بەھرىمان بولۇشىغا يول قويۇش

خىتايغا ھۆددىگە بېرىدىغان شىركەتلەر ئۈچۈن فېدېراتسىيە توختامىنى تۇتۇپ قېلىش

ۋىرۇسنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاينى تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىش

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 24-ئاۋغۇستتىن 27-ئاۋغۇستقىچە ۋاشىنگتون ۋە شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ شارلوتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي مەسىلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پارتىيە قارالمىسىدا يەنە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى ماختىدى ۋە خىتاينى تەيۋەنگە ياخشى نىيەتتە بولۇشقا چاقىردى. شۇنداقلا يەنە تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ سادىق دوستى ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەندى، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ھەر خىل ئەركىن سودا كېلىشىملىرىگە قاتنىشىشىنى ۋە تەيۋەنگە مۇداپىئە قوراللىرىنى سېتىش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

2020- يىلى 25- ئاۋغۇست