ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن ۋە خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان بىر دۆلەت رەھبىرى ئىدى. 

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو  ئابى 28- ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ پارتىيىسىدىن ئىزباسار سايلانغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئابى شىنزونىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشقا يەنە بىر يىل بار ئىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، شىنزو ئابى چوڭ ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتا بولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېسەللىك سەۋەبلىك باش مىنىستىرلىقتىن ئىستىپا بېرىشى ئىكەن. ئابى 2006- يىلى 26- سىنتەبىردىن 2007- ييىلى 27- سىنتەبىرغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن؛ ئىككىنچى قېتىم 2012- يىلىدىن ھازىرغىچە باش مىنىستىر بولغان. ئۇ ياپونىيە تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىر بولۇپ قالغان. 

باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ياپونىيە  ﻟﯩﺒﯧﺮﺍﻝ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩيەسىنىڭ رەئىسى بولغان ئابى كونسېرۋاتىپ سىياسىئون بولۇپ، سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن ئومۇمەن ئوڭ قانات مىللەتچى دەپ تەسۋىرلەنگەن. 

شىنزو ئابې ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن ۋە ئالاقىدە بولغان بىر دۆلەت رەھبىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2012- يىلى ياپونىيەدە ئېچىلىش ھارپىسىدا، لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. 

image (4)

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ 2010- يىلى 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ21 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻟﯩﺒﯧﺮﺍﻝ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺋﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.

شىنزو ئابى باش مىنىستىر بولغان مەزگىلىدە، بولۇپمۇ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرلىرى قۇرغاندىن كېيىن، 2018 ۋە 2019- يىللىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان بەزى ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە لاگىر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئابې ئىزچىل خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولغان. ئۇ يەنە، ياپونىيە ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىلەن تونۇلغان. 

نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ چىقىدىغانلىقى قىززىق نۇقتا بولماقتا. 

2020- يىلى 28- ئاۋغۇست