خىتاينىڭ ياۋروپانى جەلپ قىلىش ھۇجۇمى پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى

پەيشەنبە كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودا ۋاڭ يىغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كىشىلەر.

خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سادالار ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە ھەمراھ بولدى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەت» گېزىتى 28- ئاۋغۇست خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە «خىتاينىڭ ياۋروپانى جەلپ قىلىش ھۇجۇمى پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى» ناملىق ئوبزور ئىلان قىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ ئىتالىيەدىن باشلانغان  ۋە گوللاندىيە، نورۋېگىيە، فرانسىيە، گىرمانىيەدىن ئىبارەت بەش ياۋروپا دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ قۇرۇقلۇق زىيارىتى ھەر بىر دۆلەتتە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، خوڭكوڭلۇق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن.

خىتاي ئەنگىلىيەنىڭ خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۇتقان قارشى پوزىتسىيەسى شۇنداقلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېينىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىدىن چەكلەش قارارى سەۋەبلىك، ئەنگىلىيەنى زىيارەت تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا قىتئەسىنى خىتاينىڭ ترامپقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك شىرىك ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن، ۋاڭ يىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرى «يېڭى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى گۆرۈگە ئالىدىغانلىقى» بولغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىتالىيە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، لېكىن خوڭكوڭلۇق دېموكراتىك پائالىيەتچى ناتخان لوۋ ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىتالىيەلىك سىياسىئونلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىتلىك خاراكتېرىنى ۋە خۇاۋېينىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرگە كەلتۈرۈدىغان تەھدىتىنى تونۇشقا چاقىردى.» بۇ يىل خوڭكوڭدىن قېچىپ چىققان پائالىيەتچى لوۋ: «ئەگەر تېلېگراف، پورت، ھەتتا يادرو سانائاىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن كونترول ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىنسا، بۇ مەزكۇر دۆلەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگەن.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دى مايو خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭدىكى يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئىتالىيە 5G تورى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، دى مايو ئىتالىيەنىڭ پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە ماس كېلىدىغان ھەر قانداق مەبلەغ سېلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

گولللاندىيەدە، پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋاڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان، لېكىن رەت قىلىنغان. كۆرۈشۈش تەكلىپى خرىستىئان دېموكراتىك تەشەببۇس پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە خىتايغا قارشى پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى خېلۋېرت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستەف بلوكنىڭ خوڭكوڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى «ئەندىشىلىك» دەپ تەسۋىرلىشىدىن مەمنۇن بولغان.

نورۋېگىيەدە، ۋاڭ يى نورۋېگىيە سىياسىي سىنىپى بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ئەركىن سودا كېلىشىمىنى پۈتتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن ئۇ يەنە ئوسلودا نامايىشقا دۇچ كەلگەن.  ۋاڭ يەنە مېدىيانىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشى ھەققىدە سورالغاندا، ۋاڭ بۇ مۇكاپاتنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. نورۋېگىيە 2010- يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شياۋبوغا نوبېل مۇكاپاتى بەرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئالتە يىل پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.

ماقالىدە قارىلىشىچە، خىتاي ۋاڭنىڭ فرانسىيە ۋە گىرمانىيە زىيارىتى ھاسىل قىلغان مۇھىتقا ئەڭ قىزىقىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ترامپنىڭ خىتايغا قارشى ئېغىز ئۇرۇشىغا ئەڭ ئىھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن.

خىتاي ئۆزىنى چوڭ ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدىكى دوست سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. خىتاي يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ فرانسىيەدىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، خىتاينىڭ فرانسىيەدىكى باش ئەلچىسى  مايك پومپېئونى تۋىتتېردا «يالغانچىلىق سېتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ سودا شېرىكى بولغان گىرمانىيە خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ ھال قىلغۇچ باسقۇچى دەپ قارالغان، چۈنكى گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خىتايغا بولغان قاراش ئۆزگەرمەكتە. بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا، گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس گىرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ۋاقتلىق توختاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى، سەۋەبىخىتاي خوڭكوڭدىكى سايلامنى بىر يىل كېچىكتۈرگەن ۋە 12 پائالىيەتىچىنى قولغا ئالغان. مائاس يەنە، ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى جوشۇا ۋاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

گىرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ كەڭ دائىرىدە خىتاينى گىرمانىيە سانائىتىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشتىكى تېخنىكا شېرىكى دەپ قارايدۇ. لېكىن گىرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزالىرى خۇاۋېينىڭ گىرمانىيە 5G تورىدىن چىقىرۋېتىلىشى ھەققىدە ھۆكۈمەكتە بېسىم قىلىپ كەلمەكتە.