ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك شەھەرلىرىدە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئونلىغان ئۇيغۇر جۈمە كۈنى ۋاشىنگتون ۋە نيۇيوركتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا، ب د ت ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتىن ھالقىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئىتىراپ قىلىشقا چاقىردى.»

بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ۋاشىنگتوندىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار «ئامېرىكا ئاۋازى»غا مۇنداق دېگەن: «29- ئاۋغۇست، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكىلىپ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ تۆت يىللىقى. ئۇ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ يەرنى بىز بىلگەندەك ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى.»

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن چېن چۈەنگونىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 

118594251_320124575994660_7388071239202699267_n