خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاياللارنى ئونۇتمايلى!

جىددىي بايانات

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى(Uyghur Human Rights Project)

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى(UHRP) كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. نۇرغۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشى ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇيغۇر بىز تورىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسدا دىئالوگ ئورنىتىشقا ئىلھام بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان، ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئاتىكام روزى؛ ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا غايىب بولغان ئوغلىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ تەھدىت سېلىنغان پاتىگۈل غۇلام ئوخشاش؛ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان مەرغۇبە ئابلەش؛ سۈرگۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە تۈرمىگە قامىلىشىغا شاھىت بولغان رابىيە قادىر؛ ئۆزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئوغلى ۋە نەۋرىسىنى كۆرۈشى توسالغۇغا ئۇچرىغان رابىيخان مۇسا قاتارلىقلار خانىم – قىزلار بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىدۇر.

ئەمگەك ھوقۇقى تاجاۋۇزچىلىقى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، خىتاي ئورتاق تىلىغا پىششىق بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشقا ئۇرۇنلىشىشتا دۇچ كەلگەن كەمسىتىش ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر.  دۆلەت مەمۇرلىرىنى توردا قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئۇيغۇرلار ئوپئوچۇق كەمسىتىلگەن، ئايال نامزاتلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش تېخىمۇ روشەن. كەسىپ تەقسىم قىلىشتا كۆپىنچە ئورۇنلار خىتايلارغا قالدۇرۇلغان. گەرچە قانۇندا جىنسىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىش مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇسۇسىي ئورۇنلاردىمۇ ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە چەتكە قېقىلدى.

ئۇيغۇر ئاياللىرى ياخشىراق بىر خىزمەتكە ئېرىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچراپلا قالماستىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى زاۋاۇتلارغا يۆتكەپ خىزمەت قىلدۇرۇشىدىمۇ ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ناچار، ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن، مائاشى تۆۋەن. بۇ ئاياللار بەلگىلەنگەن زاۋاۇتلارغا ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئاندىن مائاشلىرىنىڭ يول ھەققى نامىدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار توختامدا بەلگىلەنگەن ۋاقتتىن ئاشۇرۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تاماقلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى ناچار. بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بارمىسا، ئائىلىسىدىكىلەر جەرىمانە تۆلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى كونترول قىلىشتىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئىسلامىي كىيىنىشى، ياغلىق ئارتقان ھالدا دوختۇرخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا كىرىشى قاتتىق چەكلەنگەن. بەزىدە، ئۇلار ئىسلامىي كىيملىرىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاممىۋى قاتناشلارغا چىقالايدۇ. ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە ئەتراپتىكى باشقا رايونلاردائاياللارنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا كىينىشى چەكلەنگەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلار زور سوممىلىق جەرىمانە تۆلەپلا قالماستىن، ھەتتا يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشى، مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۆي ئاختۇرۇشى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇشى بارغانسىرى كۆپەيگەن. ئەمەلىيەتتە، قانداق كىيىملەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇن ئىنتايىن مۈجمەل. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە بولغان بۇ خىل نازارەت پەقەتلا خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە نەپرەتنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن.»

بۈۋىملەرنىڭ دىنىي سورۇنلاردا قۇرئان ئوقۇشى ۋە مازارلىقلاردا تىلاۋەت قىلىشىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا تەربىيلەشكە قاتناشتۇرۇلغان. تەلىم – تەربىيە مەزمۇنلىرى ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى قوغداشتىكى رولى ھەمدە «دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش»تىكى مەجبۇرىيىتىنى تونۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق دىنىي چەكلمىلىرىگە ئىتائەت قىلغۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇلار 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. تۆۋەندىكى دوكلاتتىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيسىز: «كىرلەنگەن مۇقەددەس ھوقۇق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە بولغان تۆمۈر قان سىياسىتى».

گەرچە خىتاينىڭ پىلانلىق توغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارىغاندا كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ۋە تۇغماسلىق تەدبىرى قوللىنىشتەك رەزىل ۋاستىلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. گەرچە يېقىندا خىتايلارنىڭ بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇققا دۇچ كېلىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ دۆلەتتىكى بارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا  «باراۋەر» بولغان پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يولغا قويۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئۆمەر قانات مۇنداق دەيدۇ: « بىز پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ خەلقئارا ئاياللار بايرىمنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئاياللارنى ئونۇتماسلىقىمىز لازىم.» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ، خىتاي دۆلىتى چوقۇم ئۆز ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاياللار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتمەسلىك بەگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىشى، 1980- يىلى ئىمزالانغان «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» نىڭ پىرىنسىپلىرىغا(CEDAW) رىئايە قىلىشى لازىم دەپ قارايدۇ.