ھىندىستان تاراتقۇسى: ئەردوغاننىڭ غەلبىسى خىتايدا پانتۈركىزم ئەندىشىسى پەيدا قىلىدى

ھىندىستاندىكى ئىنگىلىزچە نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولغان «پۇل – مۇئامىلە تېز خەۋەرلىرى» گېزىتى، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسىدە ئەردوغانغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئەردوغاننىڭ پانتۈركىزم ئىدىيىسىگە قارىتا ئەندىشە  پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى زەن تاۋنىڭ «يەرشارى ۋاقت گېزىتى»گە قىلغان سۆزلىرى نەقىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە پرېزىدېنت ئەردوغانغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىلىشى خىتايدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. خىتاي ئەردوغاننىڭ پانتۈركىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ تۈركلەر ياشايدىغان مۇقىمسىز شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىگە تېخىمۇ كۆپ خىرىس يارىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ غەلبە پانتۈركىزمنىڭ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ تۈركىيەدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا ھېسداشلىق قىلىدىغان، ھەتتا قوللايىغان بىر سىياسىي كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ.»

لېكىن، ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى مۇتەخەسىسى ۋە خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى خۇا لىمىڭ مۇنداق دېگەن: «پانتۈركىزم ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، يەنە كېلىپ ئۇ ئەردوغان دەۋرىدە باشلانمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇناسىۋەت بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلايدۇ.»

«ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئېنىقلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەردوغاننىڭ غەربنىڭ سىرتىدىكى رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە باشقا سەۋەب قالمايدۇ.»

ئۇ يەنە: «نۆۋەتتە تۈركىيەدە ھېچقانداق سىرتقى ياكى ئىچكى سىياسىي كۈچ ئەردوغان دائىرىلىرىگە ئۈنۈملۈك خىرىس قىلالمايدۇ. چۈنكى ئەردوغان تېخىمۇ كۈچەيدى، تۈركىيەنىڭ غەربلىشىشى بارغانسىرى ئاجىزلايدۇ.»

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستېتۇتىدىن لى گاڭ مۇنداق دېگەن: «ئەردوغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا مەبلەغ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاشقا ئىھتىياجلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە خىتاي ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغان بىر بوشلۇق بار.»

خۇا لىمىڭ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك باشلىغان سېكۇلارىزم ئىسلاھاتى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇب بولدى.»

مەنبە: The Financial Express

2017-04-18