مۇھەممەد ئىسمى چەكلەنگەندىن كېيىن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى دىپلوماتى تىۋېتتىر نامىنى ئۆزگەرتتى

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى تىۋېتتىر ھېسابىدا ئۆزىگە «مۇھەممەد» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىدى. خىتاي بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىمغا چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى.

خىتاينىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لىجيەن، تىۋېتتىر ھېسابىدا «مۇھەممەد» ئىسمىنى قوللانغانلىقى بىلەن ئالاقە تورىدا مەشھۇر بولۇپ، تېخى يېقنقى مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭ ئىسمى «Muhammad Lijian Zhao» دەپ كۆرۈنەتتى. جەمە كۈنى ئۇنىڭ ئىسمى پەقەت « Lijian Zhao» دەپلا ئوقۇلىدىغان بولدى.

جاۋنىڭ ھېسابى بۇ ھەپتە تىۋېتتىر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن، بۇ دىپلوماتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىسمىنى قوللىنىپ دەلىللىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

لېكىن، بۇ ئىشنىڭ مۇشۇ ۋاقتتا يۈز بېرىشى پاكىستاندىكى ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. چۈنكى ئىسىم ئۆزگەرتىشنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا يېڭى سىياسەت چىقىرىپ، 29 ئىسلامىي ئىسىمنى چەكلىگەن بىر ۋاقتقا توغرا كەلگەنلىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. دائىرىلەر ئىسىم چەكلىمىسىنىڭ رادىكاللىقنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتايلارنىڭ چەتئەللەردە يەرلىكلەشكەنلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يەرلىك ئىسىم قويۇۋېلىشى ئومىي بىر ئادەتكە ئايلانغان. لېكىن جاۋنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تاللىغان ئىسمىنىڭ دىنىي مەنىسى بولغاچقا نۇرغۇن پاكىستانلىقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەم نۇرغۇن ئەگەشكۈچىگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ئۇ ئالەقە تورىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ پاكىستاندىكى مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ خىتاي پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى تەشۋىق قىلاتتى.

بۇ ئاينىڭ بېىشدا، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە دائىرىلەرنىڭ 29 ئىسلامىي ئىسىمنى چەكلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى، «مۇھەممەد»مۇ چەكلەنگەن ئىسىملار ئارىسىدا بار ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام، جىھاد، ھەج، ئەزھەر ۋە سادام قاتارلىق ئىسىملارمۇ بار.

مەنبە: بۈگۈنكى ھىندىستان(India Today)

2017-04-29