«خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامازغا ئالاقىدار 7 نۇقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى»

 

  1. خوتەن ۋىلايىتى بويىچە نامازدا ئوقۇلۇدىغان قۇرئان(سۈرە، ئايەتلەر)نى بىرلىككە كەلتۈرۈش

«قۇرئان»دا بەلگىلەنگەن 1- پارىنىڭ 1- سۈرىسى بىلەن 30- پارىدىن 9 سۈرە(94- سۈرە، 95- سۈرە، 97- سۈرە، 99- سۈرە، 103- سۈرە، 106- سۈرە، 107- سۈرە، 110- سۈرە، 113- سۈرە) تاللىنىپ، جەمئىي 10 سۈرە نامازلاردا ئوقۇلىدۇ.

  1. خوتەن ۋىلايىتى بويىچە جۈمە نامىزىدا قىلىنىدىغان تەبلىغ مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

2017- يىلى جۈمە نامىزىدا تەبلىغ قىلىنىدىغان مەزمۇنلار ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەرگە تارقىتىلدى. نۆۋەتتە پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان مۇندەرىجە ۋە مەزمۇن بويىچە تەبلىغ ۋە تەپسىر قىلىنىدۇ.

  1. خوتەن ۋيلايىتى بويىچە جۈمە نامىزىدا ئوقۇلۇدىغان خۇتبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

2017- يىلى جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنى ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەرگە تارقىتىشقا تەييار بولدى. بۇندىن كېيىن پۈتكۈل ۋىلايەت مىقياسىدىكى جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىتلەردە بىر تۇتاش تارقىتىلغان بەش پارچە ئەرەبچە خۇتبە مەزمۇنىغا ئاساسەن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. (دىنىي زاتلار پەقەت ئەرەبچىلا ئوقۇيدۇ)

  1. خوتەن ۋىلايىتى بويىچە نامازلاردا ئوقۇلىدىغان ئەزان، تەكبىر، تەسبىھ ۋە دۇئالارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش

ئەزان: «بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەن ئۇلۇغ، ۋەتەن ئۇلۇغ، ناماز ۋاقتى كەلدى، بەخت تىلەشكە تېز كېلىڭلار، ۋەتەننىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى تىلەڭلار، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەڭلار.»

  1. تەكبىر: «بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەن ئۇلۇغ، ۋەتەن ئۇلۇغ، ناماز بەرپا قىلىندى، مۇكەممەل بولۇشنى تىلەيمىز، ۋەتەننىڭ ئىناق مۇقىملىقنى تىلەيمىز، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمىز.»
  2. تەسبىھ: «ۋەتەنگە مىننەتدارمىز، شى رەئىسكە مىننەتدارمىز»
  3. دۇئا: «خوتەننىڭ تىنچ مۇقىم بولۇشىنى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى، ياشانغانلارنىڭ ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى، بالىلارنىڭ خۇشال – خۇرام چوڭ بولۇشىنى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز. خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلەيمىز!»