د ئۇ ق نىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2016- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2016- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى – يىللىق دوكلات

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017- يىلى ماي

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17- ماي ئۆزىنىڭ رەسمىي تورىدا «2016- يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 33 بەتلىك بۇ دوكلات، كىرىش سۆز ۋە سەككىز بابتىن تەشكىل تاپقان. كىرىش سۆزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ھەر قايسى باب، پاراگرافلارنىڭ ماۋزۇسى تۆۋەندىكىچە.

كىرىش سۆز

بۇ قسىىمدا بۇ دوكلاتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2016- يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان.»

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2016- يىلىمۇ بۇ رايوندىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى، بولۇپمۇ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى قاتتىق تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىدى، شۇنداقلا ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگىمۇ يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى.»

«جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تۈرى شۇنچىلىك كۆپەيدىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى جىنايەت بىلەن تولۇپ كەتتى.»

  1. I. ئىپادە ئەركىنلىكى

ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە بولغان كونتروللۇق

يانفون ۋە ئالاقە تورى

مۇخبىرلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى

تىنچ يىغىلىش ئەركىنلىكى

  1. II. دىنىي ئەركىنلىك

2016- يىلىدىكى تەرەققىياتى

دىنىي ئىشلار قانۇن – نىزاملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر

مەسچىتلەرنىڭ يېقىلىشى

دىنىي نازارەت

رامىزان چەكلىمىلىرى

ئاتا – ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرگە دائىر چەكلىمىلەر

مۇھىم ۋەقەلەر

  1. III. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى

2016- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىلىقلار

  1. IV. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش

خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش

ئىلھام توختى

ھۈسەيىن جېلىل

ئابدۇلقادىر ياپچان

باشقا مۇھىم دىلولار

  1. V. باشقا ئاممىۋى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار

ھەرىكەت ئەركىنلىكى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن چەكلىمىلەر

ئاخبارات ئەركىنلىكى

  1. VI. ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقلار

ئىقتىسادىي ھوقۇقلار

بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى

مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقلار

  1. VII. مۇساپىلار ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت

باشقا ئەھۋاللار

ئۆتمۈشتىكى مەسىلىلەر

  1. VIII. تەۋسىيەلەر

خىتاي ھۆكۈمىتىگە

خەلقئارا جەمئىيەتكە