خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشى لازىم

بايانات

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرەپتە تۇرىدۇ ھەمدە 28 يىل بۇرۇن ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى شوئار قىلغان ئەركىنلىك غايىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989- يىلى 4- ئىيۇندا ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى قىرغىن قىلىنغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا ھەمدە خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ بارلىق قۇربانلىرىنى ئادالەتكە ئېرىشتۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ھېلىمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ۋاقتا ئوخشاشلا مۇھىم، چۈنكى شى جىنپىڭ ھاكىميىتىنىڭ دىكتاتورلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ھەمدە خىتايدا نامايىشچىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان باشقا قىرغىنچىلىقلار سىر پېتى قالماقتا.

«خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ 1989- يىلى 4- ئىيۇندا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى تىنچ نامايىشچىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى خالايدۇ. دۇنيانىڭ يۈزلىگەن مەسۇم جاننىڭ ھېساب – كىتابىنى قىلماستىن نورمال ھاياتى بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەر چوقۇم بېيجىڭ يەرشارىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشىدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىشى لازىم.» دېدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىش تيەنئەنمېن مەيدانىدا توختاپ قالماسلىقى لازىم. ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھېلھەم 1997- يىلى غۇلجىدا ۋە 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن سۆيۈملۈك كىشىلىرى ئۈچۈن سەمىمىي بىر جاۋابقا ئېرىشىپ باقمىدى. ھەقىقى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىسا، بۇ ئوچۇق يارىلار خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان گۇمانىمىزىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.»

1989- يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قۇرۇق قول نامايىشچىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئاممىۋى نامايىشلارغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارنى خاتىرىلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، 1997- يىلى 5- فېۋرال غۇلجىدا، 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت زوراۋانلىقى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، 2013 ۋە 2014- يىللىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ قىرغىن قىلىنىش ۋەقەلىرىگە ئائىت ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە مۇۋاپىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى. خىتاينىڭ ئۇچۇرغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت زوراۋانلىقى ۋەقەلىرىدە ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇشى چوقۇم مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى لەرزىگە كەلتۈرۈشى لازىم. خانئېرىق(2013- يىلى ئىيۇن)، سېرىقبۇيا(2013- يىلى نويابېر) ۋە ئېلىشقۇ(2014- يىلى ئىيۇل) ۋەقەلىرىدە دۆلەت زوراۋانلىقىغا دائىر ئەيبىلەشلەر بولغىنىغا ئوخشاش، 2014- يىلى 5- ئايدىكى ئالاقاغا ۋەقەسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈشى لازىم.

1989- يىلى باھاردا تيەنئەنمىن مەيدانىغا توپلانغان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆركەش دۆلەت(Wu’er Kaixi دېگەن خىتايچە ئىسمى بىلەن كەڭ تونۇلغان) ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش بار ئىدى. ئۆركەش ئەينى ۋاقتتا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە خىتاي باش مىنىسىترى لى پېڭغا يۈزمۇ – يۈز تۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىدىن كېيىن، ئۆركەشنىڭ نامى تيەنئەنمېن نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئەڭ قاتتىق ئىزدەلگەن 21 ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىدە ئىككىنچى قاتارغا تىزىلغان.

1948- يىلىدىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى بۇلغايدىغان ياۋۇز زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ ، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنىدىغان بىر دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.» دەل مۇشۇ خىل روھ بىلەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتلەرنى خىتايدىن تىنچ نامايىشچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىرىغا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىدۇ.