پاناما پۇل ئۈچۈن تەيۋەننى سېتىپ خىتاينى تاللىدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىچىك دۆلەت پاناما 13- ئىيۇن تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ۋە «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، خىتاي ۋە پاناما ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. تەيۋەن دائىرىلىرى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى ۋە خىتاينىڭ «پۇل دىپلوماتسىيەسى»نى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا، خىتاي بىلەن پۇل دىپلوماتىيىسىدە بەسلەشمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى داۋېي 13- ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، شۇ كۈندىن باشلاپ پاناما بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى، ئۆز – ئارا ھەمكارلىق ۋە ياردەمنى ئومۇمىيۈزلۈك توختاتقانلىقىنى، پانامادىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، تېخنىك خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاناما پىرېزىدېنتى ۋارېلا بۇندىن سەل بۇرۇن سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، پاناما جۇمھۇرىيتىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، «بىر خىتاي » سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پانامانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ۋە سىياسىي ئالاقىسىنى ئۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

شۇ كۈنى، خىتاي ۋە پاناما ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

پاناما نېمە ئۈچۈن تويۇقسىز بۇنداق قارار چىقىرىدۇ؟

پانامانىڭ تۇيۇقسىز ئېلان قىلغان قارارى دۇنيا ئاخباراتىنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى. چۈنكى، تەيۋەندىكى «خىتاي جۇمھۇرىيىتى» بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 100 يىلدىن ئاشقان ئىدى. «قەدىناس دوست»نىڭ يۈز ئۆرۈشى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. بۇندىن دەل بىر يىل بۇرۇن، تەيۋەن مۇستەقىللىقنى تەرغىب قىلىدىغان پارتىيەدىن بولغان يېڭى پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى پاناماغا قىلىپ، پاناما قانىلىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى. تەيۋەن تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا پاناما ۋە خىتاي ئىككىلا دۆلەت ئەيبىلەنگەن ئىدى.

پاناما پىرېزىدېنتى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، پانامانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ «مېنىڭ دۆلىتىمىگە ماس كېلىدىغان دۆلەت» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن دېدى. بۇ يەردە ئىقتىساد مەسىلىسى ئاساسلىق تەكىتلىنىۋاتاتتى.

پاناما دۇنيادىكى ئاساسلىق خەلقئارا سودا لىنىيەسى بولغان پاناما قانىلى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتكە ئايلانغان. پاناما قانىلىى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاناما بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرغان. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، «بىر خىتاي»نى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بەزى ئانالىزچىلار پانامانىڭ قارارىنى مۇقەررەرلىك دەپ ئېيتتى.

«نيۇيورك پوچتىسى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە «پاناما خىتايدىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن تەيۋەندىن ۋاز كەچتى» دەپ ماۋزۇ قويدى.

تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى خىتاينىڭ پۇل ئارقىلىق دۆلەتلەرنى يىنىغا تارتىپ تەيۋەننى يېتىم قالدۇرۇۋاتقانلىقى ئوچۇق ئىپادىلەندى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى داۋېي باياناتىدا، پانامانىڭ قارارىدىن «غەزەپلەنگەنلىكى ۋە ئەپسۇسلانغانلىقى»نى بىلدۈردى. پانامانىڭ «جاھىللىق بىلەن دىپلوماتىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، دوستانە بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاخىرىقى مېنۇتلاردا خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ئالدىغانلىقى»نى ئېيتتى. ئۇ يەنە، «تەيۋەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن پۇل دىپلوماتىيەسى رىقابىتى ئېلىپ بارمايدۇ» دېدى.

تەيۋەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىمۇ بۇ ھەقتە جىددىي بايانات ئېلان قىلدى. تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ باياناتىدا خىتاي كۈچلۈك ئەيىبلەندى. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ باياناتچسى، خىتاينىڭ پاناما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورنىتىپ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاناما تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنىڭ سانى 20 گە چۈشۈپ قالغان.