خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى خەتەرلىك مىللەتلەر سىياسىتى

ئاپتور: بېن خىلمان(Ben Hillman)، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى كراۋفورد ئاممىۋى سىياسەت ئىنىستېتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يولغا قويغان ئەڭ يېڭى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىرى، مۇھەممەد، ھاجى، ئىسلام ۋە ئىمان قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىملارنى بالىلارغا قويۇشتىن چەكلەش بولدى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسىم قويۇش بەلگىلىمىسى «دىنىي قىزغىنلىق»نى چەكلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان. لېكىن بۇ قارار ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگىمۇ زەربە بەرگەن، خىتايدا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى دائىم ئىسلامى رادىكاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلىدۇ. تۈركىزات ۋە تۈركىنازغا ئوخشاش «تۈرك» بىلەن باشلانغان ئىسىملارمۇ چەكلەنگەن ئىدى. لېكىن «مۇھەممەد»نىڭ تۈركچە(ۋە ئۇيغۇرچە) شەكلى بولغان ۋە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان - ت)دا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان ئەرچە ئىسىم «مەمەت» چەكلەنمىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ رايوندىكى سىياسەت بەلگىلەشنىڭ مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقى ۋە مەدەنىي سەزگۈرلۈكنىڭ تۆۋەنلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدىن بېرىلگەن بىر ئەسكەرتىش ئىدى. 

بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇش بەلگىلىمىسى بۇندىن بۇرۇن «بىنورمال» ساقال قويۇش، يۈزى ۋە بەدىنىنى تولۇق ئوراشقا قارشى قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە، «رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە باشقا جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى»نى رەت قىلىش مەنئىي قىلىنغان؛ تويدا دىنىي قائىدىلەرگە قانۇنىي تەرتىپلەردىن بەكراق ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھالال پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ «باشقىلارنىڭ دەھرىي تۇرمۇشى»غا ئارىلىشىۋېلىش چەكلەنگەن.

يېڭى نىزامنامە بۇ رايوندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى كۈرىشى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان چولتا سىياسەتلەرنى قانۇنلاشتۇردى. بۇ شۇنداقلا شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ بىر قسىمى ئىدى.

بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر قاتتىق قول چېن چۈەنگو 2016- يىلى ئاۋغوستتا شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. تىبەتنىڭ سابىق سېكرىتارى بولغان چېن، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلارنى تىنجىتىش ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش بىلەن داڭق چىقارغان.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ كۆپىنچى نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار قوشنىسىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى، كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ئاختۇرۇش، كۆپ ساندىكى ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش ئاپپاراتى، پاسپورتلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ۋە چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيلەشكە سېلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەرنى ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ساندا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىندى.

2011- يىلىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىگە خەجلىگەن يىللىق چىقىمى سىرتقى مۇداپىئە چىقىمىدىن كۆپ بولۇپ كەلدى. خىتاينىڭ ئىلگىرى «مۇقىملىقنى ساقلاش» دەپ ئاتالغان، لېكىن بارا – بارا «دۆلەت بىخەتەرلىكى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ چىقىمى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. بۇ چىقىملارنىڭ كۆپىنچىسىنى پۇل ئارقىلىق ئۆلچەش قيىن.

تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى بارغانسېرى رەزىللىشىۋاتقان بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى پۈتكۈل خەلقنى نىشانغا ئالدى ۋە چوڭقۇر بىر ئەنسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇلار ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر خىتايدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار دېگەن بىر چۈشەنچىنى پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان قانۇنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىماستىن، خىتاي كومپارتىيەسى يەرلىك مەدەنىيەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە ھۆرمەت قىلمايدۇ دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈردى.

گەرچە بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىگە بەرگەن ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇلار ياشىغان رايونلارغا سالغان زور مەبلەغلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، شىنجاڭ ۋە تىبەتتە خىزمەت قىلىدىغان زىيالىيلار مىللەتلەر ئارىسىدىكى خەۋپسىرەش تۇيغۇسىنى روشەن ھېس قىلالايدۇ. بۇ خىل خەۋپسىرەش تۇيغۇسى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتتا مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك قورقۇنچىسىنىڭ كۈچىيىشىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىگە ماس ھالدا كۈچىيىۋاتقاندەك قىلاتتى.

بۇ خىل خەۋپسىرەش مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىۋاتقان ۋە بىر خىللاشتۇرىۋاتقان  تەرەققىيات سىياسىتى بىلەن مىللەتلەر ئارا «قوشۇلۇش»قا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئېيتىلىۋاتقان، لېكىن سېكۇلار خىتايچە يول تۇتۇشنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا قىممىتى بولمىغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تەرىپىدىن تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىلدى.

بېيجىڭ دۇچ كەلگەن يەنە بىر مەسىلە ياۋرو – ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە 20 مىليونلۇق كۈچلۈك مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرى رايوندىكى قوشنىلىرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشى ، شۇنداقلا خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سودا ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بېيجىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورىزم تورى بىلەن ماسلىشىپ، چېگرا سىرتىدىكى خىتاي نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 2016- يىلى قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئۇيغۇرلار چېتىلىپ قالغان، تايلاند ساقچىلىرى 2015- يىلىدىكى باڭكوك ھۇجۇمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پىلانلىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھۇجۇمدا خىتاي سايەھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كىشى ئۆلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلقائىدە ۋە «ئىسلام دۆلىتى» سېپىدە مەشىققە قاتنىشىپ، كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.

لېكىن، ئەگەر خىتاي ئىسلامغا قارشى دەپ قارالسا، ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرى بىردىنبىر تەھدىت بولماسلىقى مۇمكىن. خىتاي ئاھالىلىرى ۋە مەبلەغلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. خىتاي مەبلەغ سالغان پورت، تۆمۈر يول، قانال، سۇ ئامبىرى ۋە تۇربا يوللىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ نازۇك نۇقتلىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى قارارلىق تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بېنگال ۋە پاكىستانغا ئوخشاش سىياسىي جەھەتتىن مۇقىم بولمىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان قازاقىستاندا بولسا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملار كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى رەھبەرلەر دۆلەت ئىچىدىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئۈنۈمىدىن رازى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاھالىلەرنى چەتكە قېقىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خەۋپىگە سەل قاراش ئەخمەقلىقتۇر. خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بار، لېكىن ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھەر قانداق سىياسەت ياكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى زىدىلەيدىغان ئىجرائاتلار پەقەت ۋە پەقەت رادىكاللىقنى كۈچەيتىدىغان ئۆچمەنلىك ئوتىنىڭ ئۇلغىيىش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.

مەنبە: شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى(East Asia Forum)

2017- يىلى 12- ئىيۇن