ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىپ تۇرۇشى لازىم

(بريۇسسېل) – 10 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا – ئىتتىپاقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھەمدە دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئەمەلدە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەنگە قەدەر بۇ خىل ئالماشتۇرۇشلارنى توختىتىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 6- ئاينىڭ 22 – 23 كۈنلىرى ئارىسىدا بريۇسسېلدا ئېچىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ تەشكىلاتلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، پۇقرالار كۈچى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى جەمئىيىتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى «پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيادا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. يۇقارىدا بايان قىلىنغان تەشكىلاتلار بولسا ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايدىكى كۈنسايىن يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىتتىپاقلىق ۋە قەتئىي ئۆزگەرمەس مەيدانىنى نامايەن قىلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى.

لېكىن، 1-، 2- ئىيۇن كۈنلىرى بريۇسسېلدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كومىتىتىنىڭ رەئىسلىرى ھەم خىتايدىكى يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوچۇق – ئاشكارە تەنقىد قىلمىدى، ھەم سىياىسي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلمىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىرىمۇ بار ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇيىل 4- ئىيۇن تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىمىدى. يەنە كېلىپ، 15- ئىيۇندىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر كۈنتەرتىپنىڭ تۆتىنچى تۈرى بويىچە بايانات ئېلان قىلمىدى – ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېىتم بۇنداق قىلىشى، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا دوستلۇق ئۇچۇرى بېرەتتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇشى ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قارىتا بېيجىڭغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.

«ئۈچ ھەپتە ئىچىدە، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ سورۇندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇشقا قارىتا ئىرادە، خەيرىخاھلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر كۆرسىتەلمىدى.» دېدى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوفى رېچاردسون( Sophie Richardson). «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز ئىناۋىتى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرماسلىقى، ئەكسىچە خىتايغا ئەھمىيەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشكە تۈرتكە بولۇش تىرىشچانلىقىنى قايتىدىن ئىزىغا سېلىشى لازىم.»

2- ئىيۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىشدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى تۇسك كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى دىئالوگنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇپلاقالماستىن، خىتاي تەرەپتىن قاتنىشىدىغان ئەمەلدارلارنىڭمۇ دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، باشلىنىشىدىنلا كەمچىلىكلەرگە تولغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئېنىق ئىلگىرىلەش ئۆلچەملىرى يوق، خىتاينىڭ بېسىملىرىغا قارشى تۇرالىشى تەس، يەنەكېلىپ خىتايدىكى مۇستەقىل كۆز - قاراشلار چەتكە قېقىلغان. ئۇنىڭ نەتىجىسى بولسا، دىئالوگنىڭ ئۈنۈمى يىلسىرى تۆۋەنلەيدۇ، بارغانسىرى پەقەت دىئالوگ ئۈچۈنلا دىئالوگقا ئايلىنىپ قالىدۇ، خىتايغا ئەھمىيەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش مەقسىتىنى يوقىتىدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، بىز بىر نەچچە تەشكىلات دىئالوگنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك تەكلىپلەرنى بەردۇق – لېكىن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەكلىپلىرىمىزلا قوللىنىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2016- يىلى 6- ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ئىستراتېگىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك دىئالوگىنى ۋاقتلىق توختىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى يارىتپ بەرگەن ئىدى. ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى مەنىسىز سۆھبەتكە كۈچ سەرپ قىلغۇچە، دىئالوگنى ۋاقتلىق توختىتىپ تۇرۇشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىلگىرىلەشلىرىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشقا ئوخشاش ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى تىنچ شەكىلدە يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، تۈرمىگە قامالغان ۋە مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق ئاساسىي ئۆلچەملەرنى بېكىتپ چىقىشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسىي ئۆلچەملەرنى ئاشكارە ئېلان قىلىشى، جامائەتچىلىكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى نازارەت قىلىشى ۋە سۈرۈشتۈرىشىگە تۈرتكە بولۇشى ھەمدە خىتاي ئاممىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرىنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. بۇ ئاساسىي ئۆلچەملەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلىرىدا ئاساس قىلىنىشى لازىم.

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قارشى ئاۋازىنى چىقىرالماسلىقى خىتايدىكى مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە، شۇنداقلا بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى جار سېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە قىلىنغان خىيانەت.» دەيدۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى ئىۋېرنا مەكگوۋان( Iverna McGowan). «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى بولۇشنىڭ ئورنىغا، ياۋروپا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرىلەردە سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنىڭ باھانىسىگە ئايلىنىپ قالدى.»

مەنبە: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى(Human Rights Watch)

2017- يىلى 19- ئىيۇن