مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى خەلىپىلىك ھويلا مەھەللىسىدە ئوتتۇراھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فەرىددىن ھاجىم، خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز قېرىندىشى بىلەن ئانىسى سىكىنە بانۇ خانىمنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولدى(سەكىنە بانۇ خانىم، 1836-يىلى خوتەن مۇستەقىل خانلىقىنى قۇرغان ئابدۇراھمان پاشانىڭ پەينەۋرىسى).
بۇغرا 9 يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى، 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسلەردە يۈكسەك دىنىي ئىلىمنى ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىدە پۈتتۈردى. 1922-يىلدىن 1933-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك ۋەزىپىلىرىدە بولدى. ئۈستۈن ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە يېقىملىق شەخسىيىتى بىلەن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەتراپتا نام قازانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلىرىغا بېرىلىدىغان `ھەزرىتىم` ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى. بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەرھۇمنى `ھەزرىتىم` نامى بىلەن ياد ئەتمەكتە.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە شىئىرلار يېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شىئىرلار توپلىمىدا ئەرەپچە ۋە پارىسچە شىئىرلارنى خېلى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئۆزىنى ھەر پۇرسەتتە زامانىۋىي ئىلىملەر بىلەنمۇ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان `مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش` ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، زالىم مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى، مىللىي تەڭسىزلىكى ۋە ئېزىشلىرىدىن خەلقىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزدىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن باشلىغان. مۇھىتىدىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلىغان. بۇ كىشىلەر چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان. نەتىجىدە كۆڭلىدە، ئۆز ۋەتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش زوقى تۇغۇلغان. بۇغرا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي 30-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆرۈپ ئۆگەنگەن. دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر ساۋۇت داموللام قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكەن. نەتىجىدە، خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلاپتىن باشقا چارە يوق، دېگەن تونۇشقا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن 1930- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدە بىر يوشۇرۇن `مىللىي ئىنقىلاپ كومىتېتى`تەشكىلاتى قۇرۇلدى. بۇغرا قوماندانلىقىدا 1932- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى، قاراقاشتا باشلانغان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە، 1934- يىلى 7- ئايغا قەدەر غەرپتە يېڭىساردىن تارتىپ شەرقتە بولغان جايلار خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئازاد قىلىندى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېيىلغان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە مۇھىم ياردەملەر قىلىندى. بۇ تارىختىن باشلاپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەن مۇجاھىدلىرى باشقوماندانى بولۇپ `ئەمىر ھەزرىتىم` ئۇنۋانى بىلەن، چەتئەلدە بولسا `خوتەن ئەمرى`-دەپ تونۇلدى.
1934- يىلنىڭ ئاخىرىدا مىللىيتارىست تۇڭگان ماخۇسەننىڭ ھۇجۇملىرىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدى. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايونلىرىدا `قوراللىق يىغىلىش ۋە يۇرتقا قايتىش` پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ بۇغرا `ئابدۇللاخان ياركەندى`- دېگەن ئىسىمنى قوللانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ۋە كەشمىرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۇتاش بولغان `بۇرۇغىل` جىلغىسىغا ئورۇنلىشىپ، بۇ يەردىن پارتىزانلىق تاكتىكىسى بىلەن بىر قىسىم زىمىن ئىگەللەپ، شەرقىي تۈركىستان مىللي ئازادلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. لېكىن ئافغانىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى `ۋاخان` قەبىلىلىرىدىن سېتىپ ئالغان قوراللار ۋە ۋەدە قىلغان باشقا ياردەملەر قولغا كەلمىدى(بۇغرانىڭ يېقىن سەبداشلىرىدىن شىرئەلىخان ھاجىم، مەتقاسىم ھاجىم داموللام ۋە غپپار ھاجىملارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئافغان قەبىلىلىرى بىلەن بولغان بۇ كېلىشىم ئەسلى ئافغان بولغان يەكەنلىك قۇربانىللاھ دېگەن كىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قورال ياراقلاردىن باشقا قوراللىق 1000 كىشىلىك ئاتلىق بىر ئەترەت بىلەن ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا تەخمىنەن بىر مىليون سەر كۈمۈش تۆلەنگەن ئىكەن. ئەمما، ئافغان قەبىلىلىرىنىڭ كېلىشىمگە خىيانەت قىلىشى بىلەن بۇلار ئەمەلگە ئاشمىغان).
غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان روسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن ئىنگىلىزلار ئۆز چېگرالىرى ئەتراپىدا بۇ مىللىي ئازاتلىق ئۇچقۇنلىرىدىن، يەنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوراللىق كۈرەشلىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىشى تەبىئى ئىدى. بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە ئەندىشىلىك ئىدى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىر يىل داۋام قىلغان چېگرىدىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، ئافغانىستانغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە 1942- يىلىغا قەدەر كابۇل شەھرىدە سىياسى مېھمان سۈپىتى بىلەن ياشىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. خەلقئارادىكى مەشھۇر كىتاپخانىلار ۋە تارىخى تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماتىرىيال توپلىدى. تۆت يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە، مىللىتى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئۆز پەرزەنتىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپلىق تارىخى `شەرقىي تۈركىستان تارىخى` كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈردى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ ئەسەرنى يازغانلىقىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئالدى بىلەن گومىنداڭ كېيىن كوممۇنىستلار بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ دەپ تونۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئويغۇنۇش يالقۇنلانغانسېرى ئۇلارنىڭ بۇ ئەندىشىلىرى تېخىمۇ ئاشماقتا. خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى ئىدېئولوگىيە تەربىيە مۇتەخەسىسى بولغان چىئەن بوچۈەننىڭ، 1991- يىلى 8- ئاينىڭ 23- ۋە 24- كۈنى `شىنجاڭ گېزىتى` دە ئېلان قىلغان `شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا رەددىيە` دېگەن ئۇزۇن باياناتىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
`مۇھەممەد ئىمىن(بۇغرا) بۇ كىتابىدا، يات مىللەتلەرنىڭ(خىتايلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) تۈركلەرگە قىلغان ئىقتىسادىي ئەكىسپۇلاتاتسىيەسى ۋە سىياسىي زۇلمىنى پاش قىلىپ يات دۆلەت(جۇڭگۇنى دىمەكچى)نىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتاپ ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ قېلىشتا بىر ئۈلۈش كۈچ بولالىسا، بۇ مەن ئۈچۈن ئىپتىخارنىلارلىق ئىش بولاتتى-دېگەن. دېمەك، ئۇ بۇ يەردە بۇ كىتاپنى يېزىشتىكى غەرىزى- ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەتەننى(مۇستەقىل بولغان شىنجاڭنى دېمەكچى) سۆيۈش، مىللىتىنىڭ ھاياتىنى قوغداش، ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئاڭلىقلىقىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. قىسقىسى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇرۇن قولىغا قورال ئېلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغان بولسا، قورالنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىنمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىپ، يەنە ۋەتەن بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. گەرچە شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ ماھىيىتى تامامەن بىردەك. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئىدى، دەپ داۋراڭ سالغان ۋە قەدىمكى ۋەتىنىمىزنى جۇڭگۇنىڭ بىر قىسمى ئەمەس ئىدى، شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن مۇستەقىل ئىدى، دىگەن سەپسەتىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغان...شىنجاڭدا زىيالىلار ۋە باشقا ياشلار ئارىسىدا تۈرك مىللىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىدە 1932- يىللىرى مەھەممەد ئىمىن بۇغرا يېتەكچىلىكىدە يۈز بەرگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق قوزغىلىڭىنىڭ قالدۇرغان تەسىرى ۋە كېيىنچە ئۇنىڭ يازغان `شەرقىي تۈركىستانتارىخى` دېگەن كىتابىي ئاساسى ئىدېئولوگىيىلىك رول ئوينىماقتا....مۇھەممەد ئىمىم بۇ كىتابىدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىنىڭ مەقسىدى جۇڭگۇنىڭ ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ ئەركىن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەركىن، ئازادە تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇش دېگەن. بۇ شىنجاڭدا يېڭىدىن پەيدا بولغان مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكەت نىشانى...شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرجۇئازىيە ئەركىنلەشتۈرۈش پىكىر ئېقىمى ئەدەپ كەتتى، تار مىللەتچىلىك كەيپىياتى بىراز ئۆسۈپ قالدى، ئايرىم مىللىي بۆلگۈنچىلەر قۇتراپ كېتىشتى. مەھەممەت ئىمىننىڭ `شەرقىي تۈركىستان تارىخى` كىتابىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى يېڭىباشتىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى....ھەر دەرىجىلىك پارتىيە رەھبىرى ئورگانلىرى بۇ خەۋپنىڭ ئېغىرلىقىنى تولۇق مۆلچەرلەپ، بۇنىڭغا قارشى چارە-تەدبىر ئېلىش لازىم`.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، 1937- يىلى ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە يازغان شىئىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان `قاسائىدى ۋەتىنىيە` شىئىرلار توپلىمىنى بېسىپ تارقاتتى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەپلەردىن بىرسى، ئىنقىلاپ قوشۇنىدا زامانىۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنىڭ يوق دىگۈدەك ئاز بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلاردىن بىر قانچىسىنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىپ، پەننى مەكتەبلەردە ئوقۇتتى ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى تۈركىيىگە ئەۋەتىپ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتتى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، بۇ ئۆزگىرىشلەردىن پايدىلىنىش بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىنى `قەلەم كۈرىشى` يولى بىلەن، يەنى، سىياسىي ۋە ئىدىيىۋىي سەپلەردە ئېلىپ بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
شۇ پەيت(1940-يىلى) تە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن خىتاي(جۇڭگۇ) مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كەلگەن ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئەيسا ئالپتېكىن بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ، بىر پىكىرگە كېلىشتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، خاتىرىسىدە بۇ مۇزاكىرىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:`ئەيسابەگدىن جاڭكەيشى قاتارلىق خىتاينىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ئەۋەتتىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مېنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ جۇڭگۇ-تۈركىستان ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاپ خەت كەلدى....`
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن ۋە كەڭتاشا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 1942-يىلى ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرى(ھازىر پاكىستاندا)گە كەلدى. بۇ قېتىم كالكۇتتىدىكى خىتاي باش كونسۇلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ۋە چاپسانراق خىتايغا كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ھىندىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقان ئىنگىلىز دائىرىلىرى، ياپون ئۇرۇشىنىڭ ھىندىستانغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادەك بىر مىللىي ئازاتلىق رەھبىرىنى `خەتەرلىك ئۇنسۇر`- دەپ، پىشاۋۇر، مەركىزى تۇرمىسىدا نازارەت ئاستىغا ئالدى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، خىتايغا كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1945-يىلىغا قەدەر چوڭچىڭ (خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى)دا تۇردى.بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يۈزمۈ-يۈز تۇرۇپ، سىياسىي مىللىي ئىنقىلاپ ئېلىپ باردى.سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازاتلىق داۋاسىنى ئاڭلاتتى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كېلىشىدىن ئىلگىرى خىتايغا كېلىپ، ئولتۇراقلاشقان مىللىي مۇجاھىد سەپداشلىرى دوختۇر مەسئۇد سابىرى بايكۇزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، قادىر ئەپەندى سامانى ۋە ئىسمائىل ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن `يۇرتداشلار جەمئىيىتى` دە سىياسىي ساھەدە بىرلىكتە كۈرەش قىلدى. خىتاي خەلق ئاممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى گۇئومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان `چوڭچىڭ مىللەتچىلىك` سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي نەشىرىيات، ئاخبارات ئورگانلىرىدا خىتايچە چىقىدىغان گېزىت، ژورناللاردا ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلار خىتاي ئەپكار ئاممىسى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
قەلەم كۈرەشلىرى داۋامىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ماقالىلاردىن بىرى 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى `داگوڭباۋ`دا ئېلان قىلىنغان `شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان` ۋە `شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر` دېگەن مەۋزۇلاردىكى ماقالىلار ئىدى. ئىلمىي بەس-مۇنازىرە شەكلىدە داۋام قىلغان بۇماقالىلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئاتاقلىق خىتاي مىللىيەتچى تارىخ ئالىمى لى دوڭفاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى، دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان `داگوڭباۋ` دىكى ماقالىسىغا رەددىيە بېرىپ يېزىلغان ماقالىلار ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىلمىي ئاساستا ۋە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى ماتىرىياللىرىنى پاكىت قىلىپ رەددىيە بەرگەن بۇ ماقالىلىرى ئالدىدا لىدوڭفاڭ `جاۋاپسىز` قالدى ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئاشكارا مۇنازىرىلەر خىتاي پارلامېنتىدا، خىتاينىڭ داھىسى سۇنجۇڭسەننىڭ ئوغلى دوختۇر سۇن باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن تارىخشۇناس جىئانبۇجەن، تىلشۇناس گۇئومورو ۋە ماجۇڭيىڭلار بۇغرانى يوقلاپ كېلىپ، تەبرىكلىدى ۋە ھېسداشلىق قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1943- يىلى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لاھىيەسىنى بەردى. بۇ تەكلىپ لاھىيەسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا `شىنجاڭ` دىگەن سۆزنى `تۈركىستان` دەپ تۈزىتىشنى ھەمدە تۈركىستان مىللىتىنىڭ `تۈرك` ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
1945- يىلى، خىتايدا يالغۇز بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان تۈزۈمدىكى گۇئومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا خىتاي دۆلەت باشلىقى شەرقىي تۈركىستانغا قارشى قارار چىقارماقچى بولغاندا مەجلىستىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەجلىسنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىنى (بايقۇت قىلىشنى) قارار قىلغاندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاي دۆلەت باشلىقى قاتناشقان قۇرۇلتاينى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تاشلاپ چىقىپ كەتكەن. بۇ خىتاينىڭ قۇرۇلتايلىرىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نارازىلىق ھەرىكىتى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، بۇ ھادىسە ھەققىدە خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:`مەجلىس باشلاندى. مەن مەجلىس رەئىسى ئولتۇرغان سەھنە ئالدىغا كەلدىم. يىغىن زالىغا بىر قاراپ چىقتىم ۋە ئۇدۇل ماڭغان پېتىم زالدىن يۈرۈپ، يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كەتتىم. پۈتۈن ۋەكىللەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى. بۇ بىر `بايقۇت` ئېلان قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەت بولدى. مەندەك يالغۇز بىر كىشىنىڭ مەجلىسنى تەرك ئېتىپ چىقىپ كېتىشىگە باشقىلار ئانچە پەرۋامۇ قىلماس ئىدى. لېكىن مەن بۇنى ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى دەپ بىلىپ، ئاقىۋەتنىڭ نىمە بولۇشىغا ھېچ پەرۋا قىلماستىن بۇ ھەرىكەتنى قىلدىم`.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يۇقۇرىقىدەك پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەردە تېخىمۇ راتسىئونال بىر سىياسەت ئىجىرا قىلىشنىڭ كېرەكلىكىنى سەزدى.
1945- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستانغا كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت بەكمۇ ئېغىر ئىدى. گۇئومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئىككىيۈزلىمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئىشلار ئېغىزدا بىر خىل ۋە ئەمەلىيەتتە باشقا بىر خىل ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. ۋەدە قىلىنغان ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا قاتارىدا تۆۋەن كۆرۈپ ھاقارەتلەپ مۇئامىلە قىلاتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مايلىقىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق تالان-تاراج قىلىپ ئىچكىرىگە توشۇماقتا ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى پائالىيەت باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. خىتايدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن سەبداشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئەيسا ئالپتېكىن بىلەن بىرلىكتە `ئالتاي جورنىلى` ۋە `ئەرك` كۈنلۈك گېزىتىدە ماقالا ئېلان قىلىپ، مىللىتىنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇردى. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋەزىيەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاندا بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى سەزدى ۋە `شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى`نى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىنى تاماملىدى. بۇ قېتىم روس كونسۇلى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشى چىقتى. نەتىجىدە پارتىيە رەسمىي پائالىيەتكە ئۆتەلمىدى.خىتاي مەخپى ساقچىلىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىشكە باشلىدى. خوتەندە سايلام ئىشىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بارغاندا خىتاي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن پىلانلانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئۆلتۈرىۋېتىش سۈيىقەست پىلانى پاش بولۇپ قالدى. كېرىيىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق ئۈستىگە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوق چىقىرىپ يەتتە كىشىنى ئۆلتۈردى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، شەرقىي تۈركىستاندا 1947- يىلى قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە تەمىرات نازىرلىقىغا تەيىن قىلىندى. شۇنداقلا `ئەرك` گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۈرۈمچى دارىلفۇنۇننىڭ پەخرى پروفەسسور ئۇنۋانى بىلەن دەرس بەرگەن ۋە بىر قانچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلاتلار بەرگەن. ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدا تۇنجى قېتىم `ئاتوم ئېنېگىيىسى` ئۈستىدە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەپ، كۆپ تەسىر قوزغىغان. 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
1949- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندا ئائىلىسى ۋە بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككىنچى مۇھاجىرەت ھاياتى باشلاندى. بۇ جەرياندا كومۇنىست دەھشىتىدىن ۋەتەننى ۋە بار-يوق ھەر نەرسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق كەشمىرگە يىغىلغان ئىدى. بۇلار ئۈچۈن دەرھال بىر ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە باشلىرىنى قويۇپ ياتالىغىدەك بىر ماكان تېپىش كېرەك ئىدى. غەربىي تىبەتتە يەنە، نەچچە يۈز كىشى پانا تىلەپ، چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن توپلانغان ئىدى. ئۇلار ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە چېگرىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان ئىدى، مانا بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مۇھاجىرلىرىمىز ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق بىر مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەھۋالغا كۆرە، بەزىدە `شەرقىي تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى باشلىقى`، `سابىق شەرقىي تۈركىستان ئومۇمى ۋالى مۇئاۋىنى` ۋە بەزىدە `پاناھلىق تىلەپ چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىلى` سۈپىتىدە كەشمىر ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى بىلەن، ھىندفىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى. ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەيسا ئالپتېكىن ۋە باشقا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە نەتىجە بەردى ۋە مۇھاجىرلار ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشتى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلىرىمىزنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتى رەسمى قارارنامە ماقۇللاپ 1850 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق پانا تەلەپ قىلغۇچىلارنى `ئىسكانلىق(ئولتۇراقلاشقان) كۆچمەن`- سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىشىنى قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا يۇقۇرىقىدەك 1949- ۋە 1952- يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ تۇرغان يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئىقامەت(ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى) مەسىلىلىرىنىمۇ يۇقۇرىقىدەك تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەل قىلدى.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1952- يىلى تۈركىيەگە كەلدى ۋە 1955- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتتى. بۇ، دۇنيادا `سوغۇق ئۇرۇش`نىڭ تازا ئەۋج ئالغان دەۋرى بولۇپ، تۈركىيە `غەرپ دۇنيا` سېپىگە مەنسۇپ بولغان ۋە كورىيە (چاۋشيەن) ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. بۇغرا بۇ ۋەزىيەتتە سوۋىت رۇسيەسى ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە غەربىي تۈركىستانلىق، كافكاسىيە، ئىدıل-ئورال ۋە ئەزەربەيجانلىق مىللىي رەھبەرلەر بىلەن `تۈرك بىرلىكى`، `تۈرك ئورتاق فرونتى` غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ 1953- يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە `تۈركىستان` ئىسىملىك ئايلىق ژورنال چىقاردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسى ۋە جاپالىق كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلىدى. 1956- يىلى تۈركچە ۋە ئىنگىلىز تىلىرىدا `تۈركىستان ئاۋازى` ئىسىملىك ژورنالنى چىقاردى. ئەرەپ ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ `ئازاتلىق رادىيوسى` ۋە `ئامېرىكا ئاۋازى` قاتارلىق رادىيولاردىن سۆزلىگەن تۈركچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە نۇتۇقلىرى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە، پۈتۈن دۇنيادا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ياڭرىدى.
1952- يىلدىن باشلاپ، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغدات، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتناشتى.
1958- يىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلدى.
مۇھەممەۋد ئىمىن بۇغرا مەيلى ياش تالىپ ياكى مۇدەررىرلىك چاغلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدە، چوڭچىڭدا، مەيلى كەشمىردە، پامىر تاغلىرىدا بولسۇن، ئەنقەرەدە ھاياتىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە بولسۇن، ئۇيغۇرچە-تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ۋە ياكى ئېلان قىلىنمىغان، 1400 مىسراغا يېقىن شېئىرلىرىدا باشتىن-ئاخىر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ پاك ۋىجدانىنى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك جەسۇر روھىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ پامىر تاغلىرىدىكى سەپىرى جەريانىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان ئېپىك داستانى، `شۇڭقارىم` ناملىق لېرىك شىئىرى، `ۋەتەن بىزنىڭدۇر` قاتارلىق شىئىرلىرى خەلقنىڭ قايغۇسى بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ، خەلقنىڭ دەردى بىلەن تەڭ يىغلايدىغان ئىچكى روھى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرسە، `ئويغان مىللەت، سىلكىن، توپلان!` قاتارلىق شىئىرلىرى مىللەتنى ھۆرلۈك، ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرغان جەڭگىۋار شىئىرلىرىدۇر.
بۇغرانىڭ تۈرلۈك شەكىلدە يېزىلغان شىئىرلىرى تىلىنىڭ رەڭدارلىقى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلىرىنىڭ بايلىقى، لىرىك ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈكلىگى ۋە تۇراق، ۋەزىن، قاپىيەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن ئۇيغۇر شىئىرىيىتىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەدەبىي قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتۈن ھاياتى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا جاپا مۇشەقەتلىك، تىللاردا داستان بولىدىغان، قېلىچى ۋە قەلىمى بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن تولغان. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاددىي-ساددا ياشىدى. بۇ جەسۇر ئىرادىسىنى چوڭ ئۈمىتلەر بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بىر چاغدا ئۇنىڭ ھارماس-تالماس يۈرىكى 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، چۈش ۋاقتى بىلەن، ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە سېلىشتىن توختىدى. مەرھۇمنىڭ جىنازىسى رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالبايرىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى يوپۇق قىلىپ ئەنقەرەدىكى ئەسكىرى مازارلىققا دەپنە قىلىندى.
بۈگۈن، بۇغرانىڭ تۇپراق بېشى ئەنقەرەگە يولى چۈشكەن ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ چوقۇم زىيارەت قىلىدىغان بىر يېرى بوپقالدى.
ئاتلان تەييارلىدى