خىتاينىڭ يىراق غەربىدە «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» شەكىللەنمەكتە (2)

ئاپتورى توم فىللىپس()

مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى

قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتلار كوممۇنست پارتىيەنىڭ قاتتىق قوللار گوروھىدىن بولغان ۋە تىبەتنى تىنچىتىش ئارقىلىق بېيجىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن چېن چۈەنگونىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىدا ئەۋج ئالغان كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر قسىمى ئىدى.  

ئىككىلا سىياسىي سەزگۈر رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز(Adrian Zenz)نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش بىر قاتار يېڭى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

 

خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى 2000 يىللىق قەدىمىي بوستانلىق قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار. سۈرەتنى ھامىي تورى ئۈچۈن توم فىللىپس تەمىنلىدى

نۆۋەتتە، ئۇلار زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول بولغان ۋە نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭلار، مىللىي توقۇنۇشلار، يېقىندا بولسا پۇقرالارنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن بۇ رايوندا ئوخشاش ئىشنى قىلالىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېئولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان زېنز: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇ بۇ يەرگە... شىنجاڭنى تىنچىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.» دېدى.

چېن چۈەنگو ۋاقت ئىسراپ قىلىپ ئولتۇرماستىنلا تالاش – تارتىشلىق ئىجرائاتلىرىنى يولغا قويدى. ئۇ ئالدىنقى يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بولغاندىن بۇيان، ئالاھىدە قىسىم خادىملىرىدىن تارتىپ ئانچە – مۇنچە تەربىيەلەنگەن ياللانما ساقچىلارغىچە بولغان مىڭلىغان بىخەتەرلىك خادىمى شەھەر، بازار ۋە كەنتلەرنىڭ كوچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن دەرىجىلىك نازارەت قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارغا رايوندىكى 23 مىليون ئاھالىنى – ئەڭ مۇھىمى 10 مىليونلۇق كۈچلۈك ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.

زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭدا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاللىبۇرن «يۇقىرى چەكتىن مۇتلەق ئېشىپ كەتكەن». بۇ يىلنىڭ تۇنجى بەش ئېيىدا بۇ خىلدىكى خىزمەت ئورنىدىن 31 مىڭى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي ساندىنمۇ كۆپ بولغان. ئۆتكەن يىلى 32 مىڭ ئامانلىق خادىمى ياللانغان.

«بۇ خۇددى سابىق شەرقىي گېرمانىيەگە ئوخشايدۇ» دېدى زېينز - «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى».

(داۋامى بار)

مەنبە: ھامىي(The Guardian) تورى

2017- يىلى 23- ئىيۇن