مىسىر: ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمە!

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch)

(بېيرۇت، 2017- يىلى 8- ئىيۇل) مىسىر دائىرىلىرى نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلماننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

2017- يىلى 3- ئىيۇلدىن باشلاپ، دائىرىلەر مىسىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 62 كىشىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادۋوكات ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمىغان. مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئۈستىدىن ئۇلارنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«مىسىر دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە قولغا ئېلىشنى توختىتىشى كېرەك» دېدى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دېرىكتورى ساراھ لىھ ۋىستون. «مىسىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار چوقۇم خالىغانچە قولغا ئېلىنىش ھەمدە زىيانكەشلىك ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بار بولغان دۆلەتكە قايتۇرۇلۇش قورقۇنچىسىدىن ئازاد بولۇشى لازىم.»

تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنياغا داڭلىق ئىسلامىي بىلىم يۇرتى بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتايدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا كۆپىنچىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مىسىردا تۇرۇش كىنىشكىسى بار.

7- ئىيۇل، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەزھەرنىڭ چوڭ ئىمامى ئەھمەد ئەلتەييىبقا بىر مەكتۇپ يېىزپ، ئۇنىڭدىن مىسىر دائىرىلىرىنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاھىرەدە ياشاۋاتقان تۆت ئۇيغۇر ۋە مىسىرنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ۋە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر پائالىيەتچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 3- ئىيۇلدىن باشلاپ، مىسىر ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار كۆپ بارىدىغان ئاشخانا ۋە سودا ساراي قاتارلىق بىر قانچە ئۇرۇندا ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان. مەسىلەن، 7- ئاينىڭ بېشىدا، مىسىر ساقچىلىرى بىر ئاشخانىغا بېسىپ كىرگەن ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. دائىرىلەر ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ 6- ئىيۇل مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىر ئەمەلدارىدىن نەقىل قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 12 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرىۋېتىلگەن، قاماقتا تۇرۇۋاتقان باشقا 22 ئۇيغۇر قايتۇرۇلۇشقا تەييارلانماقتا ئىكەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەستىن بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

بۇ قولغا ئېلىش ۋەقەسى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەل غەففۇر بىلەن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىمىننىڭ 19- ئىيۇندىكى بىر ئۇچرىشىشىنىڭ ئارقىسىدىن يۈز بەرگەن. ئۇچرىشىشتا، چىن جىمىن خىتاينىڭ «رادىكال تەشكىلاتلار»غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشقا بولغان ئارزۇسىنى تەكىتلىگەن.

قاھىردە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرئەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئېيتىشىچە، 7- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ گۇگۇم ۋاقتىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا ئۆيى بار كوچىدا ساقچىلارنى كۆرگەن. ئۇ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشتىن قورقۇپ ئۆيىگە قايتمىغان. بۇ كىشى 2008- يىلىدىن بۇيان مىسىردا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تىزىملاش كارتىسى بار ئىكەن. لېكىن ئۇ ھېچ قاچان پاناھلانغۇچىلار قانۇنى بولمىغان مىسىر ھۆكۈمىتىدىن ھۆججەت تاپشۇرىۋالمىغان.

ئىلگىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاز دېگەندە 39 ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان ۋە بىر ساقچى ئىدارىسىگە قاماپ قويۇلغان. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئۆيىدىن قېچىپ كەتكەن.

ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە، مىسىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار. 2016- يىلى سېنتەبىردە، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشكە ۋە خىتاينىڭ مەخسۇس تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىشكە ۋەدە بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورىزم»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش نامىدا شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)دا كونتروللۇقنى كۈچەيتتى. 2015- يىلى، خىتاي سوتى 1419 كىشىنى – كۆپىنچىسى ئۇيغۇر – دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزگەن، «بۆلگۈنچىلىك»كە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ۋە تېررورىزمغا قاتناشقان دەپ بېكىتكەن. ھالبۇكى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق ۋە تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، مۇستەقىل ئۇچۇر مەنبەلىرى يوق ھېسابتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىش خاتىرىلىرى، شۇنداقلا بۇندىن بۇرۇنقى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش دىلولىرىدىكى ئەدلىيە تەرتىپلىرىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى، ئەگەر بۇ شەخسلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، تەن جازاسى ۋە باشقا خورلاشلارغا ئۇچراش خەۋپىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.

خەلقئارا قانۇنلار ۋە تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەر قانداق شەخسنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىلگەن جايدا زىيانكەشلىك، تەن جازاسى ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا ئۇچراش خەۋپىنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، كۆپ قېتىم خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. 2015- يىلى ئاۋغۇستتا، تايلاند 220 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. 2012- يىلى دېكابىردا، مالايسىيا ئالتە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ئىككىلا ۋەقەدە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند، مالايسىيا ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە سالامەتلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدى.

«مىسىر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى توختىتامدۇ - يوق، بۇ مىسىرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلىشى ياكى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ۋاستىسى بولۇشىنى سىنايدىغان بىر سىناق.» دېدى ۋىتسون. «ھايات خەۋپ ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن.»