«ساقچى دۆلىتى»دە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)دا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى ۋە شىنجاڭ ئاھالىلىرىگە قارىتا نۇرغۇنلىغان چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلار، نۇرغۇن تەدبىرلەرنىڭ ئامانلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىدىن نارازى بولدى. چەتئەل مۇتەخەسىسلىرى خىتاي بىر «ساقچى دۆلىتى» قۇرماقتا دەپ قارىدى.

(گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر روزا ھېيتتا قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان قاينام – تاشقىنلىققا چۆمەتتى. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگە ئۇ يەرگە گىلەملەرنى سېلىپ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيتتى. لېكىن بۇ يىل، ھەيۋەتلىك مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئاجايىپ جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ناماز ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ ئەڭ ئاز بولۇشى ئىكەن. بىر سودىگەرنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت شەھەرنى چۆرىدەپ قاتمۇ – قات تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇپ، قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشىنى توسقان. ساقچىلار مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پوستتا تۇرغان. جامائەت مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

ئۆتكەن يىلى، بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭغا كۆپ مىقداردا بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئەۋەتكەن. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامنامىسى»مۇ بۇ يىل 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ نىزامنامىنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ چەتئەللەردە جەڭگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ چېگرا سىرتىدا قوراللىق تەلىم – تەربىيە ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى توسۇش ئىكەن. ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە كۆپ قېتىم تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل 2- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەمياد يىغىنىغا قوراللىق ساقچى، ج خ خادىملىرى ۋە مىنبىڭ(بۇ سۆزنى «خەلق ئەسكىرى» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق – ت)لاردىن بولۇپ تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ خىل قەسەمياد يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر قايسىسىغا مىڭلارچە كىشى قاتناشقان.

ئۇنىڭىن باشقا، رايون ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر بارغانسىرى كۆپەيگەن. 2016- يىلى 11- ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، پاسپورتلىرى لازىم بولغاندا بۇ ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان. 1- ئاپرېلدىن باشلاپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامنامىسى» كۈچكە ئىگە بولغان. نىزامنامىدا، «قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى ئۆتىمەي تۇرۇپ دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش؛ بىنورمال ساقال ۋە ئىسىم قويۇش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىپادىلەش» قاتارلىقلار مەنئىي قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نىزامنامىدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، «ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى، ئاپتوموبىل بېكىتى ۋە ئايروپورت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى يۈزىنى ئوراپ چۈمبەل ئارتقان، دىنىي ئەسەبىيلىك بەلگىلىرىنى تاقىغان كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشى ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرۇشىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى، ھەمدە ۋاقتىدا ج خ ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىشى لازىم» دېيىلگەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر قىسىم شەھەرلەردە چۈمبەل ئارتقان ۋە ئۇزۇن ساقال قويغانلارنى ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزماسلىق بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان. يېڭى نىزامنامە مەزمۇن جەھەتتىن كېڭەيتىلىپلا قالماستىن، پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىغا قارىتا چەكلەش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روزا ھېيت مەزگىلىدە خوتەندىكى ھەر قايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ساقچىلار مىلتىقلىرىنى بەتلەپ ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان، بەزىلىرى نەيزە سەپلىۋالغان. كوچىلاردا قورال – ياراق توشۇش ماشىنىلىرى تولۇپ كەتكەن. شەھەر مەركىزىدىكى مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇماقچى بولغان مۇسۇلمانلار ئىككى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈشى ۋە سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. مەسچىت ئىچىدە، قارا كۆزەينەك تاقىغان ۋە پۇقراچە كىينىۋالغان سانسىزلىغان ساقچى كىشىلەر توپىنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزۈتىۋاتاتتى. شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ج خ تارماقلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشنى، 50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى مەنئىي قىلغان، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن. بىر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن ئەرەبلەرنىڭ (ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ – ت) ئەنئەنىۋى سالاملىشىش سۆزى بولغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»نى ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 3- ئايدا، شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە كۆرۈپ، «ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان پولات قورغان قۇرۇپ چىقىش»نى تەلەپ قىلغان. ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇتەخسىسى جېيمىس لېيبولد(James Leibold) فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەمەلىيەتتە مىسلىسىز بىر ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ چىقماقتا.» نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ ئاھالىسى رادىكاللىقتىن ئەندىشە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ ۋە كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. تاشقۇرغاندىكى بىر دۇكانچى «بىز يۇرتىمىزنىڭ ئىككىنچى بىر پاكىستان ياكى ئافغانىستانغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمىز. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا رادىكاللار بار. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.» دېدى.