«خوتەننىڭ قوش تىل مائارىپى بەلگىلىمىسى»: مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ

خىتايچە چىقىدىغان «فوكۇس خەۋەرلەر تورى»( تور بەت ئادرېسى www.112seo.com)نىڭ «شەھەرلەر بۆلىكى» سەھىپىسىدە 5- ئىيۇل ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى بەلگىلىمىدە، مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە تىل ۋە يېزىق ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنغان. مەزكۇر توردا ھەر قايسى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار، ئۇچۇرلار ھەم ھەر قايسى شەھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇشلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ «بەلگىلىمە»نى چىقارغان ئورگان ياكى مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان خىتايدىكى نوپۇزلۇق بىر تور بېكەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى دائىرىلەرنىڭ بۇنى ئىنكار قىلمىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يەسلى يېشىدىن باشلاپ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نامىدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ھەرخىل شەكىلدە يوشۇرۇپ ۋە ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى.

تۆۋەندە، مەزكۇر توردا ئېلان قىلىنغان «خوتەن ۋىلايىتى 5 ماددىلىق قوش تىل مائارىپى بەلگىلىمىسى تۈزۈپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتتى» ناملىق تېما تولۇق تەرجىمە قىلىپ بېرىلدى.

بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىقنى ھەر تەرەپلىمە ئومۇملاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوشۇمچە ئوقۇتۇش ئاساسىي پىرىنسىپىدا قانۇن بويىچە چىڭ تۇرۇش.

ئىككىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەستىن 2017- يىلى كۈز ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىق ئوقۇتۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇش، باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپتىن باشلاپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا بىرىنچى سىنىپتىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىق ئوقۇتۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كېڭەيتىش، 2020- يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل – يېزىق ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش.

ئۈچىنچى، خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشتەك خاتا ئۇسۇلنى قەتئىي تۈزىتىش.

تۆتىنچى، مائارىپ سىستېمىسىدا، مەكتەپلەردە پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا يېزىلغان يېزىق، لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى ئىشلىتىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش.

بەشىنچى، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ كوللىكتېپ پائالىيەتلىرىدە، ئاممىۋى پائالىيەتلەردە، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش.

ئومۇمەن، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىگە قارىتا، پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرمىغان، ئىجرا قىلمىغان، ئەمىللەشتۈرمىگەن، «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» قىلغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلغان، كۆرۈنۈشتە بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولغانلار بىردەك «ئىككى يۈزلىمىلەر» دەپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» بويىچە قاتتىق بىتەرەپ قىلىنىدۇ.