خىتاي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى چەكلىدى

رەسمىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان -ت)دا دائىرىلەر مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ «قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

بۇ چەكلىمە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى مەنئىي قىلغان ۋە «باشلانغۇچ  ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن» خىتايچە سۆزلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن.

مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان بەلگىلىمىدە، مەكتەپلەر چوقۇم «دۆلەت ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، قوش تىل مائارىپى ئاساسىي پرىنسىپى ئاستىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى مائارىپنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

بەلگىلىمىدە يەنە، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىدا «خىتاي تىلى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇلۇشى كېرەك» ھەمدە «باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى سىنىپتىن باشلاپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سىستېمىسىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.

مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەرگە «خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشتەك خاتا ئۇسۇلنى قەتئىي تۈزىتىش»  ۋە «مائارىپ سىستېمىسىدا ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇرچە يېزىلغان يېزىق، لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى ئىشلىتىشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش» كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

بەلگىلىمىدە، بۇ يېڭى سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق شەخس ياكى مەكتەپنىڭ، «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ قارىلىپ «قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى» ئېيتىلغان. ھۆكۈمەت ئادەتتە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئاتالغۇسىنى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن رىئايە قىلمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدار بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

چىرا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر ئۇيغۇر ئايال خادىم، ئۆزىگە بۇ بەلگىلىمە ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ياۋرو – ئاسىيا ئوبزورلىرى(eurasiareview)

2017- يىل 1- ئاۋغۇست