ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ساقچى ياللاش ئەسەبىيلىكى

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى

ئاپتور: نېكتار گان (Nectar Gan)

ئۇيغۇر دىيارىدا 2016- يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ سانى 84 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن 10 يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 كە يېقىن كۆپ بولغان.

كومپارتىيەنىڭ يېڭى چولپانى چېن چۈەنگو خىتايدىكى ئۇيغۇر دىيارى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)نى سوراۋاتقان بىر يىلدەك ۋاقتتىن بۇيان، ساقچىلارنىڭ خىزمىتىدە پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىش يۈز بەردى. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن 11 ئايدا، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە دائىر ئىش ئېلانلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن 10 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېئولوگىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇتەخەسىسى ئادرىئان زېنز(Adrian Zenz) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يىراق غەربىي چېگرا رايونىدا 2016- يىلى سېنتەبىردىن بۇيان 84 مىڭدىن ئارتۇق بىخەتەرلىككە ئالاقىدار خىزمەت ئورنى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىلدىكىدىن %50 كە يېقىن كۆپ بولغان.

زېنز، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرقى تۆت ئېيىدا، تەخمىنەن  30 مىڭ ساقچى ئورنى ئېلانى چىقىرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 1600 دەك ئاشقانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا بۇ ساننىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 53 مىڭدىن  ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

 

رەسىمدە، ساقچى ئېلانلىرىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى

«بۇنىڭ يۇقىرى چېكى ھەقىقەتەن چېن چۈەنگو بىلەن بىرلىكتە كەلدى... شۇنداقلا بۇ، قولايلىق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.» دېدى زېنز. ئۇ مەھەللىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇۋاتقان ساقچىخانا تورىنى كۆزدە تۇتۇۋاتاتتى، بۇ ساقچىخانىلار رايون مىقياسىدا كېڭەيمەكتە.

چېن چۈەنگو قوشنا رايون تىبەتنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭغا يۆتكەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش سىياسەتلىرى كۆپلەپ يولغا قويۇلدى. بۇ چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە قوللغانغان ئۇسۇلى بولۇپ، تىبەتمۇ مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن يەنە بىر سەزگۈر رايون.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شىنجاڭدا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللەت خىتايلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھۆكۈمەت قانلىق ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىسلام رادىكاللىرى ۋە بۆلگۈنچىلەرگە ئارتىدۇ. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرشى ۋە تەڭسىز مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۆچمەنلىك ۋە ۋەھشىيلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇرەسسە قىلماسلىق سىياسىتى بىلەن تىبەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تىنچىتىشتا ئۈنۈمگە ئېرىشكەن دەپ قارىلىپ،  سابىق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا شىنجاڭغا يۆتكەلگەن. جاڭ چۈنشيەن مىللىي زىددىيەتلەرگە بىر قەدەر مۆتىدىل مۇئامىلە قىلغان(ئەمەلىيەتتە، جاڭ چۈنشيەن بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللانغان، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشقان _ ت)[1].

چېن چۈەنگونىڭ كۆرۈنەرلىك بىخەتەرلىك تەشەببۇسلىرىدىن بىرى بولسا، دائىرىلەر دەۋالغان «قولايلىق ساقچى پونكىتىلىرى» قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش بولۇپ، چېن بۇنى تۇنجى بولۇپ تىبەتتە 2011- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە شىنجاڭ  مىقياسىدا شەھەرلەر ۋە يېزا – قىشلاقلارغا سېلىنىۋاتقان مىڭلىغان بىر – ئىككى قەۋەتلىك بىتون قۇرۇلۇشلار ­_ ئادەتتە ھەر يۈز مېتىردا بىردىن بولىدۇ _ ساقچىلارنىڭ يەرلىك خەلققە قارىتا كۈندىلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىلا بۇنداق ساقچى پونكىتىدىن 949 نى قۇرۇش پىلانلانغان.

زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىككە ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى ئۈچۈن بولۇپ، كۆپىنچە قىسقا مۇددەتلىك توختاملار ئارقىلىق ياردەمچى ساقچىلار ياللىنىدىكەن، ئۇلار خەلق ئىشلىرى ياكى ئاممىۋى مۇلازىمەت خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىللىك، مۇقىم توختام بىلەن قوبۇل قىلىنغان رەسمىي ساقچى ياكى ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان بىر تاللاش ئىكەن.

خىتايدا ياردەمچى ساقچىلار رەسمىي ساقچىلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشىغا ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ياللىنىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ چەك – چېگرىسى دائىم مۈجمەل.

3- ئايدا، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي بوستانلىقلاردىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شەھەردىكى قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى ئۈچۈن 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 3000 ئەرنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، مىللىتى ۋە نوپۇسىنىڭ قايەردە ئىكەنلىكى چەكلەنمەيدىغانلىقى ئېيتىلغان.

قەشقەر ۋىلايىتىدە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بىر قاتار قانلىق ھۇجۇملار يۈز بەردى. 2015- يىلى ئىيۇندا بىر قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق پىچاقلىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 18 كىشى ئۆلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا ھەر ئايدا 5000 يۈەن مائاش ، 500 يۈەن مۇقىملىقنى ساقلاش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەقسىز ئۆي ۋە ياتاق تەمىنلىنىدۇ، قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن، يولدىشى قوبۇل قىلىنغان ئەر – خوتۇنلار ئۈچۈن بىنا ئۆي بېرىلىدۇ.

مائاش بىلەن بىرگە ھەقسىز تاماق ۋە ئۆي تەييار، ھەقىقەتەن سېخيلىق قىلىنغان. ھۆكۈمەت سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى بۇ شەھەردىكى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاش 4500 يۈەن، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق ساپ كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاران ئاشىدۇ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بولسا 760 يۈەن.

زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ تېزلىكتە كېڭەيتىلىشى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا مىللىي مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادقا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

«بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك، سىز قاتمۇ – قات كىملىك تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىسىز، سىزدىن دائىم گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايسىز. سەپەر ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلغان بولغاچقا، سەپەر ۋاقتى ئۇزىرىغان ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن... بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان كۆز قارشىنى يامانلاشتۇرماقتا، لېكىن خىتايلارمۇ بېسىم ھېس قىلغان، چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرىغان.» دېدى زېنز.

«ئۇنىڭ تەسىرى ھازىرقىدىن خېللا ئېشىپ كېتىدۇ، بىز ھازىر پەقەت ئومۇمىيۈزلۈك تەسىرنىڭ باشلىنىشىنىلا كۆرۈۋاتىمىز.»

قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر ئاھالىسى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل شەھەر مىقياسىدا قولايلىق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاران بىر نەچچە يۈز مېتىردىنلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى، كوچا – كوچىلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

«بەزىدە كوچىدا ھەر نەچچە ئون مېتىردا بىر ساقچىلارغا دۇچ كېلىمەن. مەن ئاندا – ساندا توختىتىلىمەن، لېكىن ئۇيغۇرلار دائىم تەكشۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلاردىن كىملىك كارتىلىرىنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.» دېدى ئۇ خىتاي ئايال.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، بارلىق سودا ساراي ۋە قورولۇق ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

«ئەلۋەتتە، بۇ بەك ئاۋارىچىلىق، لېكىن بىزدەك ئادەتتىكى خەلقنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ.» دېدى ئۇ. «بۇ كۈنلەردە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەتلا بىخەتەرلىك، باشقا ھېچ ئىش يوق.»

2017- يىل 12- ئاۋغۇست

 

 

[1] http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xitay-emeldar-09012016142712.html

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-03102016143050.html