نۇرى مۇساباي: ئۇيغۇرلارنى كىم ساتتى؟

يېقىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى «خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك ۋەدىلەرنى بەردى. تۈركىيە زىمىنىدا خىتايغا قارشى ھېچقانداق ھەرىكەتكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى كۆپتۈرۈپ تارقاتتى. ئۇيغۇرلارغا تەھدىت پەيدا قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا بەرگەن ۋەدىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى رەنجىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاچچىغىمىزدا «تۈركىيە بىزنى ساتتى» دەپ، تۈركىيەنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنى، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى ھاقارەتلەشلەر بولدى.

مەن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ساتتى دېگەن ئۈچۇرلارنى كۆرگىنىمدە بەك مەيۈسلەندىم، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. چۈنكى تۈركىيە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە دەرھال پاناھلىنىدىغان دۇنيادىكى بىردىن -بىر يېرىمىز ئىدى. تايلاند، مىسىردا يۈز بەرگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا بىر ھادىسە كەلگەندە ئۇنى غەرب ئەللىرىگە چۈشەندۈرۈش، ئۇلاردىن ياردەم ئېلىش، ئۇلاردىن دەرھال جاننى قۇتقازغۇدەك بىر پاناھلىق تىلەشنى ئاڭلىتىش بىر ئاز قېيىن ئىدى، ھەم ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما تۈركلەر بىزنىڭ دەردىمىزنى دەرھال ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ. شۇ ھامان ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك بولسۇن بىزگە جان قۇتقازغۇدەك بىر پاناھلىق بېرىدۇ. ھازىر ئاز دېگەندە 10 مىڭدەك ئۇيغۇر تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتىدۇ.

1997-يىلى مېنىڭ بېشىمغا كۈن چۈشتى، شۇ ۋاقىتتا دەرھال بېرىپ پاناھلىنالايدىغان ئىككى ئورۇن بار ئىدى. بىرى ئافغانىستان، يەنە بىرى تۈركىيە ئىدى. ئافغانىستان باشقا چارە قالمىغاندا، ئامال يوق بارىدىغان يەر ئىدى. مەن ئائىلەم بىلەن ئۈچ كۈنلۈك ترانزىت ۋىزا بىلەن تۈركىيىگە كىرىپ، بىر يېرىم يىل تۇردۇم. ئۆزەمنى ساقلاپ قالدىم. بىر يېرىم يىل ئىچىدە ھىچ بىر كىشى «سەن قاچانغىچە تۇرىسەن؟» دېمىدى.

راس تۈركىيە بىزنى ساتتىمۇ؟ بۇرۇن بولسۇن، بۈگۈن بولسۇن تۈركىيە زادى بىزنى ساتتىمۇ-يوق؟ دېگەننى ئويلاپ تور بەتلەرنى ئارىلاپ باقتىم.

تۈركىيە بۇرۇن بولسۇن ۋە بۈگۈن بولسۇن بىزنى ساتمىغان ئىكەن. ئىنشائاللاھ بۇندىن كېيىنمۇ ساتماس. لېكىن تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خېلى ئوبدانلا پايدىلاندى. باشقا دۆلەتلەرمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەتكەچكە ۋە تۈركىيەنى ئۆز قېرىندىشىمىز دەپ بىلگەچكە، تۈركىيەنىڭ بۇ دىپلوماتىك ئويۇنلىرىنى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ.

ئەسلىدە بىز سېتىلىپ بولغان. بىزنى تۈركىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە ساتمىدى. بىزنى دەل يۇقىرىقى رەسىمدە ئولتۇرغان ئۈچ كىشى ۋە ئۇلار تەۋە بولغان دۆلەتلەر ساتتى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غەلىبە قىلغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى ئۆزلىرى خالىغانچە سىزىپ چىقتى. نۇرغۇن دۆلەتلەر يېڭىدىن پەيدا بولدى. لېكىن ئەسلىدە بار بولغان دۆلەتلەر يوق بولۇپ كەتتى. يوقالغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانمۇ بار ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىل بولۇش، يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى داۋام قىلىپ تۇردى، تاكى 2004- يىلى كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولغىنىغا قەدەر داۋام قىلدى. يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىدىن مۇستەقىل بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە يەنەيۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاز دېگەندە بىرسى بولسىمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ ياكى قوللاۋاتىدۇ. لېكىن قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى يالتا، تېھران سۆھبەتلىرىدە ئۆزگەرتىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن تۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر ئېغىز بولسىمۇ ياخشى گەپ قىلمايۋاتىدۇ، ھېچ بىر پىلان ۋە ھەرىكەت تېخى يوق.

ئىراق كۇرتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلىغان ئىدى. مانا 30 نەچچە يىلدا مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئۇللىرىنى سالدى. ئالدىمىزدىكى ئاي سېنتەبىردە مۇستەقىل بولۇش رېفېراندۇمى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بىزچۇ؟ بىزنىڭ بار بولغان دۆلىتىمىز يۇقارقى ئۈچ كىشى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن ئىدى. مانا 70 يىل بولاي دېدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى كۈندىن –كۈنگە يامانلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ توغرىلىق بىرەر ئېغىز بولسىمۇ راس گەپتىن بىرنى قىلمايۋاتىدۇ.

كۇرتلارغا قىلغان شۇ ياردەمنىڭ 10% نى بىزگە قىلغان بولسا بىزنىڭ ھالىمىز بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ھالغا قالمايتتى. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىزنىڭ ئۇلارنى ياردەم بەرمىدى، ياردەم قىلمىدى دەپ ئەيىبلەش ھەققىمىز بار، چۈنكى بۇ ئۈچ دۆلەت بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قۇربان قىلغان، بىزنى خىتايغا ساتقانلار.

بۇ تارىخنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلقارا قانۇنلار بويىچە ئەرز قىلىش ئۈچۈن بۇرۇن شارائىتىمىز، ئادەم كۈچىمىز ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇمكىنچىلىكىمىز يوق ئىدى. ئەمدى بولسا يېتىشكەن بىلىم ئادەملىرىمىز بار. بۇ سىرلىق كېلىشىملەرنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى. مۇھىم ماددىلىرى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. شارائىتىمىز بار. ئەمدى بولسىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەققىدە چىقارغان خاتا قارارلىرىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملەر بويىچە نىمىشقا بۇ ئۈچ دۆلەتكە يازما تەلەپ تاپشۇرمايمىز ؟

تۈركىيەنى ساتتى دىگەندەك، نىمىشقا بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىزنى ساتقانلىقىنى تەنقىدلىمەيمىز؟ دېمەيمىز؟

بىزنى ساتقانلارمۇ، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى قايتىدىن ھەل قىلالايدىغانلارمۇ دەل مۇشۇ ئۈچ دۆلەت.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى _ بۈگۈنكى رۇسىيەنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزنى جىددى ھەل قىلىش، بىزنى قوغداشمەجبۇرىيىتى بار.

بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلمىنى توختا دېيىش مەجبۇرىيىتى، قەرزى بار.

بۇ ئۈچ دۆلەت مۇشۇ 70 يىل ئىچىدە خىتتاينىڭ زۇلمىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ئازابلانغان، خانى-ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلار ئالدىداگۇناھكار، مەسئۇليەتچىدۇر.

 

مەنبە: ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى