ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسىلى بىلەن قۇتراپ تۇرغان كىم جۇڭ ئۇن ۋە چېن چۈەنگو

مەھمەتىمىن ھەزرەت

دۇنيادا ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىكى كېسەلنىڭ ئىككى تەجرىبە ئېتىزى بار: بىرى شىمالىي كورىيە، يەنە بىرسى شەرقىي تۈركىستان.
ئۆتكەن ھەپتە، شىمالىي كورىيەدە 3 مىليون 500 مىڭ كىشى ”ئامېرىكا جاھانگىرلىگىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش“ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى. بۇ دۆلەتتە 1 مىليون 200 مىڭ مۇنتىزىم ئەسكەر بار. نوپۇسىنىڭ 40% ھەربىي ئارقا سەپنى مەركەز قىلغان ساھەلەردە ئىشلەيدۇ. بۇگۈنكى كۈندە ئاسىيادا ئادەملەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلىنگەن يىگانە دۆلەت شىمالى كورىيەدە 3.5 مىليون پۇخرا ھەقىقەتەن ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۆلۈشنى خالامدۇ؟ ياكى سەپەرۋەر قىلىنغان ”تىزىملىتىش پائالىيىتى“گە قاتناشمىسا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ تىزىملاتقانلارمۇ؟ كىم جوڭ ئۇن ئىسىملىك خام سېمىز بالا پادىشاھ ئەسەبىيلىكى تۇتقان ھامانلا قوراللىق ئارمىيىسىنى پاراتتىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئارمىيىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا پىڭراڭ مەيدانىغا يۈز مىڭلىغان پۇخرانى توپلاپ ”ياشىسۇن!“ دەپ ۋارقىراپ شوئار توۋلىتىپ ئىدېئولوگىيەلىك ئەسەبىيلىكىنىڭ پەيزىنى سۈرۈدۇ. ئوخشاش مەنزىرىنى شەرقى تۈركىستاندا كۆرۈش مۇمكىن. ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەلۋە چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا…كوچىلىرىدا خىتاي ئارمىيىسىنى دەبدەبىلىك پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەھىمە سالغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرلەردە مەيدانلارغا توپلىغان 100 مىڭلىغان ئۇيغۇر پۇخراغا “دىنىي ئەسەبىيلىككە، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرايلى“ دەپ سائەتلەرچە شوئار توۋلاتقۇزىدۇ. دىر، دىر تىترىگەن بىچارە ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزوردا ئۇزاقتىن تاماشا قىلغان ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان فاشىست چېن چۈەنگو قۇترىغان تەلۋىلىگىنىڭ پەيزىنى سۈرۈدۇ.

پۈتۈن دۇنيا ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مېنۇتنى ئىشلەپچىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، ئون مىڭلاپ، يۈز مىڭلاپ ئىنساننى مەيدانلارغا توپلاپ ئەمگەك كۈچىنى ئىسراپ قىلىدىغان يالغۇزلا شىمالى كورىيە مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بىلەن شەرقى تۇركىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلا قالدى.
شىمالىي كورىيەدىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر، خەلقلەر يوقسۇل. قەستەن يوقسۇل ۋە مۇھتاج قالدۇرۇلغان خەلققە قورساق تويغىچىلىك دۆلەت سەدىقىسى بېرىپ، خەلقنى ”كوممۇنىستىك پارتىيىگە رەخمەت“ دىگۈزىۋاتقان يەر يۈزىدە شىمالى كورىيە بىلەن شەرقى تۈركىستاندىن باشقا يەر يوق.

 

كىم ئېرسىن ھەيكىلى ئالدىدا پارتىيىگە رەخمەت دەپ تازىم قىلىۋاتقان شىمالى كورىيەلىكلەر

شىمالى كورىيەنىڭ رەسمى دۆلەت ئىسمى ”كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى“ دۇر. بۇ دۆلەتنىڭ ”دېموكراتىيە“ سۆزىنى دۆلەت ئىسمىنىڭ سۈپىتى قىلىپ قويۇشى دېموكراتىيىگە قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك ھاقارەتتۇر. بۇ دۆلەتتە ”خەلق“ سۆزىنىڭ مەناسى نۆلگە باراۋەردۇر. خىتاي كومىنىستىك پارتىيسىمۇ ”خەلق“ سۆزىنى بەك كۆپ سۈئىستىمال قىلىدۇ. ”خەلق ھۆكۈمىتى“ دەيدۇ، دەرۋازىسىغا خەلق يېقىنلىشالمايدۇ. ”خەلق قۇرۇلتىيى“ دەيدۇ. بۇ ئورگانغا خەلقنىڭ ئاسىيلىرى، خەلق دۈشمەنلىرىنى تاللاپ ئەزا قىلىنىدۇ. ”خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ دەيدۇ. بۇ ئارمىيە خەلقنى قىرغىن قىلىدۇ. بارىن، غۇلجا، ئۈرۈمچى، يەكەن ئىلىشقۇ… قىرغىنچىلىقلىرىدا قىرىپ تاشلانغان خەلقنى قىرغۇچى ”جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ ئىدى. بۈگۈن مۇشۇ سائەتتە، مەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ ”جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى“ ئۇيغۇر خەلقىنى قىرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

كورىيە يېرىم ئارىلىدا نېفىت، تەبىئي گاز بايلىقى يوق. خىتاي رەسمى سىتاتىستىكىلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاندىن قېزىلغان نېفىت ۋە تەبىئي گازنىڭ خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ 40% نى تەمىنلەۋاتقانلىقى يېزىلغان. جەنۇبى كورىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 30 مىڭ دولار. بىراق شىمالى كورىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى كىرىمى 1800 دوللار. خىتاينىڭ شېنجېن، شاڭخەيلەردە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللى كىرىم 20 مىڭ دوللار. قەشقەر، خوتەندە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق مىللى كىرىم 1000 دوللار، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئاز.

جەنۇبى كورىيەدە يىلدا 1 مىليونغا يېقىن خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئاكادېمىك تىزىملىكتە 12- قاتاردا ئورۇن ئالماقتا. شىمالى كورىيە بولسا بۇ تىزىملىكتە يوق. خىتايدا چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا. خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلىم يولىدا بۈيۈك سەپەرۋەرلىك ئىچىدە. ئوقۇتقۇچىلار ئىلمى ماقالە يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار يېڭى كەشپىياتلار ئۈچۈن تەجرىبىخانىلاردا ھەممە ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەنمەكتە. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇنىۋىېسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىلمى ماقالە ئەمەس، ”ئىككى يۈزلىمىچىلىك“ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش، تۆۋۋەنامە يېزىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي جاسۇسلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ياللىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، بىر قىسمى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتمەكتە. بىر قىسمى پۈتۈن زېھنىنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىگىدىن ئۇزىنى قانداق قوغداشقا سەرپ قىلغانلىقتىن دەرس ئۇگىنىش ئۈچۈن پىكىرىنى توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ”پارتىيىگە سادىق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش“ پرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىلىم بىلەن قوراللانغان ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىلھاملاندۇرغۇچى سۆز يوق.

شىمالى كورىيەدە ”داھى“غا سادىق بولمىغان بىلىم ئىگىسى سىنىپىي دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستاندا خىتايغا سادىق بولمىغان بىلىم ئىگىسى ”بۆلگۈنچى“ ھېسابلىنىدۇ. شىمالى كورىيە ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدا ”ئىنقىلابى كىتاپ“لاردىن باشقا كىتاپ ئوقۇش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى مەنئى قىلىنماقتا. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۇرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەر ھەر قانداق كىتابنى ئوقۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە. شىمالى كورىيە ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ چەتئەل تۈرمىلىرىدىكى جىنايەتچىلەرچىلىك ئوقۇش ئەركىنلىكى يوقتۇر.

شىمالى كورىيەدە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدىن باشقا ھەر قانداق چەتئەل قانىلىنى كۆرۈش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندىمۇ سىياسەت ئوخشاش. شىمالى كورىيەدە چەتئەل تور بەتلىرىگە كىرىش مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا چەتئەل تورلىرىغا كىرىشنىڭ جازاسى ئاز دېگەندە 5 يىللىق تۈرمە جازاسىدىن باشلىنىدۇ.

شىمالى كورىيەدە دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن چاچ قويۇش مودېلدىن باشقا خىل پاسوندا چاچ قويۇش مەنئىي قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا ساقال، بۇرۇت قويۇش مەنئى قىلىنغان. شىمالى كورىيەدە چەتئەل تاماكىسىنى سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستان يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دۇكاندارلار تاماكا، ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ساتمىسا ”دىنىي ئەسەبىي“ ھېسابلىنىدۇ. شىمالى كورىيەدە ئەمگەكچى (كوممۇنىست) پارتىيسى ئەزاسى ۋە ئەمەلدارى بولغانلار ئارىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغانلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شەرقى تۇركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشى مەنئىي قىلىنماقتا. بۇرۇن چىققانلار سوراققا تارتىلماقتا. شىمالى كورىيەدە بارلىق دىنلار مەنئى قىلىنغان. شەرقى تۈركىستاندا ئىسلام دىنى مەنئى قىلىنغان.

 

دۇنيادا شىمالى كورىيە ”ئۈستى ئوچۇق تۈرمە“ دەپ قارىلىدۇ. شەرقى تۈركىستانمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ”ئۈستى ئوچۇق تۈرمە“ دەپ قارىلىدۇ. قاتتىق سىياسى تۈزۈم ئاستىدىكى ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلى شىمالى كورىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە پۈتۈن دۆلەتتە ئۆز خەلقىگە زىيان سالغان بولسا، خىتايدا قاتتىق سىياسى تۈزۈم ئاستىدىكى ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىك كېسىلى يالغۇزلا شەرقى تۈركىستاندا قۇتىرىماقتا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە زىيان سالماقتا. شەرقى تۈركىستاندا دىنىي ئەسەبىيلىك يوق. ئىدېئولوگىيەلىك ئەسەبىيلىك بار. ئەسەبىيلىك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئۇيغۇر خەلقى ئەمەس. بەلكى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ۋە ئىدېئولوگىيە ئەسەبىيلىك تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قاتىل چېن چۈەنگو.

قىسقىسى شىمالىي كورىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان قانۇن بىلەن ئەمەس بىر شەخسنىڭ ئىرادىسى بىلەن قوراللىق كۈچكە تايىنىپ زوراۋانلىق بىلەن ئىدارە قىلىنماقتا.
ئىدېئولوگىيە تەلۋىلىكى كېسىلىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىلا يەردە قۇتراپ ئەۋجىگە چىققانلىقى، بۇ تۈزۈملەرنىڭ يوق بولىشىنىڭ سىگىنالىدۇر. تارىختا پۈتۈن زالىملار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم سىرتمىغىدا بوغۇلغان. بۇ زالىملارمۇ ياراتقان زۇلۇم سىرتمىغىدا بۇغۇلۇشقا مەھكۇم بولغۇسى.

 مەنبە: ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى