خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە خىتاينىڭ قارا قولى: كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 300 دىن ئارتۇق «سەزگۈر» ماقالىنى ئۆچۈرۈۋەتتى

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى: خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 300 دىن ئارتۇق «سەزگۈر» ماقالىنى ئۆچۈرىۋەتتۇق

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 18- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز قارمىقىدىكى «خىتاي پەسىللىك ژورنىلى»دىن 300 دىن ئارتۇق «سەزگۈر تېمېلار»غا چېتىشلىق ئىلمىي ماقالىنى ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تور بېتىدىكى نەچچە يۈز ماقالىنى قامال قىلىپ، خىتاي ئابونىتلارنىڭ «خىتاي پەسىللىك ژورنىلى»(The China Quarterly)دا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالە ۋە ئوبزورلارنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويغان.

بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل تورنىڭ تاقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغان.

مەزكۇر ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى پرىنگولنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قامال قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي دائىرىلىرى سەزگۈر دەپ قارايدىغان  تيەنئەنمېن ۋەقەسى، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مۇشۇنداق تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق ئېلېكترونلۇق كىتابنى توردىن ئۆچۈرۈۋېتىش تەلەپ قىلىنغان.

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي نەشرىيات بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىنى 16- ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن. خىتاي پەسىللىك ژورنىلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا تەسىس قىلىنغان.

بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىيا تەتقىقات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇتەخەسىسى چياۋ مۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇچۇرغا بەك ھەيران قالمىغانلىقىنى، خىتايدا بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە «بۇرۇنلاردا، ئىلىمىي ساھەگە قويۇلغان چەكلىمىلەر بىر ئاز كەڭ ئىدى، لېكىن ھازىر بەك چىڭىپ كەتتى... خىتايدا ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ توختاپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇرنى كونترول قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدىكى لا چروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تارىخى پروفېسسورى جېيمېس لېيبولد، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ خىتاينىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى «نومۇسلۇق ئىش» دەپ ئاتىدى.

«مېنىڭچە ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك، گەرچە بۇ ئىقتىسادىي قىزىل سىزىقىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلىش لازىم.» دېدى لېيبولد. ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان زۇلۇملىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە خىتايغا بېرىش ۋىزىسىنىڭ رەت قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.