ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى (1)

جېيمىس تاۋن فوندى(jamestown) | 15-08-2017)

ئاپتور: زاكېرى ئابۇزا(Zachary Abuza)، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۇرۇش ئىنىستېتۇتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى مۇتەخەسىسى

 

ئۇيغۇرلار دۇنياۋى جىھادنىڭ يامرىشىدا كىچىك ئەمما مۇھىم رول ئوينىدى، لېكىن خىتاينىڭ تەسىرى كۈچەيگەنسىرى بېيجىڭنىڭ ئۇلارغا قوغلاپ زەربە بېرىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشماقتا.

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكسودۇسى(ئېكسودۇس - ئىنجىلنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كەتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن قىسمى) 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدە 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن. دەسلەپتە، خىتاي ئىقتىسادىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوشنىلىرىغا ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم چۈشۈرىدۇ – كامبودژا قېچىپ چىققان 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرىۋېتىپ دەل ئىككى كۈندىن كېيىن، بېيجىڭ فنوم پېن بىلەن بىر مىليار ئىككى يۈز مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ(فنوم پېن پوپتا گېزىتى، 2010- يىلى 4- نويابېر).  خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ۋە ئاسىيا خەلقئارا مەبلەغ بانكىسى خىتاينىڭ خېلى زور ئىقتىسادىي كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ رايوندا ئىلگىرىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا، خىتاينىڭ قانۇندىن ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىشەنچىسى بارغانسېرى ئاشتى.

خىتاي ئۆز تېررىتورىيەسى سىرتىدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە، خىتاي خەۋپسىزلىك قىسىملىرى لائوس ۋە بېرمىدىكى مېكوڭ دەرياسى ۋادىلىرىدا قەرەللىك چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. گەرچە بۇ رايون ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلسىمۇ، لېكىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىزچىل خىتاينىڭ «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» تىرىشچانلىقىنى قوبۇل قىلىپ كەلدى.

ئۆزى قوزغاتقان قارشىلىق

1990- يىللاردىن باشلاپ، خىتاي ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق باستۇردى. ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىكى شەھەرلەرنىڭ «خىتايلاشتۇرۇلۇشى»، مۇسۇلمان خەلق ئۈستىدىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا بولغان روشەن تەسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيگە مۇقىم ھالەتتە كۆچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى(ئەلجەزىرە، 2014- يىلى 12- دېكابىر؛ ئەلجەزىرە، 12- مارت؛ ئەلجەزىرە، 1- ئاپرېل).

بۇ بىر ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس: «1990 ۋە 2010- يىللىرى ئارىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى پەيدىنپەي دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى ھالىغا كەلتۈردى.»[1] شۇنىڭدىن بۇيان، ھۆكۈمەت تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنى چەكلەيدىغان ۋە ئەرلەرنى ساقىلىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغان قانۇنلارنى ماقۇللىدى. ئاياللارنىڭ بېشىنى ئورىشى مەنئىي قىلىندى، د ن ئا ئەۋرىشكىلىرى توپلاندى، پاسپورتلار يىغىۋېلىندى ۋە بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى چەكلەندى(مۇھاپىزەت گېزىتى، 23- ئىيۇل).

شىنجاڭدىكى باستۇرۇش 2013 ۋە 2014- يىللىرى روشەن كۈچەيدى، جەمئىي 700 كىشى زوراۋانلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى(بېنار خەۋەر ئاگېنتلىقى، 2015- يىلى 15- مارت). 2014- يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي 27164 كىشى قولغا ئېلىندى، بۇ 2013- يىلىدىكىدىن %95 ئاشتى(تەڭرىتاغ تورى، 2015- يىلى 23- يانۋار). 2014- يىلى، خىتاي سوتى 712 كىشىنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورىزمغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەر بىلەن جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلدى. 2015- يىلى، بۇ سان 1419 غا ئۆرلىدى. جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىدى(ئەلجەزىرە، 2016- يىلى 13- مارت).

گەرچە كۆپ قىسىم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن رادىكال كۈچلەر 2009- يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىشقا مۇۋۋەپپەق بولالىدى. كۈنمىڭ قاتارلىق جايلاردا ھۇجۇم دولقۇنى كۆتۈرۈلدى – كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن چاناش ۋەقەسىدە 29 كىشى ئۆلۈپ، 143 كىشى يارىلاندى. بۇ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غەزەپ – نەپرەت شەكىللەندۈردى، ھۆكۈمەت ئەسلىدىنلا قاتتىق بولغان تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنىڭ كۆچى مۇقىم بىر ئېقىمغا ئايلاندى(ئەلجەزىرە، 2015- يىلى 18- فېۋرال). 2014- يىلى ئاپرېلدا، تايلاند ئۇلاردىن 16 كىشىنى قولغا ئالدى. شۇ ئايدا، باشقا 16 ئۇيغۇر ۋېيتنامغا كىرىشكە ئۇرۇندى. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ۋېيتنام ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قوراللىق ئېتىشىش كەلتۈرۈپ چىقاردى(ب ب س، 2014- يىلى 29- ئاپرېل). 2014- يىلى دېكابىردا، ۋېيتنام يەنە 43 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى(ئەلجەزىرە، 2014- يىلى 24- دېكابىر).

2014- يىلىغا كەلگەندە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەنگەن ئادەم ئەتكەسچىلى تورىنىڭ بارلىقىغا دائىر دەلىللەر كۆپەيدى. تايلاند ساقچىلىرى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جەنۇبىي تايلاندتىكى بىر ئادەم بېدىكچىلىكى زەنجىرىدىن قۇتقۇزۇۋالدى. 2014- يىلى، تايلاند 350 ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. 2014- يىلى ئۆكتەبىردە، مالايسىيا دائىرىلىرى 155 ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى، ئۇلارنىڭ 44 بالا بولۇپ، ئۇلار كۇئالالامپوردا تىقما – تىقماق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئۆيدە بايقالغان(يۇلتۇز تورى[مالايسىيا]، 2014- يىلى 4- ئۆكتەبىر). ئۇيغۇرلارنى كۆپىنچىسىدە راست – يالغانلىقى شۈبھىلىك بولغان تۈركىيە پاسپورتى بار ئىدى.

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى: دائىشنىڭ باش كۆتۈرۈشى

2014- يىلى، كېيىنچە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئېزىتقۇ ئوتتەك ئىراق ۋە سۈرىيەدە يامرىشى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چەتئەللىك مىلىتانلارنى جەلىپ قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر كۆچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولدى.  

خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى(ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن بىرى)نى ئەلقائىدەگە باغلاپ كەلدى، ئەمەلىيەتتىمۇ، ش ت ئ ھ نىڭ ئۆزبەكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە تەھرىكى تالىبان پاكىستانغا ئوخشاشلا ئەلقائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى.[2]

ئۇيغۇرلار ئاز ساندا لېكىن مۇقىم ھالەتتە دائىش تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. كلىنت ۋاتس(Clint Watts) 2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان تۆت خىل سىتاتىستىكىغا ئاساسەن(ئىسلام دۆلىتىدىكى شەخسلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى چەتئەللىك مىلىتانلارنىڭ %0.6 تىن %4.3 قىچە بولغانلىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن(قىيادىكى ئۇرۇش، 2016- يىلى 1- ئىيۇن).

نېيت روزېنبلات(Nate Rosenblatt)نىڭ دائىش خادىملىرى ئانالىزىدا پەقەت 114 كىشى شىنجاڭدىن كەلگەن دەپ جەزىملەشتۈرۈلگەن. لېكىن، ئۆلكىلەرنى ئاساس قىلغاندا، شىنجاڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بەشىنچى چوڭ چەتئەللىك مىلىتان مەنبەسىگە ئايلانغان.[3] ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەشىقتىن ئۆتمىگەن بولۇپ، خەلىپىلىك قۇرۇلغاندىن كېيىن دائىشقا قېتىلغان. ئۇنىڭ چىقارغان يەكۈنى بولسا، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلىك ئۇيغۇر دائىش بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى(ش ت ئى ھ نىڭ قايتا تەشكىللەنگەن شەكلى) بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا قاتناشقان.

ئەخمەد راشىد(Ahmed Rashid)مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلقائىدەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلكى بولغان ئەلنۇسرە فرونتىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان(ئەلجەزىرە، 2016- يىلى 25- ئاپرېل). خىتاي پاكىستانغا ئۇيغۇرلارنى تالىبان بىلەن ئالاقىسى بار مەدرىسلەردىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىش ھەققىدە بېسىم چۈشۈرگەن(ئەلجەزىرە، 2015- يىلى 18- فېۋرال).

دەرۋەقە، پاكىستان خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ غايەت زور مەبلەغلىرى ۋە ئاسىيا خەلقئارا مەبلەغ بانكىسىنىڭ قەرزلىرىنىڭ مەنپەتدارى بولۇپ كەلدى. ئوخشاش شەكىلدە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بەدىلىگە ئافغانىستان بىلەن يېقىنلاشتى ۋە ياردەم قىلدى.

2014- يىلى ئاپرېلدا، دائىش رەھبىرى ئەل باغدادى بىر قېتىملىق تەرغىباتىدا خىتاينى مۇسۇلمانلارغا سىستېمىلىق زۇلۇم قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ ئاتىدى. 2017- يىلى، دائىش تەشۋىقات مەركىزى خىتايغا قارشى بىر ۋىدېئو ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا بىر ئۇيغۇر مىلىتان ئاخبارات تەمىنلىگۈچى دەپ قارالغان بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا خىتايدىن قىساس ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھىدىت سالغان(ئەلجەزىرە، 1- مارت).

(داۋامى بار)

 

[1] Patrik Meyer, “China’s De-extremization of Uyghurs in Xinjiang,” New America Foundation Policy Paper (June 2016), at https://www.newamerica.org/international-security/policy-papers/china-de-extremization-uyghurs-xinjiang/; see also Bob Woodruff and Karson Yiu, “What Happened When I Went to the Alleged ISIS Breeding Ground in China,” ABC News, (March 29, 2016), at http://abcnews.go.com/International/bob-woodru-happened-alleged-isis-breeding-ground-china/story?id=37978740

[2] The exact number will probably never be known, but it is likely relatively small. By 2001, roughly a dozen ETIM fighters were based in Kabul under the command of the Islamic Movement of Uzbekistan (IMU), an ally of the Taliban (al-Jazeera, February 18, 2015).

[3] Nate Rosenblatt, All Jihad is Local: What ISIS’ Files Tell Us About Its Fighters, New America Foundation (July 2016), at https://na-production.s3.amazonaws.com/documents/ISIS-Files.pdf. The top four were Riyadh, Saudi Arabia (252), Qassim, Saudi Arabia (135), Tunis, Tunisia (134), and Mecca, Saudi Arabia (124).