ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيمىز

شەرقىي تۈركىستان: مۇسۇلمان مۇشتەرى قوبۇل قىلغان مېھمانخانىغا جەرىمانە قويۇلدى

 

2017- يىلى 10- ئۆكتەبىر، خىتايدىكى بىر مېھمانخانا شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىن كەلگەن بىر مۇشتەرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 1700 دوللار جەرىمانە تۆلىگەن. 2017- يىلى 18- ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك، خىتاي دۆلەت مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنى مېھمانخانىغا ئالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

خىتاينىڭ جەنۇبىدا دائىرىلەر يېقىندا بىر مېھمانخانىدىن ئۇيغۇر مۇشتەرىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە ئالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى مەملىكەت مىقياسىدا مېھمانخانىلارغا غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن مۇشتەرىلەر ئۈچۈن زاكاز قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى مۇسۇلمانلاردۇر.

بۇ قاتتىق تۈزۈم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18- ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان يېڭى نىزامنامىلەرنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شېنجىندىكى مېھمانخانىنىڭ بىر خىزمەتچىسى «7Days inn» مېھمانخانىسىنىڭ شىنجاڭلىق بىر مۇشتەرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. بۇ مېھمانخانا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 15000 يۈەن(1700 دوللار) تۆلىگەن.

مېھمانخانىنىڭ بىر خادىمى مۇنداق دېگەن: «ساقچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق تەپسىلاتلاردىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. ساقچىلار ئۆزى خەتەرلىك دەپ قارىغان ھەر قانداق مۇشتەرىنى رەت قىلىدۇ.»

بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلار، خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى زەنجىرسىمان مېھمانخانىلارغا كېڭەيتىلىش ياكى كېڭەيتىلمەسلىكى نامەلۇم.

خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر تېررورىزمدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ بىرەر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشىدىن قورقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بېيجىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا خىتايدا بىر قاتار ھۇجۇم ۋە توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورىزم»غا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان بۇ ھەرىكەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلدى. تەنقىدچىلەر ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن تەھدىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن دەپ قارايدۇ.

شىنجاڭدا نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن نارازى. بۇلاردىن بىرى بولسا، تېخى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئانغا ئوخشاش دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىشى چەكلەندى.