شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشنىڭ بەدەللىرى 3

زاكېرى توررېي
دىپومات تورى (The Diplomat)

 

تىل ۋە ئەدەبىيات

ئۇيغۇر تىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقتا يېزىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن ئىسپانىيەگىچە سوزۇلغان ۋە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان باي بىر ئەدەبىيات مۇھىتى بىلەن ئۇچراشتۇرغان. شىنجاڭ كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، خ ك پ ئەرەب ئېلىپبەسىدىن كىرىل ئېلىپبەسىگە كۆچۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىسلامىي بېغى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىدىن ئايرىش تەشەببۇسىغا يول ئاچىدۇ: ئىسلامىي ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان. خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتدە يىمىرىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسىدە يېزىشقا ئۆزگەرتكەن. بۇ كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭدا پىنيىن سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خ ك پ يەرلىك ھۆكۈمەتنى رەسمىي ھۆججەتلەردە ئۇيغۇرچە قوللىنىشنى توختىتىپ، خىتايچە ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئۆزگەرتىش بىلەنلا قالماي، خ ك پ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى قانداق ئىشلىتىشىنى كونترول قىلىشقا تىرىشتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىندى، ئۇيغۇر شائىرلار تۈرمىلەرگە قامالدى، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئېلىپ تاشلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل بولۇشى ھەققىدىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ يازغۇچىلىرى ئالاھىدە خەتەرلىك دەپ قارالدى، ئاممىۋى كىتاب كۆيدۈرۈشلەرنى بىلمەيدىغانلار يوق. ئاكادېمىكلار، بولۇپمۇ تارىخچى ۋە ئانتروپولوگلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 2015- يىلى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان تۇنجى قېىتملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنىدا، خىتايدىن كەلگەن ئاكادېمىكلارنىڭ بولماسلىقى يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھېنرىك شازېۋسكى «تۈركىيە ئەسلىمىلىرى»دە مۇنداق يازىدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن قاتنىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ قارىلىشى مۇمكىن، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز قاتنىشىش زىيالىيلارنى پىشكەللىككە ئۇچرىتىشى مۇمكىن.» ئۇيغۇرلارنى تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، خ ك پ  ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ خىتايغا تەۋە بولمىغان ئۆتمۈشى ئارىسىدىكى مەنىۋى باغنى ئۈزۈۋېتىش ئارزۇسىدا بولدى. ئەگەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا پەقەت خىتاينىڭ ئەينىكى بىلەنلا قاراپ چىقىلسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلەتتى.

خۇلاسە

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، ھەر بىر زۇلۇمنىڭ يادروسىدا بىرلا قوزغاتقۇچى ئامىل بار: خىتاينىڭ شىنجاڭغا ئېغىر دەرىجىدە تايانغان ئىقتىسادىي نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنىشى لازىم. شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئائىت ھەر قانداق بىر يوچۇق مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي پىلان ۋە مەبلەغلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىز بۇ كونتروللۇقنىڭ ئادەم چىقىمىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، خ ك پ نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگىمۇ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز لازىم.

 

زاكېرى توررېي (Zachary Torrey) لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ توقۇنۇش تەتقىقاتى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانتى. تەتقتىقات يۆنىلىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسىي ئىقتىسادى