غۇلجا – ئالار تۆمۈر يولى ياسالماقچى: ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان تىبەتكە تۇتاشتۇرۇش

خىتاي غۇلجا شەھىرىدىن باشلىنىپ، تەڭرىتېغىنى بىۋاستە كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى ئارال شەھىرىگە تۇتىشىدىغان بىر تۆمۈر يول ياساش پىلانىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يول كېيىنچە خوتەنگىچە ئۇزارتىلىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولى تورى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن.

«ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ بىڭتۈەن قاتناش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ  – ئارال تۆمۈر يولى ياساش مۇمكىنچىلىكى تەتقىقاتى تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، پىلان بويىچە يىل ئاخىرىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. بۇ بۆلەك تۆمۈر يول ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان بولغان غۇلجا – ئاقسۇ تۆمۈر يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 7- ئايدا، غۇلجا – ئاقسۇ، ئاقسۇ – ئالار – خوتەن، كۇچا – ئالار – خوتەن ۋە ئالار – چەرچەندىن ئىبارەت تۆت تۆمۈر يولىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى دوكلاتى ئۈرۈمچىدە باھالانغان. «يەرلىك ۋە بىڭتۈەن تۆمۈر يولى تورى» پىلانىغا ئاساسەن، بۇ تۆت تۆمۈر يولى لىنىيەسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىگە بىڭتۈەن قاتناش ئىدارىسى مەسئۇل بولىدىكەن.

غۇلجا – ئالار تۆمۈر يولى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يول غۇلجا شەھىرى، قوبۇقسار، مۇڭغۇلكۈرە، ئونسۇ ناھىيەلىرى، ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسى ۋە ئالار شەھىرىدىن ئۆتىدىكەن.

خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ – تىبەت تۆمۈر يولى لىنىيەسى نۆۋەتتە پىلانلاش ئۆلچەش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ لىنىيە قاغىلىق ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، لىخاسا شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن. بۇ يول «پەلەك يولى» يەنى «تىبەتكە كىرىش لىنيەسى»دىكى بەشىچنى تۆمۈر يول لىنىيەسى بولىدىكەن.

گەرچە بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى خەتەرلىك، قۇرۇلۇش قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى، مەبلەغ تەلىپى كۆپ، ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ لېكىن خىتاي ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانىدا بۇ لىنىيەنىڭ ياسىلىشىنى زۆرۈر دەپ قارىغان.