خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقى ئېكسپورت قىلماقتا: يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ساقچى دۆلىتى

شى جىنپىڭنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە «چوڭ ئاكا[1]»نىڭ نازارەت قىلىشى يېڭى بىر پەللىگە چىقتى، بەزى تەرەپلەردە ھەتتا ئورۋېلنىڭ قورقۇنچلۇق ئىلىمىي فانتازىيەلىرىدىنمۇ ئېىشپ كەتتى.

 باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىندى، شى جىنپىڭغا ئوخشىتىلغان كارتون فىلىم چەكلەندى، مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ياشايدىغان رايوندا زۇلۇم ئەڭ ئېغىر.

ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش

غەربتىكى «دېموكراتىك دۆلەتلەر» تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە سېتىلغان ئىلغار تور تېخنىكىسى ئۇنىڭ ئىشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى. خىتاي ئىقتىسادىي شۇنداقلا سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن – باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى سىنلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتايدا، يەنى 245 مىليون كامېرانىڭ 176 مىليونى خىتايدا، شۇنداقلا خىتاي ئاۋاز ۋە يۈز تونۇش تېخنىكىسدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا.

گوگېلنىڭ خوجايىنى ئېرىك سمىت يېقىندا خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى، دەۋر ژورنىلى بولسا بۇنى «21- ئەسىردىكى ئالەم بوشلۇقى مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىنى ئۆزىنىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش» پروگراممىسىغا قوشۇۋېتىش پىلانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي بۇنىڭلىق بىلەن دۇنيا مىقياسىدا «رەقەملىك مۇستەبىتلىك»نىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بارغانسېرى كۆپ ھۆكۈمەت خىتايغا تەقلىد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىنتېرنېت ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنى كونترول قىلىشقا باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، فلىپپىن ھۆكۈمىتى توردىكى پرېزىدېنت دۇتېرتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ئىنكاسلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 10000 كىشىلىك كۈچلۈك «كونۇپكا تاختىسى ئارمىيەسى» ياللاپ ئىشلەتكەن. لېكىن بۇنى خىتاينىڭ 10 مىليون كىشىلىك «50 سېنت گوروھى»غا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە ئىش، بۇ كىشىلەر ئاممىۋى تاراتقۇلارنى ھۆكۈمەتنى ياقىلايدىغان «خەۋەر» ۋە ئىنكاسلار بىلەن تولدۇرۇشقا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ.

 

ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، تورداشلار كارتون ئېيىقنىڭ شى جىنپىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، «كىچىك ئېيىق ۋېينى»نىڭ توردا چەكلىنىشى خ ك پ(ئاتالمىش خىتاي كومىنستىك پارتىيىسى)نىڭ زىيادە سۈزگۈلۈكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ياشلار ئارىسىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن «شىتلېر»(Xitler) دېگەن لەقەمنى ئىشلىتىشنىڭ مودا بولۇشى دىكتاتورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ باشقا بىر بەلگىسى ئىدى.

 

شى جىنپىڭنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشى كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى ۋە 1989- يىلىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ئەھۋال دەپ قارالدى. يېقىنقى يىللاردا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى تۇتقۇق قىلىش ۋە پۇل ئارقىلىق پايدىسىز تەشۋىقات ۋە سىياسىي مۇنازىرىلەرنى بېسىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساقچى كۈچىنى چەتئەللەرگە ئۇزارتىشقا غەرىزىدە بولماقتا.

 

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى»

خ ك پ ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقىنى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ ئىپادىسى بويىچە «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى»گە ئوخشايدىغان مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – تەرجىماندىن) رايونىدۇر. ئۈرۈمچى(نوپۇسى ئۈچ يېرىم مىليون)دە ھازىر 949 ساقچى پونكىتى بار بولۇپ، لوندون(نوپۇسى 8.7 مىليون)دىكى 180 ساقچى پونكىتى ۋە نيۇيورك(نوپۇسى 8.5 مىليون)تىكى 76 ساقچى پونكىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ.

 

تېخى يېقىندا، رايوندىكى خ ك پ دائىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 500 قازاقنى تۇتقۇن قىلغان، قازاقلارمۇ يېڭىدىن رايوندىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان. بۇ قېىتملىق ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتى پارتلاش خاراكتېرلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا بېيجىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قارىتا ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك پىلانىغا يېڭى توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

 تەرجىمىدە ئارمان

ئىزاھات: 18- نويابېر «خىتاي ئەمگەكچىلەر مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلەت زوراۋانلىقى ئېكسپورت قىلماقتا» ناملىق ماقالە مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

 

[1]  Big Brother, ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى جورج ئورۋېلنىڭ بىر رومانىدىكى دىكتاتور ھۆكۈمران.