20 ئۇيغۇر تايلاند تۈرمىسىنى تىشىپ قېچىپ كەتتى

تايلاندتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان 25 ئۇيغۇر تۈرمە تېمىنى تىشىپ، ئەدىيالنى ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىپ قاچتى. ئۇلاردىن بەش نەپىرى تۇتۇلۇپ قالدى.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 20 ئۇيغۇر تايلاند ۋە مالايسىيا چېگرىسىغا يېقىن بىر جايدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن. ئۇلار تامنى تەشكەن ۋە يوتقاننى ئارغامچا ئورنىدا ئىشلىتىپ قاچقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى سوڭكلا ئۆلكىسىدىكى بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەمئىي 25 بولۇپ، قېچىش جەريانىدا بەش كىشى تۇتۇلۇپ قالغان.

تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ مەسئۇل خادىمى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا:«20 كىشى، ھەقىقەتەن كىچىك سان ئەمەس، قاتتىق يامغۇر ئۇلارنىڭ قاچقان ۋاقتىدىكى ئاۋازنى بېسىپ كەتكەن.» دېگەن.

خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى پاسپورت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە بارماقچى بولغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 2014- يىلىنىڭ باشلىرىدا تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. بىر يىلدەك ۋاقتتىن كېيىن، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 183 كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى، لېكن ئارقىدىنلا 2015- يىلى 7- ئايدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

خەۋەردە ئېيىلغان ئۇيغۇرلار ھېلھەم تايلاندتتا تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قسىمى بولۇپ، تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلايمىز دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتماقتا ئىدى.

تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، دۈشەنبە كۈنى قېچىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا سالاھىيىتىنى ئېنىقلايدىغان بەلگە يوق بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن.

تايلاند ساقچىلىرى 20 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن سوڭكلا ئۆلكىسىنىڭ ساداۋ رايونى ئىكەن.