مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەد ۋاپات بولدى

ۋەتەن – ئىچى سىرتىغا داڭلىق يېتۈك ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەھمەد 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. غازى ئەھمەد، ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئاماننىسخان قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر سەنئەتكار ۋە جامائەت ئەربابى ئىدى.

غازى ئەھمەد كىم

داڭلىق رەسسام،  سەنئەت مائارىپچىسى غازى ئەھمەد 1935-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەھمەد قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولغاچقا، غازى ئەھمەد ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن. 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن. غازى ئەھمەد بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەھمەد ئاكا 1952-يىلى قەشقەر پىداگوكىگا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ، رەسساملىق ساھەسىگە چوڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-يىلى ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن.

ئۇ ۋاپاتىدىن بۇرۇن، خىتاي رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى.

 ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرنەچچە ئەۋلات رەسساملىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەن. غازى ئەھمەد خەلقنىڭ ئىستېتىك قىزىقىشىنى ئېچىشقا ۋە ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ رەسساملىق تىلىنى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئېرىشتۈرگەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرى

 غازى ئەھمەدنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «جىنايەت ۋە سوت» (1964) خىتاي گۈزەل - سەنئەت سارىيىدا يىغىپ ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 1982-يىلى پارىژدا ئەتىيازلىق سالون كۆرگەزمىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ «مەھمۇد قەشقەرى» (1981) خىتاي بويىچە ئاز سانلىق مىللەت تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا يىغىپ ساقلىنىۋاتىدۇ؛ «مۇقام» (1984) 6-نۆۋەتلىك تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن، خىتاي گۈزەل سەنئەت سارىيىدا يىغىپ ساقلىنىۋاتىدۇ؛ 1987-يىلى موسكىۋادا «گىلەم» ناملىق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان؛ «ھەۋەسكارلار» ناملىق ئەسىرى 1988-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي ماي بوياق مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، ياپونىيە چىيودا كۇلۇبى يىغىپ ساقلاۋاتىدۇ؛ «دولان روھى» (1999) 9-نۆۋەتلىك خىتاي تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.

غازى ئەھمەد، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، پارىژ، ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە تېھران قاتارلىق شەھەرلەردە رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان. 

 غازى ئەھمەد، 1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە، تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «ئاماننىساخان»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «ئەلشىر نەۋايى»، «رابىيە _ سەئىدىن» ۋە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.غازى ئەمەت ئاكا ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى.

مەرھۇمنىڭ روھىغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز.

مەرھۇمنىڭ خەلقىمىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىدىن بەزىلىرى