تۈرك ئىلاھىيەتچى: خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى

 تۈركىيەلىك ئىلاھىيەتچى ۋە يازغۇچى ھايرەتتىن كارامان 1- دېكابىر «يېڭى شەپەق» تورىدا «خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئارقىدىن 3- دېكابىر كۈنى بۇ ماقالىنىڭ ئىككىنچى قسىمىمۇ مەزكۇر توردا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

پىروفېسسور، دوكتور ھايرەتتىن كارامان ئەپەندى ئىزدىنىش روھىغا باي ۋە مول – ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، نەچچە ئون پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ 1934- يىلى توغۇلغان بولۇپ، 1975- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت يەنى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ئىلمىي تەتقىقات ۋە يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ «يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپە ئاپتورى.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىلاھىيەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان كىشى تەرىپىدىن يېزىلىشى ئەسەرگە بولغان قىزىقىش ۋە دىققەت – ئېتىبارنى ئاشۇرغان.

ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاپتور ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەسەبىنىڭ ئوغۇزلارغا تۇتىشىدىغانلىقى، 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى يەنى سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى»نى شەكىللەندۈرگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان. تارىختا قەشقەر شەھىرى قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دىنىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.

ئارقىدىن ئاپتور خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان بىرەر دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭغا ھازىرقى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە بۇ ئورگاننىڭ زۇلۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، دۇنيادا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان بىردىن – بىر ئۈممەت بولغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭمۇ، ئۈممەت بولۇشتىن چىقىپ، مىللىي مەنپەئەت ۋە زۆرۈرىيەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان.

ماقالىدە ئاپتور شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئۈستىدە توختالغان.  ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1901- يىلى توغۇلغان بولۇپ، 1947- يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستان كوممىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن كەشمىرگە، كېيىنچە 1954- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى»نى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا تونۇتۇشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ ئىشلارغا ئاتىغان. 1995- يىلى 17- دېكابىر ۋاپات بولغان. ئاپتور ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى يازغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ مۇنۇ سۆزى ئۇنىڭغا قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن: «بىز بىر تىكەننىڭ تۈركىيەنىڭ پۇتىغا سانجىلغىنىدىن بىزنىڭ كۆزىمىزگە سانجىلىشىنى ئەلا بىلىمىز.»

ماقالىنىڭ ئاخرىدا، ئاپتور خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن بىرى بولغان «پىلانلىق توغۇت» سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى يۇرۇتۇشقا تىرىشقان.