قۇددۇس ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ پايتەختىدۇر

بۈگۈن ئامېرىكا رەئىسى ترامپنىڭ بەيتىلمۇقەددەسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئامېرىكىنىڭ تارىختىن بىرى ئىسرائىلىيەنى چەكسىز قوللاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھۇقۇقىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

ترامپ پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوچۇق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

دۇنيا خەلقى بىلىشى كېرەككى، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى داۋاملىق مۇشتۇمزور كۈچلەر پىلانلىغاندەك بولمايدۇ. پەلەستىن ئىشغالىيەت تارىخى 70 يىلغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيە مۇقىملىق ۋە ئەمنى-ئامانلىق تەمىنى تېتىيالىغىنى يوق. بۇندىن كېيىنمۇ تېتىيالىشى ناتايىن.

گەرچە ئامېرىكا ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ساناپ بۈگۈنكىدەك ئەخمىقانە قارارنى ئالغان بولسىمۇ مۇسۇلمانلار سىيۇنىست يەھۇدى دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

ترامپنىڭ بۈگۈنكى قارارى ئوت ئۈستىگە بىنزىن چاچقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى، ئىسلام مۇقەددەسلىرىدىن بىرى، ئۇنى مۇداپە قىلىش دىنى مەجبۇرىيەتتۇر.

 ئالدىمىزدىكى كۈنلەر نېمە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ؟ ئاللاھ بىلىدۇ.

 مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقى، ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ھەلەكچىلىكىدە داۋاملىشىشىدىن مۇسۇلمانلاردا ئۈمىتسىزلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ھەقىقەت شۇكى، ئىسلام ئۈممىتى ئاجىزلىشىدۇ، ئۆلمەيدۇ، ھامان بىر كۈن قوزغىلىدۇ..

 ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەردە قاتتىق ئۈمىتسىزلىك ھۆكۈم سۈرىشىدە شەك يوق. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۈمىتسىزلىنىشتىن توسقان، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ قەتئىي ئۈمىتسىزلەنمەسلىكى كېرەك.

 ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىز زىندانلاردا يوقاپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئاللاھ ياشاشنى ئىرادە قىلغان بىر مىللەتنى دۇنيادا ھېچقاندەك كۈچ يوقىتالمايدۇ.

 ئاللاھ ھەر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسايىشلىق بولىدىغانلىق ۋەدىسىنى بەرگەن، ئاللاھقا ئىمانىمىز بولىدىكەن ئاللاھنىڭ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بىرىش قۇدرىتى بارلىقىنى ئۇنۇتمسلىقىمىز كېرەك.

مۇھىم بولغىنى ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەركىنلىككە لاياقەتلىك ئىكەنلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئەمىلىيىتىدە ئىسپاتلىشىدۇر...

 

ئابدۇللا باتۇر