شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەلب دوستلىرىغا خوشخەۋەر!

«40 لار كۇلۇبى نەشىرىياتى»دىن كۈتۈلگەن كىتابنىڭ خۇشخەۋىرى يېتىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەسسە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان 40 تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلاردىن بېرى داۋاملاشقان تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 40 ماقالىدىن تەشكىل تاپقان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەەزىيىتى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە جانلىق تىل بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن  "BİR DIRAM, KIRK KELAM"  «بىر تىراگېدىيە، 40 سۆز: شەرقىي تۈركىستان» ناملىق تۈركچە كاتتا ئەسەر پۈتۈپ چىقتى.

شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئۇلۇغ خىزمەتگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىسقىغىنە ۋاقىتتا 40 ماقالىنىڭ نەشىر قىلىنىشغا ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇرۇقتۇم سادالىرىنىڭ ياڭراق بىر شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىغا ۋەسىلە بولغان، دەۋا ئادىمى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ غەمغۇزارى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «40 لار كۇلۇبى نەشىرىياتى»نىڭ خوجايىنى يۈنۈس جوشقۇن قېرىندىشمىزغا «تۈركىستان تايمز» تور بېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئازلىق قىلىدۇ.

ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. بۇ خەيرىلىك لايىھەسى ئۈچۈن ھەر ئىككى جاھاننىڭ سائادىتىنى نىسىپ قىلسۇن. ئامىن!

 40 نەپەر تۈرك ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئۈلگىلىك تىرىشچانلىقى ئىنشائاللاھ مۇھاجىرەتتىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچى، ئاكادېمىكلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆزىنى ئېچىشىغا ۋە ئۆز- ئۆزىنى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، يەنە مۇشۇنداق قانچىلىغان ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشىغا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.   

كىتاب ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىنتېرنىت ئارقىلىق تۈركىيەدە «www.kitabyurdu.com» تور بىتىدە سېتىشقا سۇنىلىدۇ.

بۇ ئېسىل ئەسەرنى ئوقۇشنى ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ئوقۇشىغا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توغرا مەلۇماتلىق بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇشنى خالايدىغان كىتابخانلارنىڭ كىتابنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىتابنى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئارقىلىق ھازىردىن باشلاپلا زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.

(م. كاشغەرىي)