گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىس: ئەڭ يامىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق

10- دېكابىر يەكشەنبە كۈنى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالى ئىلھام توختىغا ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر جەمئىيىتى»نىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى ئۇلرىك دېلىيۇس(Ulrich Delius) «گېرمانىيە دولقۇنلىرى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: مۇكاپات ئالغۇچى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؟

 دېلىيۇس: ئىلھام خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بىرى، بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بار. ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە تۈرمىگە قامالغىنىغا تۆت يىل بولدى. ھېسابتا، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئاكتىپ شەخسلەرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنۇتۇلۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر ۋاقتتا ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ پەقەت ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ خىتايدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالايدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن.

مۇخبىر: ئىزچىل بېيجىڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىلھام توختى نېمە ئۈچۈن 2014- يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؟

دېلىيۇس: ئۇنىڭ قانداقسىگە دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە بىزمۇ چۈشىنەلۋاتىمىز. چۈنكى ئۇ ھېچ قاچان دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ئۇيغۇر، لېكىن مەن خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، مەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەلەپلىرى بار؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۇنچە غەزەپلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)نىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ئەمىللەشتۈرۈلمەيدۇ؟  مەن بۇلارنى خىتايدىكى كۆپ سانلىق نوپۇسقا چۈشەندۈرەلەيمەن. » ئىلھام ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ۋاكالەتچى ۋە مۇرەسسەچى ئىدى. لېكىن دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆزىدە پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئۇنى ئايلارچە تەكشۈرۈشىگە كەلسەك، ئازدۇر – كۆپتۇر ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيانلىق گۇۋاھلىق سۆزى بېرىشكە قىستاپ، ئۇنى تۈرمىگە سولىتىۋەتتى.

40506772_404

ماڭا ئوخشاش خىتايدا 30 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان كىشىگە نىسبەتەن، بۇ يەردە ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىئالوگ نىيىتىنىڭ بولماسلىقى، جىددىي ۋەزىيەتنى كېلىشتۈرۈش ئىستىكىنىڭ بولماسلىقى، ئەكسىچە بۇ خىل جىددىيچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىشى. ئۇنداق بولمىسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئاكتىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىدۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار كىشىگە، بۇ رايونغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىگە؟

مۇخبىر: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشغا دائىر بىشارەتلەر بارمۇ؟

دېلىيۇس: بىز ھازىر بۇنداق قۇرۇق خىياللاردا بولماسلىقىمىز لازىم. بىز پەقەت ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپات بېرىلگەندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا قارىساقلا بولدى. ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋېيمار شەھەر باشلىقىغا تېلىفۇن قىلدى، تېلىفۇندا يامان سۆزلەرنى قىلدى ھەمدە بۇنىڭ گېرمانىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ۋېيمار شەھىرى تىز پۈكمىگەندىن كېيىن، ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇم مۇكاپاتىنىڭ تور بېكىتى تويۇقسىز يوقاپ كەتتى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنى خىتاي خاككىرلىرى قىلغان. ھالبۇكى بۇ ناھايتى تىپىك ۋەقە ئىدى. بۇ ئىلھام توختىنىڭ پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقىدىغىنى شىنجاڭنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشى بولماستىن، بەلكى ئىلھامنىڭ دىئالوگدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى كېلىشتۈرۈش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇشى، شۇنداقلا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ – يەنى خىتاينىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش ئىدى. ئۇ، پەقەت بۇ بىر نۇقتىنى قىلالىغاندا شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كىرىزىسلىق رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ روشەن ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

37036137_401

مۇخبىر: مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغىنى شۇكى، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆپ قېتىم خىتايلارغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

دېلىيۇس: ئىلھام ئەزەلدىن بۇ خىل زوراۋانلىقنى ئاقلاپ باقمىدى، ئەكىسچە بۇنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىزاھلاشقا تىرىشتى. بۇ خىل پىسەنت قىلماسلىق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا قارىتا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى چەكلىدى، بۇ خىل ئالماشتۇرۇش مەيلى تېلىفۇندا ياكى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلسۇن. بۈگۈن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. شىنجاڭدا تور، سۆز، ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ، ھەتتا تىبەتتىكىدىنمۇ ئېغىر.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تېخنىكا تەجرىبە قىلىش بازىسى دەپ قارىلىپ، سۈنئىي ئەقىل، يۈز تونۇش سىستېمىسى قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت ۋە كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىكى تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىناق قىلىندى. كىشىلىك ھاياتتىكى باشقا تەرەپلەرمۇ ھەم شۇنداق: ئۇيغۇرلار شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئالماقچى بولسا ئالاھىدە ئىمتاھاندىن ئۆتۈشى لازىم، چۈنكى ئۇلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن يوشۇرۇن تېررورچىلار دەپ قارىلىدۇ. بۇنى يەنە شۇ تەرەپتىنمۇ كۆرۈشكە بولىدۇكى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن دەۋالار ئەڭ كۆپ.