ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ قوغداش بۆلۈمى ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان. گەرچە ئۇقتۇرۇش ئاخىرىغا پەقەت قوغداش بۆلۈمى دەپلا يېزىلىپ، ئىدارە – ئورگاننىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر، خىتاي دەپ ئايرىپ ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدىن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىلىشىپ ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر ئورگان تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىدىمۇ، بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تامامەن مۇمكىن.

دېمەك، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى جار سېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرى - تۆۋەن ھەر قايسى ساھەلەردە ئۇيغۇر – خىتاي دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلماقتا. مىللىي مەسىلە بارلىقىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى باشقا ناملار بىلەن ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ قويماقتا.

تۆۋەندىكىسى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ تەرجىمىسى ۋە خىتايچە نۇسخىنىڭ رەسىمى.

مۇھىم ئۇقتۇرۇش

1.     تەپتىش گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، مۇھىم نۇقتىلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ(ياش – ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلار خادىملار، 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر – ئاياللار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ).

2.     ئۇيغۇر خادىملار كىملىك كارتىسىنى سۈركەيدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشكىدىن ئۆتىدۇ، يېنىدىكى بويۇملىرىنى رېنتگېن ئاپپاراتى(X نۇرلۇق تەكشۈرۈش ماشىنىسى)دىن ئۆتكۈزىدۇ، ئۈستىۋېشى مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. (ياشانغانلار، بالىلار، كېسەللەر، مېيىپلار، ھامىلدارلار بۇنىڭ سىرتىدا)

3.     خىتاي خادىملار بىردەك كىملىك كارتىسى سۈركىمەيدۇ، يېنىدىكى بۇيۇملىرىنى رېنتگېن ئاپپاراتىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بىخەتەرلىك ئىشكىدىن ئۆتكەندە مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۈستىۋېشى تەكشۈرۈلمەيدۇ. (ئايرىم شۈبھىلىك كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)

4.     ئاپتوموبىللار ئىدارىمىز قورۇسىغا كىرىپ – چىققاندا، خىزمەتچى خادىملار خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسەتسە ساندۇقى ئېچىپ تەكشۈرۈلمەيدۇ. جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى قورۇمىزغا كىرسە، بىرىچنى، ئۇيغۇرلار ھەيدىگەن ماشىنا بولسا ساندۇقى ئېچىپ تەكشۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، خىتايلار ھەيدىگەن ماشىنا بولسا ساندۇقى ئېچىپ تەكشۈرۈلمەيدۇ. (ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا)

 

قوغداش بۆلۈمى

2017- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى

 

4b961d98-9d19-4949-b6c2-8988fe64b489