مۇتەخەسىسلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە ئوخشايدۇ

مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مىللەت بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن شىمالىي كورىيەنىڭ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ[1] ئەكىس سادالىرىنى كۆردى.

ئاپتور: ناتخان ۋاندېركلىپ(Nathan VanderKlippe)

«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتى

خىتاينىڭ تەكشۈرۈشى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلاملىرىغىچە دەخلى – تەرۇز قىلدى

خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىدا كوچىلار تەكشۈرۈش كامېرالىرى بىلەن تولغان، ھەتتا چەت يېزا – قىشلاقلارمۇ ھەم شۇنداق. بەزى شەھەرلەردە، ھەر 500 مىتىردا بىر ساقچى پونكىتى قۇرۇلغان. ئاممىۋى ئىمارەتلەر ھەربىي قاراۋۇلخانىلار بىلەن قورشالغان. دائىرىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا يۈز تونۇش ۋە بەدەن تەسۋىرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭنى رادىكاللىقنىڭ پارنىكى دەپ مۇئامىلە قىلدى ۋە بىر قاتار «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇلار، زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلىش ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى روشەن ئاشۇرۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلەندى.

لېكىن، جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مىللەت بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇقىملىق بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى نۆۋەتتە يەرلىك خەلقنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، تەپەككۇر شەكلىگە ھەتتا ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىغىچە سىڭىپ كىردى.

يېقىندا بۇ دىياردا زىيارەتتە بولغان ئىككى مۇتەخەسىسنىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان كونتروللۇق دەرىجىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دېيىشكە بولىدۇ.

«بۇ يەردىكى ئەھۋال، شىمالىي كورىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىيۈزلۈك كونترول قىلىش چۈشەنچىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا يولغا قويۇلغان ئىرقىي ئايرىمچىلىق تۈزۈمى بىلەن خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.» دېدى يېڭى ئورلىئان شىتاتىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسى رىيەن تۇم(Rian Thum). «يەرشارىۋى نەزەردىن قارىغاندا بۇ ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال.»

web_1229_na_xianjing_china

بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى 2009- يىلىدىكى قانلىق ۋەقەدىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كۈچەيتىلدى. مىڭلىغان ئۇيغۇر سۈرىيەگە باردى ۋە «ئىسلام دۆلىتى» سېپىگە قوشۇلدى. 2016- يىلى ئاۋغۇستتا، رايونغا يېڭى بىر رەھبەر تەيىنلەنگەندىن بۇيان تېخىمۇ قاتتىق بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى.

«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتى بۇ يىل كۈزدە بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بەزىلىرى ھەققىدە خەۋەر بەردى ۋە خەلقنىڭ زور بىر قىسمى ھېچقانداق ئەيىبلەنمەستىن قامىلىپ مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىياسىي ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار توپلىدى.

يېقىنقى يىللاردا چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى تېخىمۇ ئاز بولدى، بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىلاشسا پالاكەتكە ئۇچراشتىن قورقۇشى سەۋەب بولدى.

uyghurs-chinaxxwo1

تۇرپاندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كارىدورىنىڭ كىرىش ئېغىزى، رىيەن تۇم

پروفېسسور رىيەن تۇم 1999- يىلىدىن باشلاپ بۇ رايونغا زىيارەتكە بارغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رايونغا بارغان بولۇپ، غايەت زور ئۆزگىرىش ئۇنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان. ئۇنىڭ بايقاشلىرى ئارىسىدا تۇرپاندىكى داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى بولغان بىر كىلومېتىرلىق پىيادىلەر يولى بار بولۇپ، بۇ يەر ھازىر كەڭ بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كارىدورىغا ئۆزگەرتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىش تىرىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە – ئىشارەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، «شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرى»نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن  رايوندىكى بارلىق ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىدىن «يېيىش، تۇرۇش ۋە خىزمەتتە يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇش» تەلەپ قىلىندى.  بۇ ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرىدۇ.

«مەن بۇ يەردە ھەقىقەتەن كادىرلارنىڭ ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى مەقسەت قىلىنغان دەپ قارىمايمەن.» دېدى پروفېسسور رىيەن توم. «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، بۇ يەردە بەكراق كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ۋە خۇسۇسىي بوشلۇقىغا سىڭىپ كىرىش مەقسەت قىلىنغان.»

پروفېسسور رىيەن تۇم مۇنداق دېدى: «بارلىق دىنىي پائالىيەتلەر خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىن بىرلا يەرگە يۆتكەلدى ياكى يۆتكلىشى كېرەك، بۇ ئورون بولسا مەسچىت. ئەلۋەتتە، مەسچىتلەر قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇلىدۇ.»

«مېنىڭ قارىشىمچە، بۈگۈنكى شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئۆز ئوي – پىكىرلىرى بار، لېكىن بۇنى ئۈنلۈك سۆزلەش ئىنتاين خەتەرلىك» دېدى ئۇ.

بۇ يىل ئىيۇندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، رايوندا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا «زور ئىلگىرىلەش» بولغانلىقىنى ماختىدى. ئۇنىڭدا، 1978- يىلىدىن بۇيان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 129 ھەسسە ئاشقانلىقى، يەرلىك سوتلاردا دەۋا ھەققىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ۋە رايوندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ سانى ئاشقانلىقى قاتارلىقلار مىسال قىلپ كۆستىلگەن.  

لېكىن، سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تارىخى ئوقۇتقۇچىسى داۋىد بروفى(David Brophy)  يېقىندا زىيارەتكە بارغاندا ئاممىۋى بىنالارنىڭ ئەتراپىدىكى تىكەنلىك سىمدا ياسالغان مۇداپىئە قەلئەلىرىنى ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى خادىملارنىڭ ئوق ئۆتمەس جىلىتكە كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان.

«شىنجاڭ ھازىر كىشىگە مىلىتارىستلارنىڭ ئىشغالىدىكى رايوندەك تۇيغۇ بېرىدۇ» دېدى ئۇ، گەرچە بىر ئىدېئولوگىيەلىك نىشانى بار بولسىمۇ. «ھەر كۈنى كەچ تېلېۋىزورلاردا كۆپىنچە قەسەم بېرىش مۇراسىملىرىدىن ئارىيەلەر بېرىلىدۇ.» مۇراسىملاردا كىشىلەر «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى يوقىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ، بۇ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە ئۆزىنى تولۇق بېغىشلىمىغان ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىغا كىيدۈرۈلگەن بىر قالپاق ئىدى.

«بۇ ھەقىقەتەن كىشىگە قاتتىق بىر تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ،» دېدى دوكتۇر روفى، ئۇ تۇنجى قېتىم 2001- يىلى شىنجاڭغا بارغان ۋە ئۇ يەردە بىر يىل ياشىغان.

دوكتۇر بروفىنىڭ ئېيتىشىچە، «يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىنىڭ ھەپتىلىك پۈتۈن ۋاقتىنى خىتايچە سۆزلىشىدىغان مۇھىتتا ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن» نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزا – بازارلىرىدا ياتاقلىق مەكتەپلەر ئېچىلغان، ئۇلار پەقەت ھەپتە ئاخىرلىرىدىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتالايدۇ.

بىر ئۇيغۇر زىيالىنىڭ گېزىتىمىزگە ئېيتىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ كەچلىك كۇرسلاردا خىتايچە ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان.

«كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ۋاستىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش  قۇرلۇشىدۇر. بۇ قۇرۇلۇشتا 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان بارلىق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ DNA ۋە رەڭدار پەردە خاتىرىسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى توپلىنىدۇ.

خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق مەلۇماتلارنى توپلاشنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوقلۇقىنى ئېيتىپ بۇ قۇرۇلۇشنى ئاقلىغان.

لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوفى رىچاردسون، DNA ئۇچۇرلىرى يىغىشنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىنىڭ باشقا بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«بىز دۆلەتنىڭ تەدرىجى ھالدا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مەخپىي ۋە ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.

«قارىغاندا، بۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسى بار – يوقلۇقىدىن قەتئىنەزەر، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشىنىڭ بىر چېكى يوقتەك قىلىدۇ.»

ئاتسىز تەرجىمىسى



[1] ئىرقىي ئايرىمىچىلىق – 1948 -  يىلىدىن 1994- يىلىغىچە جەنۇبىي ئافرىقىدا رەسمىي دۆلەت سىياسىيى بولغان. خەلقئارادا apartheid دەپ تونۇلغان.