ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا گاز يەتكۈزۈش مىقدارى ئاشقان

 
2017- يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا 38 مىليارد 700 مىليون كۇبمېتىر تەبئىي گاز يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 13.37 پىرسەنت ئاشقان. بۇ ئۇچۇرنى قورغاستىكى بىر گاز تۇرۇبىسى شىركىتى تەمىنلىگەن
ئوتتۇرا ئاسىيا - خىتاي گاز تۇرۇبىسى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئۆتىدۇ، قورغاس شەھىرىدە قازاقىستان - خىتاي چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.  
بۇ گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1830 كىلومېتىر بولۇپ، يىللىق ئومۇمىي توشۇش مىقدارى 55 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.  
2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يول ئارقىلىق خىتايغا توشۇلغان ئومۇمىي گاز مىقدارى 203 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن.  
بۇ گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان گاز ئاساسلىقى تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىن چىقىدىغان بولۇپ، قازاقىستاندىمۇ گاز تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.  
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھەر يىلى ئىشلىتىدىغان تەبئىي گازنىڭ ئاز دېگەندە 15 پىرسەنتى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىدىكەن. 

ada810 
يېقىندا، خىتاي تاراتقۇلىرى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تارىم نىفىتلىكىدىن خىتاينىڭ شەرقىي قىسىملىرىغا 200 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبئىي گاز يەتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.  
خىتاي تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى خىتايدىكى تەبئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى, خىتاي - رۇسىيە تەبئىي گاز ۋە نىفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ رايوندىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەت ئېنىرگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىۋالىغلى بولىدۇ.