يا شېھىت بول، يا شاھىت

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تورلاردا تارقىتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقنى ئاڭلىغان، ئاۋاز قوشقان، سۈرۈشتە قىلغان ئۇيغۇر نىڭ ئازلىقى يۈرەكنى تىلغاۋاتقان ۋاقىتتا دۇنيادىن سادا كەلدى. 5-يانۋار كۈنى بىر بۆلۈك زىيالىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇراجىئەتكە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىيۋىي تەشكىكلاتلارنىڭ بىرى بولغان تۈرك ئوچاقلىرى چاقىرىق ئېلان قىلىپ 81 ۋىلايەتتىكى تارماق تەشكىلاتلارنى ۋە بارلىق تۈرك خەلقىنى ئىمزاغا چاقىردى. ئەپسۇسكى، بۇ مۇراجىئەتكە ئىمزا قويغان ئۇيغۇرنىڭ سانى ئارانلا 500 دىن ئاشتى. ئىمزا قويمىسىمۇ مەيلى ئىدى، ئەمما ئىمزا قويۇشقا قارشى چىقىپ توختىماي بايانات بېرىۋاتقانلار نىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتقانل​ىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چوقۇم مەن قۇرغان تەشكىلات قىلمىغان ئىشنى باشقىلار قىلماسلىقى كېرەك، مەن باشلىمىغان ئىشنى ھىچ كىم باشلىماسلىقى كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇرنى مەندىن بۆلەكلەرنىڭ سۆيۈش ھوقۇقى يوق، ماڭا ئەگەشمەي تۇرۇپ قېرىنداشلارنىڭ داۋاسىنى قىلىش گۇناھمۇ؟ ياق، ئەكسىچە بۇنداق مەنلىك، مەنمەنلىك گۇناھ . چۈنكى مەنلىك، مەنمەنلىك كىبىردۇر، ئۇ شەيتانغا خاس، ئاللاھ نەپرەتكە لايىق قىلغان ئىبلىسقا مەنسۇپتۇر.
ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى ھەققانىي مۇراجىئەت ئۇيغۇردا پەقەت ساداسىز قالمىدى. مۇراجىئەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇخپىرلار ۋە جامائەت ئەرباپلىرىغا يوللانغاندىن كېيىن ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇساجان ئەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دولقۇن ئەيسا، سەمەت ئابلا قاتارلىق قېرىنداشلار باش بولۇپ تارقاتتى. ھازىر ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما ئۇيغۇر نىڭ سانى يەنىلا ئاز، كۆپىنچىسى تۈركىيە ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ھەققانىي كىشىلەردىن قوللاش كۆپ بولماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇرنىڭ قوللىشى ئاچقۇچ.
مۇراجىئەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نەتىجە بولۇشى كېرەك. نەتىجە ئۈچۈن كەم بولۇۋاتقىنى پاكىت قىيىنچىلىقى، چۈنكى بۇ مۇراجىئەت جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىپ مەلۇم سانغا يەتكەندىن كېيىن بۇنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا سۇنۇش كېرەك. دوكىلات سۇنۇلغاندا چوقۇم سانلار، ۋەقەلەرنىڭ مەنبەسى بولۇشى كېرەك. خۇددى »دۇنيا سۈكۈتنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ جار سالغىنىمىزغا ئوخشاش، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا، زۇلۇمغا، باستۇرۇشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلار بىز ئۈنسىز تۆككەن ياشنى چۈشەنمەيدۇ، بىر بىرىمىزگە تارقىتىپ يۈرۈۋاتقان رىۋايەتكە ئىشەنمەيدۇ، بىزدە يا ماددى، يا ئىنسانىي ھۆججەت بولۇشى كېرەك.
زۇلۇم، خورلۇق، ۋە خارلىنىشلار بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. قېرىنداشلىرىمىز تىرىك تۇتۇلۇپ جەسەت بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. خىتاي زېمىنىمىزغا ئەمەس ئائىلىلىرىمىزگە بېسىپ كىردى، تىلىمىزغا، دىنىمىزغا ئەمەس جېنىمىزغا قەس قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھايات-ماماتلىق پەيتتە يا ئۆزىمىز شاھىت بولغىنىمىزنى دەيمىز ياكى شاھىتلارنىڭ قولىدىكى ماددىي ئىسپاتنى كۆرسىتىمىز. ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندىكى شېھىت سۆزىنىڭ تومۇرى بىلەن شاھىت سۆزىنىڭ تومۇرى بىر ئىكەن. دېمەك، ئاللاھ بىزدىن يا ھەق ئۈچۈن شېھىت بول، يا ھەققانىيەت ئۈچۈن شاھىت بول دەپ چاقىرىدۇ. زۇلۇمنى كۆرۈپ تۇرۇپ شاھىتلىقتىن ۋاز كېچىش، شاھىتلىقتىن قېچىش، شاھىتلاردىن بولالماسلىق زالىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. بۈگۈنكى زۇلۇم ئالدىدا بىز شېھىتلىق ياكى شاھىتلىقنى ئەمەس سۈكۈتنى، بىپەرۋالىقنى، ئىتىپاقسىزلىقنى تاللىساق زالىمنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ، زۇلۇم مۇشۇنداق داۋام قىلسا ئۇيغۇر مىللەت سۈپىتىدە يوقۇلىدۇ.