ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى : دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانى

 خىتاي ھۆكۈمىتى سېستىمىلىق ھالدا شىنجاڭ ياكى 1949. يىلى بېسىۋالغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىپ كەلگەن رايۇندىكى 15 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۈستىدىن ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

 

خىتاي بۇ رايۇندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق بىر خاتىرە ياكى ئەسلىمىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەنكى ئەسىردىكى ئەڭ رەزىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن يۈرگۈزمەكچى.. خىتاينىڭ قاتتىق كونتروللىقىدىكى ئىنتەرنەت ۋە مېدىيا چەكلىمىسىدىن ھالقىپ بىزگە يېتىۋاتقان ئازغىنە ئۇچۇرلار بىزگە كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرى بولغان "مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى" مەزگىلىدە- دىندار كىشلەر ۋە دىنى ئورۇنلار يوقىتىلغان - ۋاقىتنى ئەسلەتمەكتە.

 گەرچە 1970- نىڭ ئاخىرى ۋە 1980 دىن باشلاپ خىتاي سىرتقا ئېچىلىپ ، دىن ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا قاتتىق قول سىياسىتى سەل يۇمىشىغاندەك بولدى. بۇ نىسپەتەن ئېچىۋېتىلىش سايىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئىقتىسادى، سىياسى ۋە دىنى قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئۆز ۋاقتىدا سوۋىت ئىتتىپاقىدىن  ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان قوشنا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ 1940- يىللىرىدا قىسقىغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ھوزۇرىنى سۈرگەن مۇستەقىل دۆلىتىگە تەلپۈنۈشلىرىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ غەربى رايۇنىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي 1990- يىىللىرىدىن باشلاپ، بۇ رايۇندا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

2001 -يىلى ئامېرىكىنىڭ "تېرورغا قارشى جەڭ" ئېلان قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى تىزلا ۋاقىت ئىچىدە قەبىھلىشىپ كەتتى. خىتاي بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارنى "خەلقئارالىق ئىسلام تېرورلۇق" ھەركەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى  دەپ ئېلان قىلدى . ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئارزۇسىنى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە نىڭ نىشانلىرى بىلەن باغلىدى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشنى "رادىكال ئىسلام"غا قارشى دەپ غەرپنىڭ كۆزىنى بوياپ خالىغاننى قىلالايمىز دەپ ئويلىغان ئىدى. بۇ دەل ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قوللانغان ھىيلىسى بولۇپ، ئۇلار پەلەستىن ئازاتلىق ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى "ئىسلام تېررورلىقى" دەپ جار سالاتتى.

 دەسلەپتە تىنجىتىش بولۇپ باشلانغان ھەرىكەت ئاقىۋەتتە بىر دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھالىغا كەلدى.

  خىتاي شەرقىي تۈركستاندا ئىسلامغا دائىر ھەرقانداق پائالىيەتنى چەكلىدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆز دىنىنى ئەيىپلەش، كومپارتىيەگە سادىق بولۇشقا قەسەمياد قىلىشقا مەجبۇرلىدى. يېقىندا مەن بىر گورۇپ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ بىر توپ ئۇيغۇر جامائىتىگە "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ سالاملىشىشىنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىىنى بىلدۈرىۋاتقان بىر پارچە سىننى تىۋىتتەرگە يوللىدىم.

 

 قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامى كىتابلارمۇ چەكلەندى. سەل باشقىچىرەك ساقال قويۇش "قويۇق ئىسلامى تۈس" دەپ چەكلەندى. ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىم قوللانمىسى" دېگەن ئىسىمدا بىر ھۆججەت تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلىقنىڭ سىمۋۇلى بولغان مۇھەممەد، مەدىنە، ئىسلام، ئىمام، ھاجى ۋە باشقا ئىسىملارنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا  "ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قوللىنىشىنى چەكلەش باھانىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتىن زىيانكەنشلىك قىلىۋاتىدۇ"  دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "ئۇلار بۇنداق ئىسىم قوللانغۇچىلارنىڭ خىتاي نىڭ رايۇندىكى سىياسىتىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؟؟؟؟؟" دېدى.

 يۇقارقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا يېڭى پەيدا بولغان چەكلىمە ۋە كەمسىتىش قانۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى پەقەت.  ھازىر يەنە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ماشىنا ۋە يانفونلىرىدا ئورۇن بەلگىلەش، ئىز قوغلاش ئۈسكۈنە ۋە پروگراممىلىرىنى بىكىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

 بوۋاق ئىسىملىرى، ساقال، ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى بىكىتىش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھازىر دۇچ كەلگەن زۇلۇملار بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېزىشى ئالدىدا ئانچە چوڭ ئىشلار ئەمەس ئىدى.

قىيىن قىستاق، سولاق، ئۆلۈم جازاسى، ئىزدىرەكسىز يوقۇلۇش قاتارلىقلار رايۇندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېڭى رېئاللىقى بولۇپ قالدى.

 

ئىنسان ھەقلىرى كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ئەمەلدارلارغا بۇيرۇپ، رايۇن ئاھالىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن كىشىنى "تەربىيلەش لاگىرى"غا ئەۋەتكۈزگەن.  بۇ لاگىرلار يەنە ئەمگەك لاگىرى، ئىدىيە سىڭدۈرۈش لاگىرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شىمالى كورىيەدە ئۇزۇندىن بېرى ئومۇملاشقان ئىدى.

  ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن بىرىنىڭ "بىز دىندار كىشىلەرنى كۆزلەۋاتىمىز. مەسىلەن ياش تۇرۇپ ئۇزۇن ساقال قويىۋالغانلار" دېگەن سۆزى يۇقارقى دوكىلاتتا يەر ئالماقتا.

  مەن گوللاندىيەدە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ژورنالىست ئابدۇلغەنى سابىت بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇ ماڭا بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ "تۈرمە لاگىر"لارغا قامالغانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىر تېكساسنىڭ ھيۇستىندا ياشايدىغان خۇيزۇ مۇسۇلمانلاردىن بولغان ستىۋىن جاڭ ئامېرىكىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئۇيغۇر ئايالىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپ بولغان دەپ داۋا ئاچقان بولۇپ، ئۇ ئابدۇلغېنى سابىت دېگەن ساننى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېرىلگەن سان دەپ قارىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە بەش مىليون ئۇيغۇر قامالغان ياكىى ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىكەن..

 يېقىنقى ئىككى يىلدا مەجبۇرى يوقىلىپ كېتىش كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆپيىپ قالدى. خىتاي ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلرىنىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ژورنالىست، يازغۇچى، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ ئاز دېگەندىمۇ 26 كىشىنى تۇتۇپ كېتىپ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشكە سەۋەپ بولغان..

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى "زىيانكەشىلىككە ئۇچرىغۇچلار ھېچقانداق قانۇنلۇق ھوقۇققا ياكى ئادۋۇكاتقا ئېرىشەلمەيدۇ. دائىم قىيىن- قىستاققا ئىلىنىش  خەۋپى ئىچىدە تۇرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىدىن يىراق ھالدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاي ئىنتىرنەت ۋە مېدىيا (ئاخبارات) نى قاتتىق كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، سابىتنىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئۇ 2009 .يىلىدىن بېرى ۋەتەندىكى ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر بىلىدىغىنى بولسا 2014 .يىلى ئۇنىڭ ۋاشنگتوندا تۇرىدىغان سىڭلىسىنىڭ زىيارىتىدە ئۇلارنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكىنى بىلگىنى ئىكەن . بۇ يەردە ئەسكە يەنە شىمالى كورىيە كېلىدۇ. 

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا "شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە ناچارلاپ كېتىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن..

 بۇ كومىتىتنىڭ باشلىقى ماركو روبىيو "ئاھالىلەر سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنماقتا، سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى بولسا شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. كەڭ نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق ھەربىر ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى تەقىب ئاستىغا ئالماقتا. بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا رادىكاللىشىش ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رولى ئوينايدۇ» دېدى.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقارقى خاپىلىقلىرىغا ئۇلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ھېچقانداق دوستىنىڭ بولماسلىقى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق . تەقلىدى ئارقا تېرەكلىرى بولغان تۈركىيە ۋە پاكىستانلار خىتاي نىڭ بېرىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەت تەسىرىگە باغلىنىپ قالغان.  ئەرەپ دۆلەتلىرى بولسا ئىران ياكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كىرزىسلىرى بىلەن مەشغۇل.

  ئەگەر بىز تارىخنى ماياك قىلساق، شۇنى دېيەلەيمىزكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى خاپىلىقلىرى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن دېققەت تارتالمىسا، خىتاي نىڭ "قايتا تەربىيەلەش" ، "ئاسسىمىىلاتسىيە قىلىش"نىڭ مەغلۇپ بولىشىدىن كېيىن ئىرقىي قىرغىنچىقلىق كېلىشى مۇمكىن..

قەلەم تەۋرەتكۈچى:

CJ Werleman

Independent