چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

ئافراسياپ

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا تارىختىن بىرى ئەڭ ئېغىر كۈنلەر كەلدى، بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

ھەر قانداق ئۇيغۇر، مەيلى ئۇ موللا -زىيالى، باشلىق -دېھقان، چوڭ -كىچىك، باي-كەمبەغەل، جەنۇب-شمالدىن بولۇشدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسى ئوخشاش سەۋەبسز ھالدا ئېغىر قاماققا ياكى زۇلمەتلىك لاگىرغا سولىنۋاتىدۇ، سەۋەبسز ئۆلتۈرلۈۋاتىدۇ. پۈتۈن ھاياتى، ئائىلىسىنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ.

بۇنى ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغان چەتئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ناھايتى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ئۆسكەن، ئۇيغۇر ئەل-ئاغىنىلىرى، دوستلىرى بولغان، ئۇيغۇرنىڭ تۇزىنى يىگەن، سۈيىنى ئىچكەن ھەر قانداق ئنسان ئاڭلىدى ياكى بىلدى.

لېكىن غەرپ دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئەڭ ئاز مۆلچەردە، 100 مىڭ دىسەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە جىددى كۆڭۇل بۆلىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەش پىرسەنتىگە يەتمەيدۇ.

پۈتۈن كۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئنساندەك ياششىغا بېغشلاپ، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ پىدائىيلىق قىلىۋاتقان، كىچە-كۇندۇز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئۇستىدە پىلان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇردىن دۇنيا بويىچە 100نەپەر چىقمايدۇ، مۇتلەق كۆپ قسم پائالىيەتچىلەر، سۆزلەتۋاتقان، يېزىۋاتقانلار مۇقىم خىزمىتىدىن، ئائىلىسدىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇيغۇر ھەققىدە سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ ئەپسۇسلىنىدۇ ياكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن شكايەت قىلىدۇ. زالىم ھۆكۈمەتنى قارغاپ قويىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان دۇنياۋى تەسرگە ئىگە خەۋەرلەر، دۆلەتلەرنىڭ باياناتلىرى، ئۇچۇرلارنى ئىگەللەشكە، تارقىتىشقا قىزىزىقىدىغانلارمۇ ئىنتايىن چەكلىك .

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق تەقدىر ئىنگىلىز، گىرمان، ھونگىر، تۈرك، ھەتتا ئەرەب ۋە ھىندىلارنىمۇ ئويلاندۇرىۋاتىدۇ، ھەرىكەتكىمۇ كەلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدىن چەتئەللىكلەرنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئېشپ كىتىۋاتىدۇ.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىمىز گۈزەل، خاتىرجەم، بىز ئالىم، بىز دوكتۇر، بىز باي، تۇرمۇشىمىز ئېسل دەپ غەمسز ياشاۋاتقانلار ئۆزىنى مۇشۇ كۈنگە كەلتۈرگەن ئاتا-ئانىسنى قايسى يۈزى بىلەن، قايسى ۋىجدانى، قايسى ئنسانيلىق خسلىتى بىلەن ئۇنتالىسۇن؟ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بەدىلىگە چەتئەللەردە سىياسىي پاناھلىققا ئېرشكەن ئۇيغۇرلارچۇ؟

بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ سزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن چىقىشى ئۈچۈن، تۈرمىدە يىتىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئازغىنە بىر قسم پائالىيەتچىلىرىمىزدىنمۇ قىچىۋاتىمىز، ئۇلارنى يالغۇز قويۇۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەيۋەت-شكايەت قىلىۋاتىمىز. ئۇلار قىلىۋاتقان ئەركىنلىكىمىزگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى قوللىماقتا يوق، زىيانلىق ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىرىمىز بار.

بۇ قىلغانلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن، ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۈچۈن، سز ۋە بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن يوقىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمدى بولسمۇ ئازراق بولسمۇ ئويغىنىش، ھەرىكەتلىنىش دەۋرى.

ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقى سزنىڭ سادايىڭىزغا مۇھتاج!

شۇ تاپتا، ۋەتەندە تارىخى زۇلۇم ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئەگەر جۈرئەت قىلالسڭىز، سزنىڭ ئنساندەك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشڭىزغا، ئاۋازىڭىزنى ياڭرىتىشڭىزغا مۇھتاج.

ھەرىكىتىمنىڭ تەسرى بولامدۇ دەمسز؟

چوقۇم بولىدۇ، سز 24 سائەت ۋاقتىڭىزدىن بىر سائەتنى ئاجرىتىڭ، 1000دوللار پۇلىڭىزدىن 10 دوللار پۇلىڭىزنى ئاجرىتىڭ، ھەممە ئۇيغۇر تەڭ ھەرىكەتكە كەلسە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئشەنچىسى ئاشدۇ، جامائەت روھى يۈكسلىدۇ، دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئويغنىدۇ، ھەرىكەتكە كېلىدۇ.

بۇ خەقكە يالۋۇرۇش ئەمەس، كۈچلۈك ۋە رەزىل دۈشمەنگە قارشى خەلقئارالىق ئىتتپاقداش توپلاش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلىشتۇر. ئەمەلىيەتتە ھەقىقى كۆزەتكۇچىلەر ئۈچۈن، دۇنيا بىز بىلەن ئورتاق زالىم دۈشمىنمىزنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك تونۇشقا باشلىدى، ھس قىلىۋاتىدۇ.

دۇنيانىڭ بىز بىلەن كارى يوق ئەمەس، دۇنيا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقى ئەھۋالنى دەلىل-ئسپاتى ۋە سانلىق مەلۇماتى بىلەن بىلمەيدۇ، زالىم دۈشمىنمىز ۋەتەنگە بارغان مۇخبىرلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشگە ئازراقمۇ ئىمكان بەرمەيدۇ، شۇڭا مۇخبىرلارمۇ ھەقىقى ئەھۋالنى ئسپات بولمىغاچقا، بىز كۈتكەندەك ئەينەن ۋە تولۇق يازالمايدۇ، پەقەت كوچا يۈزىدىلا كۆرگەن يۈزەكى قسمىنىلا خەۋەر قىلىدۇ.

مىدىيا خەۋىرى بىلەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئشلارنى دۆلەت-ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنىت ۋە كومىتىتلار، تەشكىلاتلار تېخىمۇ جەزىملەشتۇرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاخباراتنىڭ رولى شۇ قەدەر زوركى، زالىمنى ۋەيران قىلىدىغان بىردىنبىر قورال ھەقىقەتنىڭ ئاشكارا بولۇشى ۋە بۇ ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان دۇنيا بويلاپ بىر زور قوشۇننىڭ شەكىللىنىشىدۇر. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان دۇنيادا زالىم دۈشمەننى تولۇق ۋە تەلتۆكۈس يېڭىلەيدىغان بىردىنبىر ئۇرۇشمىز- ئاخبارات ئۇرۇشى، ئسپات ئۇرۇشىدۇر. خەلقئارا جامائەت پىكرى يۆنۈلۈشىدۇر، ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا بىز يەڭسەك، ختتاي بىزنى داۋاملىق "تىرورچى "نامى بىلەن باستۇرالمايدۇ، ئەگەر زالىمنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئاشكارىلانسا، پۇتۇن دۇنيادىكى ئنسان دەپ قارالغان ھەر قانداق ئنساننى ئورتاق زالىمدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن مۇداپىئەگە، قارشلىققا ئۈندەيدۇ. زالىمغا قارشى بىز بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ كۆرەش قىلىشقا ئاتلاندۇرىدۇ.

ئەسقاتىدىغان ئورۇنلار:

مېدىيالار ،ئنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سز تۇرغان يەرلىك سياسى پارتىيە، پارلامېنت ئەزالىرى، منستىرلىكلەر، دۆلەت رەھبەرلىرى

ئۇنداقتا سز نېمە قىلالايسز؟(ئىمكانىڭىز بويىچە)

تەشكىلاتلارغا ئشەنمسڭىز، ئۆزىڭىز ئايرىم، شەخس سۈپىتىدە قىلىڭ.

ئەگەر ئۆز نامىڭىزنى ئشلەتسەم، ئائىلەمگە خەۋپ يېتىدۇ دەپ قارسڭىز، باشقا نام ياكى تەخەللۇس قوللىنىڭ.

1-قسقا فىلىم ۋە سىن شەكلىدە ئۆزىڭىزنىڭ بېشدىن ئۆتكەن ياكى بىلىدىغانلىرىنى ئىلان قىلىش؛

2-بېشڭىزدىن ئۆتكەنلەرنى رەتلىك، پاكىتلىق ھالدا يېزىپ چىقىپ، تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى مېدىيالار ۋە كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇش؛

3-ئۆز ئسمىڭىزدا مۇراجىئەتنامە چىقىرىش؛

4-ئەتراپىڭىزدىكى يەرلىك مىللەتلەر، شەخسلەرنى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش؛

5-ئىجتىمائىي تاراتقۇلار: فېيىسبۇك، تىۋىتتېر، ئىنستگرام، ۋاتىسئاپ، تېلېگىراملار سزنىڭ كۈچلۈك قورالىڭىز ھەر قانداق تىلدىكى سۈرەت، خەۋەرلەرنى تارقتىشىمىز كىرەك؛

6-ئۆزىڭىز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغان، ئىقتسادى جەھەتتە زىيان تارتىشقا مەجبۇر قىلىنغان، ئالاقە ئۈزۇشكە مەجبۇر قىلىنغان، تۈرمىگە تاشلانغان، يوقاپ كەتكەن تۇغقانلىرىڭىز نامىدىن جاللات چېن چۈەنگو، جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارە باشلىقلىرى، پارتكوم سېكرىتارلىرىنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي پاش قىلىش ۋە كىشلىك ھوقۇق سوتلىرىغا ئەرز - شكايەت قىلىش؛

7-ئويلىغان ئېسل ئىدىيە-پىكىرلىرىڭىزنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئورتاقلىشش؛

8-ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازاپلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۇتۇقلىرىغا تەبرىك ۋە بەرىكەت تىلەش؛\

9-قولىڭىزدىن كەلسە پايدىلىق ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتنى بېرىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشش، توي قىلىش، ئوقۇشقا كىرىش ئشلىردا ياردەم قىلىش؛

10-ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇتۇق قازىنىش، ئائىلىسگە ياخشى قاراش. بۇلارنىڭ ھەممىسى كاتتا مۇھىم خىزمەتتۇر؛

ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، زۇلۇم چېكىگە يەتكەن بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە، زۇلۇمنى پاش قىلماسلىق -زۇلۇمغا ياردەم قىلغانلىقتۇر.

زالىمنىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلىش ئۇنى قوللىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇددى يورۇقلۇق يوق يەردە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرگەندەك، سۈكۈت قىلىشىڭىز سەۋەبىدىن زۇلۇم كۈچىيىدۇ.

ئاتا-ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا ئاپەت كەلگەن كۈندە بىزنىڭ غەمسز ياشىشىمىز جىنايەتتۇر، يۈز مىڭلىغان مەسۇم بالىلار ئىگە-چاقىسز قېلىۋاتقاندا، بىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىمىز ئادىمىيلىك ئەمەستۇر.

بىگۇناھ ئنسانلار يوقاپ كېتىۋاتقان، مەخپى ئۆلتۈرۈلۈۋاتقاندا، دۇشمەن خوتۇن- قىزلىرىمىزنى خورلاۋاتقان ۋە ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ ئەركىن دۇنيادا، سۆزلىيەلەيدىغان، ھەرىكەت قىلالايدىغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇشمىزنى ھەر ئىككى دۇنيادا ھېچقانداق ئادوۋكات بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقليالمايمىز.

بىز ئەمدى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

 

ھەرىكەتتە – بەرىكەت

 

ۋەتىنىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى