مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمغا مەرسىيە
ئاپتورى: سەرۋى
*
قارى ھاجىم كەتتىلەر، شەھىتلىككە يەتتىلەر،
ياقا يىرتىپ ئۆكسۈپ ئۇيغۇر قانلىق ياشقا پاتتىلەر.
*
«مۇھەممەد سالىھ» ئاتلىق ئۈكەر كۆكتىن كۆچتىلەر،
كۆك يۈزىنى قارا بۇلۇت قاباھەتلىك باستىلەر.
*
خىتاي قانلىق قوللەرىنى قاراجىمغا سوزدىلەر،
قەتلىئام قىپ پاك جىسمىنى ئەمدى ئەمىن تاپتىلەر.
*
ئۇستاز شەھىد بولدىلەر، كۆزلەرى ئوچۇق كەتتىلەر،
«تۈركىستاندا ئۈممەت خار!» – دەپ ئارمان بىلەن پۈتتىلەر.
*
تۈمەن، تارىم، زەرەپشان غەملىك چايقىلىپ ئاقتىلەر،
تەڭرى تېغى، قارا-قۇرۇم «خىتاي لەنەت!» دېدىلەر.
*
قارى ھاجىم تالىپلەرى ئەمدى ئۆيدە ياتۇرمۇ،
جانىجان ئۇستاز ئۈچۈن نەرە تارتىپ چىقۇرمۇ.
*
«نەزىرە» ئاتلىق قىزى تۈرمىدە ھازا ئاچۇرمۇ،
بىخەۋەر بولسا ناۋادا يۈرەكلىرى تۇيۇرمۇ؟
*
«جان دادىكام!» دەپ كۆزىدىن ئۈنچىلەرى ئاقۇرمۇ،
يۈرەكلىرى سىرقىراپ بىھۇش بولۇپ ياتۇرمۇ؟
*
ئەمگەكلىرى قالدىلەر، تەلىملىرى دىلدىلەر،
جىمى ئۇيغۇر ئۇستازنىڭ ماتەمدارى بولدىلەر.
*
تەرجىمەئى قۇرئەندە ئىسملەرى قالدىلەر،
ھەربىر قۇرئەن ئاچقاندا ئۇستاز يادقا كىلۇرلەر.
*
«سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سىرە» تەۋەرۈك بوپقالدىلەر،
«ياخشىلەرنىڭ باغچىسى» مەڭگۈ ئىپار چاچۇرلەر.
*
ئەمگەكلىرى سەدىقەئى جارىئەسى بولدىلەر،
مەھشەرگاھتا ئۇستازغا سايىۋەن بوپ كىلۇرلەر.
*
قارى ھاجىم ئۇيغۇرچۈن كى بىر گەۋھەر ئەردىلەر،
خىتاي ئۇشبۇ گەۋھەرنى تاشقا ئۇرۇپ چاقتىلەر.
*
ئەي ئۇيغۇرۇم ئالىمىڭ شەھىد بولۇپ كەتتىلەر،
خىتاي قانلىق قېلىچتا يۈرەك – باغرىڭ تىلدىلەر!
*
«چىدىمىسا توشقانمۇ زۇلۇمدارنى چىشلەيدۇ،
ئەمدى ئۇيغۇر ئۇخلىماس، قىساس ئۈچۈن پايلايدۇ!»
*
ئەھلى ئۇيغۇر دەپ شۇنداق ئەھدەيۇ – پەيمان ئەتتىلەر،
قانى قىزىپ، مۇشتىن تۈگۈپ جەڭگە تەييار بولدىلەر!
*
سەرۋى ئۇشبۇ قۇرلىرىنى ئۇستاز ئۈچۈن پۈتتىلەر،
ئۇشبۇ ماتەم سەرۋىنىڭ دەردىگە دەردلەر قوشتىلەر.
*
2018 – يىلى، 29 – يانىۋار، ئامېرىكا
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تورىدىن ئېلىندى