ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا دائىرىلىرى مالايسىيادا قولغا ئېلىنغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قايتۇرغان ئىلخېتىدە، ئامېرىكانىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ نۆۋەتتە مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.  
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مالايسىيانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە ھېس قىلدۇق. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى قايتۇرۇلغان ھەر قانداق كىشىگە مۇئامىلە قىلغاندا چوقۇم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشقا، ئاشكارا بولۇشقا ۋە ئادىل قانۇنى تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈشكە، شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇاۋپىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىمىز.» 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.  

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا: «ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتەك جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. د ئۇ ق باياناتىدا يەنە مالايسىيا دائىرىلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ، «بۇ 11 نەپەر بىگۇناھ كىشىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن. 

 
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەۋپلەر ھەققىدە مالايسىيا دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.  
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى براد ئادامس: «مالايسيا بۇ 11 كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان يولغا ئەۋەتمەسلىكى لازىم» دېدى.