تەيۋەن تاراتقۇسى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا فىزىئولوگىيەلىك ئارخىپ تۇرغۇزدى (سىىنلىق خەۋەر)

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى تەيۋەننىڭ مىنشى خەۋەرلەر قانىلىدا <شىنجاڭلىقلارنىڭ بارلىق فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئارخىپلاندى،-خىتاي ئالەم تورىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ؟> دېگەن تېمىدا مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەزەلدىن خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ئالاھىدە قوغدايدىغان مۇھىم رايونى. چۈنكى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت تارىختىن بۇيانقى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆلىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. ھەتتا 19-قۇرۇلتاي ئۆتۈپلا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتتى ۋە يۈز قىسمىنى پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت سىفىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. 
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنداق دېدى: ئاتالمىش شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ھەقسىز داۋالاش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، فېزولوگىيىلىك ئەۋرىشكىلىرىنى يىغدى. مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ : شىنجاڭ بەلكىم بېيجىڭنىڭ ئالەم تورى ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى سىناق قىلىش نوقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دېدى.
خەۋەرنىڭ ئىككىنجى بۆلۈمىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان:
ھەيۋەتلىك مۇز تاغلىرىنىڭ سايىسىدا خىتاي زور ھەربىي قوشۇن ئارقىلىق شىنجاڭنى زوراۋانلىق بىلەن ئىدارە قىلىۋاتىدۇ!
خىتاي ئاخپارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا ھەيۋەتلىك تاغ – دەريالىرى بار، گۈزەل بىر ماكان بولۇپ، بۇ ماكاندا ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىناق - ئېجىل ياشايدۇ. مۇشۇنداق تېنچ كۆرۈنۈشنىڭ كەينىدە، خىتاي ھاكېمىيىتى ئەكسىچە زور ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ زېمىننى زوراۋانلىق بىلەن باشقۇرىدۇ. 
تېرورلۇققا زەربە بېرىش يىغىنىدىن ئۆلۈم ھېدى پۇراپ تۇرغان بولۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى قاتتىق ئۇرۇپ-سوقۇپ ۋە نابوت قىلىۋېتىش، ھەتتا قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. ئەمەلىيەتتە تىبەتتىن يۆتكۈلۈپ كەلگەن بۇ مەخلۇق شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئالەم تورى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن خەلقنى نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. 
ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ، مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ھېيلە نەيرەڭ ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىماي تۈزۈپ چىقتى. ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى توختىتىش، ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورىشىنى چەكلەش، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا 29خىل ئىسلام دىنىي تۈسىنى ئالغان ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەش، ھەتتا پۈتكۈل خەلقنى ئۆز ئارا نازارەت قىلىشقا قويۇپ، خۇلۇم – خوشنىلارنىمۇ ئۆز ئارا نازارەت قىلدۇرۇش، بۇنىڭدىن سىرت قوشماق تۇغقان بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، رەھبەرلەرنى خەلق ئارىسىغا چۈشۈرۈپ، خەلق بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ، بىللە يېتىپ قويۇپ، بىللە ئۆگۈنۈش نامىدا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئاتاقتا تۇغقان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قىلمىشنىڭ مەقسىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. 
خىتاي ھۆكۈمىتى قانلىق قولىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنى گۆرۆگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، خائىنلىققا قىستىغان. 

Youtube تىن كۆرۈش

بېيجىڭ يەنە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارغا تېرورلۇق قالپىنى كەيدۈرۈپ، تەربىيىلەش نامىدىكى لاگىرلارغا قامىغان. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2017- يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خادىملىرى 6 ھەسسە كۆپەيتىلگەن. 
شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە ساقچى ۋە تەكشۈرۈش بېكەتلىرى بار بولۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا تەكشۈرۈشتىن باشقا، سېفىر تېخنىكىسى ئارقىلىق قىسقىغىنە بىر پەسىلدىلا 300مىليارد تەيۋەن پۇلى خىراجەت قىلىپ ئالەم تورى ئورناتقان. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ماشىنا بېكەتلىرىگە كىملىكنى تەكشۈرۈش ماشىسىنى قويولۇپلا قالماي بەلكى ئۇيغۇرلار ماشىنىغا ماي قاچىلىماقچى بولسىمۇ كىملىكنى كۆرسىتىشى، يۈز قىسمىنى تەكشۈرۈش كامېراسىغا توغرىلىشى ھەتتا بەزى رايونلاردىكى شوپۇرلارنىڭ ماشىنىسىغا چوقۇم GPSئورۇن بەلگۈلىگۈچ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ ماي قاچىلىشى رەت قىلىنغان. 
ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن يان تېلېفونى، خاتېرە كومپۇتېرى ۋە قولاي دېسكىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، تەكشۈرتۈش ۋە ھەتتا نازارەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا تور تازىلاش ئەپ دېتاللىرىنى قاچىلاتقان. 
ئاتالمىش شىنجاڭ دائىرىلىرى ئاھالىلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 12ياشتىن 65ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ يۈز قىسمى 3D كۆرۈنۈشى،بارماق ئىزى، ئاۋازى ۋە كۆز رەڭلىك پەردىسى ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋالغان. سەھىيە ئىدارىلىرى بولسا پۈتۈن ئاھالىلارنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نامىدا قان ئەۋرىشكىسى ۋە DNAئەۋرىشكىسىنى ئالغان. نوقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغانلارغا نىسبەتەن ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن تارتىپ يېشىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىغا چەكلىمە قويماستىن بىردەك ئەۋرىشكە ئېلىنغان. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بولسا ساقچى ئىدارىلىغا يوللىنىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان. 
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2017-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭدىكى 22مىليۇن ئاھالىنىڭ 19مىليۇنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى 90پرېسەنتكە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئايال، قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن ھەممىسى تەكشۈرۈلگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغاندىن سالامەتلىك تەكشۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى- تەرۈز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇ قىلمىش ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئارقىغا شۇم غەرەز يوشۇرۇنغان دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ ھېسابلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فىزولوگىيىلىك ئەۋرىشكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغان خەتەرلىك خېمىيىلىك قوراللارنى ياساپ چىقىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى بولۇپمۇ، پۈتۈن بەدىنى ئۆتمە – تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ يەنىلا DNAئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇرۇق- جەمەتىنى ئېنىقلاپ جازالىشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىشتەك قارا نىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە شىنجاڭلىقلارنىڭ فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئالەم تورىغا كىرگۈزۈلىشى خىتاينىڭ ئالەم تورىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنى ئاتالمىش <جۇڭگو ئالەم تورى> بولسا خىتاي پۇخرالىنى نازارەت قىلىدىغان <ئالەم كۆزى> بولۇپ، بۇ تور دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نازارەت تورى ھېسابلىنىدىكەن، يەنى يۈز قىسىمىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق نازارەت ئېكرانى ئاستىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئاساسىي ئارخىپىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، پەقەت نىشانغا ئېلىنغان يۈزنى بايقىسىلا، ئالەم تورى دەرھاللار نازارەتنى باشلايدىكەن.
BBCنىڭ مۇخپىرى ئۆزى بىۋاسىتە بۇ تورنى سىناق قىلغان ۋە 7مىنۇتتىلا قولغا چۈشۈپ قالغان. BBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئالەم تورى ئۈچۈن 170مىليۇن كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ <ئالەم كۈزى>نىڭ سانى 400مىليۇنغا يەتكۈزۈلىدىكەن. لېكىن بۇنىڭدەك جىنايەتچىگە قېچىپ كېتىشكىمۇ پۇرسەت قويمىغان <جۇڭگو ئالەم تورى> ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ناھايىتى قىزىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى، ئەسكى ئادەملەرنى ئىزدەشكە ئەسقاتمايدىغان ئالەم تورى، باشقىچە پىكىرىدىكى كىشىلەرنى تۇتۇشقا بەكمۇ ئەسقاتىدۇ! چۈنكى ۋىجدان مەھبۇسى ليۇ شاۋبونىڭ دېڭىز دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان باشقىچە پىكىرىدىكى ئايال يازغۇچى لى شۆۋېن گۇاڭجۇ ۋوگزالىدا ئالەم تورى ئارقىلىق تۇتۇلغانىدى. 
سىياسىي كۆزەتكۈچى جاڭجيەن مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان جۇڭگودا نېمىشقا ھەر يىلى يەنە شۇنچە كۆپ بالىلار يۈتۈپ كېتىدۇ؟ ئەگەر مۇقىملىقنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلىپ كۆزىتىش كامېراسى ئورناتقان بولسا بۇ پەقەت خەلقنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورالغا ئايلىنىدۇ. 
بېيجىڭ باھارى جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلار كۆزىتىش كامېراسى ئاستىدا جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇنىڭ سورىقى بولغاندا كامېرا بۇزۇلۇپ قالغان بولىدۇ. دېمەك، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە 1مىلياردقا يېقىن يۈز قىسىمىنى پەرقلەندۈرۈش ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، يەنە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشنى پىلان قىلغان . ئاتالمىش شىنجاڭغا قارايدىغان بولساق، پويىز ئىستانسسىلىرى، كوچا –كويلار، مېھمانخانىلار، بانكا ھەتتا ھاجەتخانا ۋە لېفتلەرمۇ ئالەم تورىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەن. 
جۇڭگونىڭ تېخنىكا خادىملىرى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش خىزمىتى دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يۈز مىڭ ئادەمنى كونترول قىلىشقا يېتىدىغان كۆزىتىش ئاپاراتلىرى ئارقىلىق بىر مىليۇن ئادەمنى كۆزىتىشكە تامامەن بولىدىكەن. 
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇجيا مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭ بولسا پىچاق بىلەيدىغان جاي، شىنجاڭدىكى بۇ خىل ھالەت نۆۋىتى كەلسە جۇڭگونىڭ ھەر قانداق يېرىدە يولغا قويۇلىشى مۇمكىن. 
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ناھايىتى مۇلايىم خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچقانداق قورال يوق شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قاتتىق قول تۈزۈم بىلەن باستۇرۇشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتاي – ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇستەبىت ھاكېمىيەتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سىستېمىسى خۇددىي راك ھۆجەيرىلىرىدەك ھەر تەرەپكە كېڭىيىپ ، ئەنگېلىيە يازغۇچىسى جورجى ئورۋېل(George Orwell)نىڭ <1984> ناملىق رومانىدىكى <چوڭ ئاغا> ئوبرازى خىتاينىڭ ئالەم تورى ئارقىلىق رېئاللىقتا پەيدا بولىدۇ. جورجى ئورۋېلنىڭ بۇ كىتابى 1949-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا تەسۋىرلەنگىنى ئاساسلىقى مۇستەبىت ھاكېمىيەتنىڭ زوراۋانلىقلىرى بولۇپ. كىتاپتىكى باش پېرسۇناج <چوڭ ئاغا> بولسا دەل شۇ مۇستەبىت ھاكېمىيەتكە سىمۋۇل قىلىنغان. 
تەرجىمىدە:ئاسىيە ئۇيغۇر