شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى خىتتايغا قايتۇرماسلىققا مۇراجىئەت قىلدى

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 13- فېۋرال مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق يوللاپ، مالايسىيادا تۇتۇلغان 11نەپەر ئۇيغۇرنى خىتتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر بىرلىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چاقىرىق مەكتۇبىدا مۇنداق دېيىلگەن:

خىتتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىككى  ئاي ئىلگىرى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان بولۇپ، ھازىر مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئۇلار ئەسلىدە «تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن تۆھمەت بىلەن 2014 – يىلدىن بۇيان  تايلاند تۈرمىسىگە قامالغان ئىدى.

بۈگۈن مەتبۇئاتلاردا،  خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنى  قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ  قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار  ئىزدېرەكسىز  يوقاپ كەتتى. خىتتاي ئۇلار ھەققىدە خەلقئاراغا مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتتى. مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ، تايلاندتىن خىتتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ خىتتاي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ئارقىلىق مالايسىياغا كەلگەندىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقتۇر، پەقەت بىر ئىنسان ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەركىنلىكى بىلەن ئىنساندەك ياشاش ئارزۇسىدىن باشقا ھېچ قانداق مەقسىتى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ  بۇ مەسىلىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

شۇنداقلا،  خىتتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتتايغا قايتۇرۇلسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە قامىلىدۇ، ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن، مۇسۇلمان دىنىي قېرىندىشى بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرۇپ بەرمەستىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىگى.

2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى.

20180213_161649

تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا  جەمئىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى.

2. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى.

3. شەرقىي تۈركىسىتان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى.

4. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى.

5. ئىمان دىيارى ئىلىم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى.

6. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى.

7. ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپى.

8. ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى.