دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى «قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش» بىكار قىلىندى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى - ئىنتېرپول دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەققىدە چىقارغان «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»نى بىكار قىلدى.  
ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «ئادىل سوتلىنىش» (Fair Trials International) ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ تورىدا 23- فېۋرال «ئىنتېرپول مەزلۇم ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا ھەققىدىكى قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشنى بىكار قىلدى» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر بېرىلگەن.  
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاگو رۇسسېل مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇنىڭ سۈرگۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بىز ئىنتېرپولنىڭ ئەرز قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىتاينىڭ قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشنى خالىغانچە پايدىلىنىشىغا "ياق" دېيەلىگەنلىكىگە خۇشال بولدۇق.» 
دولقۇن ئەيسا 1988- يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغان. ئۇ 1996- يىلى گېرمانىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىنچە گېرمانىيە پۇقراسى بولغان.  
دولقۇن ئەيسا 1999- يىلى خىتاينىڭ ئۆزى ھەققىدە قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى بىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ سوتقا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇش سەۋبلىك دولقۇن ئەيسا كورىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىشتە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلگەن.  
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، دولقۇن ئەيسانىڭ دىلوسى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ساقچى مىخانىزمىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەكلىنى يۇرۇتۇپ بەردى.